قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۆز مىللىي قەدىرىيەتلىرىنى ساقلاشقا تىرىشماقتا
2024.06.06
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، باشقا جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستانمۇ مۇستەقىللىق ئالغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان قازاقىستاندىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارمۇ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەت يارىتىپ بەرگەن مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىي-مائارىپ ئىشلىرىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە راۋاجلاندۇرماقتا.
ھازىر قازاقىستاندا پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى، قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسىنىڭ تەركىبىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. شۇ جۈملىدىن ئۇنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردىكى شۆبىلىرىنىڭمۇ ئۆز كۈنتەرتىپى بويىچە پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇلارنىڭ بىرى ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىدۇر. ناھىيەنىڭ مەركىزى چونجا يېزىسىدا ئورۇنلاشقان بۇ جەمئىيەتلىك بىرلەشمىنى ئارلېن ئوسمانوف باشقۇرماقتا. مەزكۇر مەركەزنىڭ يېتەكچىلىكىدە ناھىيەدە كۆپلىگەن پائالىيەتلەر، شۇ جۈملىدىن ئاۋات يېزىسىدا ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىگە بېغىشلانغان چوڭ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.
بىز ئۇيغۇر ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئارلېن ئوسمانوف بىلەن ئالاقىلەشكىنىمىزدە، ناھىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قازاق خەلقى بىلەن دوستانە ۋە ئىناق ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت يارىتىپ بېرىۋاتقان ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئارلېن ئوسمانوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ مەقسىتى، تارىخىمىزنىڭ قەدىمىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى مۇشۇ زامانغا لايىق راۋاجلاندۇرۇپ، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇ جۈملىدىن ناھىيەگە يېڭىدىن كەلگەن ھاكىم بوتا سېرىك قىزىنىڭ ‹يېقىندىن تونۇشساق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى بولسا› دېگەن ئىلتىماسى بولغاچقا، ناھىيەمىز مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئەزالىرى، يىگىت باشلىرى، خانىم-قىزلار، نۇرانىي ئانىلار، ئاقساقاللار كېڭەشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن مۇشۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ناھىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى سىياسەت خادىملىرى، مەدەنىيەت بۆلۈمى باشلىقلىرى، مەدەنىيەت ئۆيىنىڭ رەئىسى، ناھىيەدىكى ‹ئارزۇ› ئانسامبىلى رەھبىرىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ياخشى پىروگرامما تۈزۈلۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇندىن كېلىۋاتقان ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئويۇنلىرى، تائاملىرى كۆرسىتىلدى.»
ئارلېن ئوسمانوف ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىدىن قالغان ھەر خىل مىللىي ئويۇنلارنىڭ، رەسىم-قائىدىلەرنىڭ كۆپچىلىكتە چوڭ قىزىقىش پەيدا قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، ئوشۇق ئويناش، تەپكۈچ تېپىش، ئوقتاش ئويناش، ۋەللەي ئويناش، مېھمان كۈتۈش ۋە تۆرگە تەكلىپ قىلىش قاتارلىق ئۆرپ-ئادەتلىرى، شۇنىڭدەك مىڭ يىللىق تارىخى بار مەشرىپىمىزدىن قىسقا ئۈزۈندىلەر كۆرسىتىلىپ، مەشرەپنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، قانچە قىسىمدىن تۈزۈلىدىغانلىقى، قانچىلىك تۈرى بار ئىكەنلىكى، ئۇنى نېمە ئۈچۈن قىلىدىغانلىقى نامايىش قىلىندى. ھازىر تېرىلغۇ بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا ‹تېرىلغۇ مەشرىپى› دەپ ئاتىلىپ، ئۇنىڭ تۆت قىسمى بولىدىغانلىقى، بۇرۇندىن ‹بالاڭنى مەكتەپكە، ئاندىن مەشرەپكە بەر› دەيدىغان قائىدىنىڭ بارلىقى، بالىلىرىنى مەشرەپكە ئېلىپ كەلگەن كۆرۈنۈشلەر، شۇنىڭدەك كۆرگەزمە ئورنىدا قاپاق، چۆمۈچ ۋە باشقىمۇ بۇيۇملارنى قانداق بېزەش ئىشلىرى ناھىيەمىزدىكى خەلقنىڭ قول ھۈنەرلىرى مىسالىدا كۆرسىتىلدى.»
ئارلىن ئوسمانوفنىڭ ئورۇنباسارى سەيدالىم ئامۇتوف ئەپەندى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە بۇ ئەلدە ياشايدىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بۆلەكچە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستان دىيارىدا مەكتەپلىرىمىز بار. بالىلىرىمىز ئانا تىلىدا ئەركىن سۆزلەيدۇ. تىياتىرىمىز، سەنئىتىمىز يوقالمىدى. جۈملىدىن ئۇيغۇر ناھىيەسىدە خەلقنىڭ ئاتاقلىق ‹ئارزۇ› ئانسامبىلى، يېزىلاردا ئۆزلىرىنىڭ سەنئەت ھەۋەسكارلىرى ئۆمەكلىرى بار. بىزدە سەنئەت يوقىمىغان ھەم يوقىمايدۇ دەپ ئىشەنچلىك ئېيتسام بولىدۇ. چۈنكى ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى، بارلىق مۇراسىملىرىمىزنى بۇرۇن ئاتا-بوۋىمىزدىن قالغانلىرى بويىچە ساقلاپ كېلىۋاتىمىز. توي مۇراسىملىرىنىمۇ ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتىمىز. مەسىلەن، ھاي-ھاي ئۆلەڭ، قىز ئۇزىتىش، تاغ مىلىسى، نىكاھ قىلىش، ئەلچى ئەۋەتىش ۋە باشقىمۇ ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىز ھېچقاچان ئۇنتۇمىدۇق.»
سەيدالىم ئامۇتوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قەدرىيەتلىرىنى ساقلاش ۋە تەرغىب قىلىش يۆنىلىشىدە ناھىيەدە ھەر قانداق پائالىيەتلەر پات-پات ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىكەن. نۆۋەتتە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ئاۋات يېزىسىدىكى ھېزىم ئىسكەندەروف نامىدىكى مەكتەپ مەمۇرىيىتى، ئۇستاز ۋە ئوقۇغۇچىلىرى ئاكتىپ قاتناشقان.
سەيدالىم ئامۇتوف يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى بىر نەچچە تۈرگە بۆلدۇق. بىرىنچى، كۈتۈۋېلىش مەسىلىسى. ئىككىنچى، كىرىش بۆلۈمى بولۇپ، شۇ يەردە رىياسەتچىلەر ئۆتۈۋاتقان پائالىيەتنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، مېھمانلارنى تۆرگە تەكلىپ قىلدى. ئۇ يەردە كارناي-سۇنايلار بىلەن ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز بويىچە مېھمانلارنى مەشرەپ بولىدىغان باراڭلىققا تەكلىپ قىلدۇق. ئاندىن ئۇلارنى ئىككىنچى باراڭلىقتىكى ئاياللارنىڭ گۈلچاي مەشرىپىگە چاقىردۇق. ئۇ يەردە ئاياللارنىڭ سامبۇسىلارنى ياساپ، ساڭزىلارنى ئېشىپ، ئاندىن قازان ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، قايناۋاتقان مايدا ئۇلارنى پىشۇرۇپ ئولتۇرغان كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرگەندە ھاكىم بوتا سېرىك قىزى ناھايىتى قاتتىق تەسىرلەندى.»
سەيدالىم ئامۇتوف بولۇپمۇ كېلىننى سالامغا ئېلىپ كېلىش كۆرۈنۈشىنىڭ مېھمانلارنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ھاياجانلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «چىرايلىق بېزەلگەن باراڭلىقنىڭ ئاستىدا شۇ قىزىمىزغا تەلىم بېرىش، ئۇنىڭغا كېلەچەكتە شۇ كەلگەن ئۆيدە ئۆزىنى قانداق تۇتۇش، قانداق ياشاش توغرىلىق چوڭ تەلىم بېرىلدى. ئۇنىڭ بىر قۇلىقىغا ياغلىقنىڭ بىر ئۇچىنى تىقىپ قويۇپ، ئىككىنچى قۇلىقىغا سۆزلەش ۋەھاكازا. قىزنىڭ يۈزىنى ئېچىشتا ھاكىمىمىزغا ئىلتىماس قىلدۇق. ئۇ قىزنىڭ يۈزىنى ئاچتى. شۇنداق قىلىپ گۈلچاينىمۇ چىرايلىق ئۆتكۈزدۇق. ئاندىن مېھمانلارنى قولىغا سۇ ئېلىپ، چوڭ باراڭلىققا تەكلىپ قىلدۇق. ئۇ يەردە ئۇيغۇر ۋە قازاق مىللىتى ۋەكىللىرىدىن چوڭ-چوڭ مېھمانلار چاقىرىلغان بولۇپ، 50 كە يېقىن ئادەم ئولتۇردى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تىلەكلىرىنى ئېيتىشتى.»
ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا «ئۆزگەرتىپ قۇرۇش» ياكى «قايتا قۇرۇش» سىياسىتى كەڭ قانات يېيىشقا باشلىغان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھەر ساھەلەردە كۆپلىگەن ئىسلاھاتلار يۈرگۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى بارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە ياشاۋاتقان خەلقلەر ئۆز ئانا تىلىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، مائارىپىنى، ئەدەبىياتىنى، مەدەنىيىتىنى، سەنئىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ۋە تەرغىب قىلىش، ئەۋلادلىرىنى مىللىي روھتا تەربىيەلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغانىدى.









