قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈر تەنھەرىكەتچى ئىبراھىم ئەبەيدۇللايېف رۇسىيەدە چېمپىيون بولدى

ئالمۇتادىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان تەييارلىدى
2024.01.17
Ibrahim-ebeydullayef-03

چاڭغىدا ئېگىزلىكتىن سەكرەش بويىچە كىچىكلەر گۇرۇپپىسىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئىبراھىم ئەبەيدۇللايېف (ئىۋرايىم ئەبەيدۇللايېف) بىرىنچىلىكنى ئېلىپ چېمپىيون بولغان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى يانۋار، رۇسىيە RFA/Oyghan

Ibrahim-ebeydullayef-01

چاڭغىدا ئېگىزلىكتىن سەكرەش تەنھەرىكەتچىسى ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئىبراھىم ئەبەيدۇللايېف (ئىۋرايىم ئەبەيدۇللايېف). 2024-يىلى يانۋار، رۇسىيە RFA/Oyghan

Ibrahim-ebeydullayef-02

چاڭغىدا ئېگىزلىكتىن سەكرەش تەنھەرىكەتچىسى ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئىبراھىم ئەبەيدۇللايېف (ئىۋرايىم ئەبەيدۇللايېف). 2024-يىلى يانۋار، رۇسىيە RFA/Oyghan

Ibrahim-ebeydullayef-05

چاڭغىدا ئېگىزلىكتىن سەكرەش بويىچە كىچىكلەر گۇرۇپپىسىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئىبراھىم ئەبەيدۇللايېف(ئوتتۇرىدا) (ئىۋرايىم ئەبەيدۇللايېف) بىرىنچىلىكنى ئېلىپ چېمپىيون بولغان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى يانۋار، رۇسىيە RFA/Oyghan

Ibrahim-ebeydullayef-04

چاڭغىدا ئېگىزلىكتىن سەكرەش بويىچە كىچىكلەر گۇرۇپپىسىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئىبراھىم ئەبەيدۇللايېف (ئىۋرايىم ئەبەيدۇللايېف) بىرىنچىلىكنى ئېلىپ چېمپىيون بولغان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى يانۋار، رۇسىيە RFA/Oyghan

Ibrahim-ebeydullayef-07

چاڭغىدا ئېگىزلىكتىن سەكرەش تەنھەرىكەتچىسى ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئىبراھىم ئەبەيدۇللايېف (ئىۋرايىم ئەبەيدۇللايېف). 2024-يىلى يانۋار، رۇسىيە RFA/Oyghan

Ibrahim-ebeydullayef-06

چاڭغىدا ئېگىزلىكتىن سەكرەش تەنھەرىكەتچىسى ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئىبراھىم ئەبەيدۇللايېف (ئوڭدا) (ئىۋرايىم ئەبەيدۇللايېف). 2024-يىلى يانۋار، رۇسىيە RFA/Oyghan

يېقىندا رۇسىيەنىڭ پېرم ئۆلكىسىدە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ چاڭغىدا ئېگىزلىكتىن سەكرەش بويىچە خەلقئارا مۇسابىقە بولۇپ ئۆتتى. «يېڭى يىللىق سەپەر» دەپ ئاتالغان بۇ مۇسابىقىگە رۇسىيە، بېلورۇسىيە ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن 8 ياشتىن 13 ياش ئارىلىقىدىكى 150تىن ئوشۇق تەنھەرىكەتچى قاتناشتى. بۇ 19-قېتىملىق مۇسابىقە بولۇپ، بۇ يىل بۇ مۇسابىقە پېرم، بېرېزنىكى ۋە چايكوۋسكىي شەھەرلىرىدە بىر نەچچە باسقۇچلار بويىچە ئۆتكۈزۈلدى.

رۇسىيەنىڭ چاڭغىدا ئېگىزلىكتىن سەكرەش بىرلەشمىسىنىڭ ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، كىچىكلەر گۇرۇپپىسىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئىبراھىم ئەبەيدۇللايېف (ئىۋرايىم ئەبەيدۇللايېف) بىرىنچىلىكنى ئېلىپ چېمپىيون بولغان. باشقا گۇرۇپپىلاردىن ئالېكسېي درېمچېنكو قاتارلىق بىر قىسىم قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچىلەرمۇ مۇكاپاتلىق ئورۇنلارغا ئېرىشكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندىن چىققان داڭلىق ئۇيغۇر ماھىر، يەنى «ئۇچقۇر چاڭغىچى» دەپ ئاتالغان تۇيغۇن ناسىروف 2020-يىلى ئالمۇتادا ئابدۇللام سامساقوف تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇرلار. ئېنسىكلوپېدىيەلىك مەلۇماتنامە» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن. مەزكۇر كىتابتا ئېيتىلىشىچە، 1948-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن تۇيغۇن ناسىروف چاڭغىدا ئېگىزلىكتىن سەكرەش بويىچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق چېمپىيونى بولغان. ئۇ، 20 يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت تەنھەرىكەتنىڭ مۇشۇ تۈرى بويىچە قازاقىستاننىڭ قۇرالما كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بولغان.

بىز مەرھۇم چاڭغا تەنھەرىكەتچىسى تۇيغۇن ناسىروفنىڭ ھازىر ئالمۇتا شەھىرىنىڭ گورپنىي گىگانت مەھەللىسىدە تۇرىدىغان رەپىقىسى گۈلجاھان ھەدە بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىبراھىم ئەبەيدۇللايېف ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئىبراھىم ئەبەيدۇللايېف 12 ياشتا. ئۇ گورنىي گىگانت مەھەللىسىدە تۇرىدۇ. ئالمۇتا شەھىرىدىكى ‹يېڭى شۇڭقار› چاڭغىدا سەكرەش مەيدانىدا مەشىقلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تۇنجى مەشقاۋۇلى سېرگېي لىپىخىنمۇ مۇشۇ گورنىي گىگانتلىق. ئىبراھىم ياخشى نەتىجىلەرنى، ئۆزىنىڭ باشلامچىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىغاندا، قازاقىستاننىڭ بالىلار قۇرالما كوماندىسى تەركىبىگە قوبۇل قىلىندى. بۇ كوماندا كۆپلىگەن خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە تەكلىپ قىلىندى. كۆپلىگەن يىللار داۋامىدا رۇسىيەنىڭ ئۈچ شەھىرىنىڭ تۆت چاڭغىدا سەكرەش مەيدانىدا تەنھەرىكەتچىلەر ئۆز كۈچىنى سىناپ كەلگەن ئىدى. ئىبراھىم پۈتكۈل 2023-يىل داۋامىدا ئەنە شۇ مۇسابىقىگە تەييارلاندى. مەشقاۋۇللارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئۆز نەتىجىلىرىنى بەردى. ئۈچ باسقۇچتىن ئۆتكەن ئىبراھىم باشلامچى ماھىرلار سېپىگە كىردى. قازاقىستان كوماندىسى مېداللار بويىچە رېكورت ياراتتى. بۇ مەزكۇر خەلقئارا مۇسابىقىلەر باشلانغاندىن بۇيان يۈز بەرگەن بىرىنچى ۋەقە بولدى.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئىبراھىم ئەبەيدۇللايېف قازاقىستان كوماندىسىغا ئۈچ مېدال ئېلىپ كەلدى. بىز ئىبراھىمنىڭ كېلەچەكتە دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، مۇكاپاتلىق ئورۇنلارنى ئېلىشىغا ۋە ھەتتا ئولىمپىك چېمپىيونى بولۇشىغا ئىشىنىمىز. مەن بارلىق ياش تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇشۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي، بارلىق كۈچىنى، تالانتىنى خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە سەرپ قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن. بىز ياشلىرىمىزنىڭ دۇنيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە داۋاملىق چېمپىيون بولۇشىنى خالايمىز.»

ئىبراھىم ئەبەيدۇللايېف رۇسىيەدە بولۇپ ئۆتكەن مەزكۇر مۇسابىقىدە ئىككى باسقۇچتا بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن بولسا؛ ئۈچىنچى باسقۇچتا كۈمۈش مېدالغا، ئومۇمىي كۆرسەتكۈچلىرى بويىچە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن. تەنھەرىكەت ماھىرلىقىغا كاندىدات ئىبراھىم ئەبەيدۇللايېف 2022-2023-يىللىرى ئىككى مەرتەم رۇسىيەنىڭ سانكىت-پېتېربۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەرنىڭ چېمپىيونى. ئۇ شۇنداقلا 2023-يىلى قازاقىستان بويىچە ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا چېمپىيون بولغان.

گۈلجاھان ناسىروۋا خانىم يەنە تەنھەرىكەتنىڭ چاڭغىدا ئېگىزلىكتىن سەكرەش تۈرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ تەنھەرىكەتنىڭ گۈزەل ھەم جەسۇرلۇق تەلەپ قىلىدىغان بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ 1924-يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنىڭ پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇلارنى ‹ئۇچقۇر چاڭغىچىلار› دەپ بىكار ئېيتمىغان. ئۇلار خۇددى تاغ قۇشلىرىغا ئوخشاش ئېگىز تاغلارنى ئايلىنىپ ئۇچىدۇ. بۇ تەنھەرىكەت ئادەملەردە قورقۇمسىزلىقنى، باتۇرلۇقنى، ئېگىزلىكتىكى ئەركىن پەرۋاز تۇيغۇلىرىنى تەربىيەلەيدۇ. تەنھەرىكەتچىنىڭ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇلاردىن ئىنتايىن كۆپ ئەمگەك، تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىلگىرى يىراققا ئۇچۇش دىققەت مەركىزىدە بولغان بولسا، ھازىر ئاساسەن ئۇچۇش تېخنىكىسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدۇ. مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بارلىقى داڭلىق چاڭغىچى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن مەشقاۋۇلى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەنھەرىكەت ماھىرى تۇيغۇن ناسىروفتا مۇجەسسەملەنگەن ئىدى. ئۇنىڭ يەتكەن ئۇتۇقلىرى ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە پات-پات ئېلان قىلىنىپ تۇردى. بۇنىڭدىن روھلانغان كۆپلىگەن گورنىي گىگانتلىق ياشلار تەنھەرىكەتتىكى تۇنجى قەدىمىنى مۇشۇنىڭدىن باشلىدى. تۇيغۇن ناسىروف ئۆزىدىن كېيىن تالانتلىق ياشلارنى تەربىيەلەپ كەتتى.»

گۈلجاھان ناسىروۋا خانىم، دىلشات مىرايېف، سابىرجان مۆمىنوف، ھەسەن توختاخۇنوف، ئەكرەم ئادىلوف، ئىلشات قادىروف، نۇرشات تۇرسۇنجانوف، ئىبراھىم ئەبەيدۇللايېف قاتارلىق ياشلارنىڭ قازاقىستاندا ۋە خەلقئارادا چوڭ ئۇتۇقلار قازانغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى باھارەم رەجەپوۋا مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندا تەنھەرىكەتنىڭ ھەر تۈرلىرىدىن يېتىلىپ چىققان ئۇيغۇر ياشلىرى كۆپلەپ مەيدانغا كەلمەكتە. بوكس، كىكبوكسىڭ (يەنى ئەركىن مۇشتلىشىش)، كاراتې (يەنى قائىدىسىز چېلىشىش)،  جۇ جىتسۇ (يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش)، گىمناستىكا ۋە باشقا تۈرلەردە دۇنيا چېمپىيونلىرى بولغان قىز-يىگىتلىرىمىز كۆپچىلىككە ياخشى تونۇش. يېقىندا چاڭغا بىلەن ئېگىزلىكتىن سەكرەش بويىچە يۇرتدىشىمىز ئىبراھىم ئەبەيدۇللايېف رۇسىيەدە بولۇپ ئۆتكەن خەلقئارا مۇسابىقىدە مۇكاپاتلىق ئورۇنلارنى ئېلىپ قايتتى. بۇ مۇسابىقىدە ئىبراھىم ئۆزىنىڭ قورقۇمسىزلىقىنى، تالانتىنى نامايىش قىلىپ، رۇسىيەنىڭ يىراق پېرىم ئۆلكىسىدە قازاقىستاننىڭ تۇغىنى ئېگىز كۆتۈردى. تەنھەرىكەتنىڭ مۇشۇ تۈرى بويىچە دۇنياغا تونۇلغان تۇيغۇن ناسىروفنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېلىۋاتقان ئەنە شۇ ئىبراھىم ئەبەيدۇللايېف، شۇنداقلا ئىلشات قادىروف، ئىسلام تۇردىباقىيېف، سابىرجان مۆمىنوف، نۇرشات تۇرسۇنجانوف قاتارلىق يىگىتلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. بۇلارنىڭ بارلىقى قازاقىستان ۋە دۇنيا مۇسابىقىلىرىنىڭ چېمپىيونلىرى. ئۇلار پەقەت ئېلىمىز قازاقىستاننىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىمۇ دۇنياغا تونۇتۇۋاتقان قەيسەر ئوغلانلىرىمىزدۇر. مەن ئۇلارغا يەنىمۇ ئېگىز چوققىلاردىن ئۇچۇڭلار، بىزنى چوڭ ئۇتۇقلار بىلەن خۇشال قىلىڭلار، دېمەكچىمەن.»

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ياشلىرىدىن يېتىلىپ چىقىۋاتقان قازاقىستاننىڭ تەنھەرىكەت بويىچە ماھىرى ئىلشات قادىروف رۇسىيە، سىلوۋېنىيە، پولشادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇسابىقىلەردە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن. خەلقئارا دەرىجىلىك تەنھەرىكەت ماھىرى سابىرجان مۆمىنوف بولسا، بىر نەچچە دۇنيا مۇسابىقىلىرىنىڭ قاتناشقۇچىسى بولۇپ، 2017-يىلى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن قىشلىق ئاسىيا مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەن. نۇرشات تۇرسۇنجانوف – تەنھەرىكەت ماھىرى، قازاقىستاننىڭ بىر نەچچە مەرتەم چېمپىيونى، رۇسىيە ۋە باشقىمۇ ئەللەردە بولۇپ ئۆتكەن مۇسابىقىلەرنىڭ غالىپى ۋە قاتناشقۇچىسى. قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۇلاردىن ۋە باشقىمۇ ياش تەنھەرىكەتچىلەردىن پەخىرلەنمەكتە ۋە يەنىمۇ كۆپ ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.