دۇنيادىكى بىردىنبىر «ئۇيغۇر تىياتىرى» ئۆزىنىڭ 90 يىللىقىنى قۇتلۇقلىدى

پۈتكۈل ئالەمدە بىرلا ئۇيغۇر تىياتىرى بار. باشقا تىياتىر يوق. شۇڭلاشقا ئۇنى يۇنېسكوغا (ب د ت پەن مائارىپ ۋە مەدەنىيەت كومىتېتىغا) ئۆتكۈزۈش كېرەك. شۇنىڭغا تەييارلىنىڭلار، يۇنېسكوغا كىرگۈزۈشكە بەيگىگە چۈشەيلى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 17-ئىيۇن. ئالمۇتا RFA/Oyghan

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتى، مەدەنىيىتىنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ئېڭى نامى ئاستىدا خىتايلاشتۇرۇۋاتقان، ھەتتا يوقىتىۋاتقاندا دۇنيادىكى بىردىنبىر كەسپىي ئۇيغۇر تىياتىرى ھېسابلىنىپ كېلىۋاتقان قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى ئۆزىنىڭ 90 يىللىقىنى قۇتلۇقلىدى.

 ئالمۇتا شەھىرىگە ئورۇنلاشقان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى قازاقىستان دۆلەتلىك ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكا-كومېدىيە تىياتىرى بۇ يىل ئۆزىنىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىنى قارشى ئالدى. قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات مىنىستىرلىقى قارمىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزكۇر سەنئەت دەرگاھى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى.

قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات مىنىستىرلىقى ۋە بىر قاتار ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىياتىر قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى 17-ئىيۇن تىياتىر بىناسىدا باشلانغان. بۇ كۈنى مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات مىنىستىرلىقىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن 1-قېتىملىق تىياتىر فېستىۋالىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇنىڭغا مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى قازاق مىللىي دىراما تىياتىرى، جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئاكادېمىيەلىك كورېيان تىياتىرى، «ژاڭا غاسىر» تىياتىرى، «ئالاتاۋ» ئەنئەنىۋى سەنئەت تىياتىرى، قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇزىكىلىق ئويۇنلىرىنى كۆرسەتكەن. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر تىياتىرى ئاتاقلىق رېژىسسور، مەرھۇم مۇھىت ھېزىموفنىڭ «ئانارخان» كىلاسسىك دىراما ئەسىرىنى قويغان.

فېستىۋالنىڭ ئىككىنچى كۈنى ژۈرگېنوف نامىدىكى قازاق مىللىي سەنئەت ئاكادېمىيەسى ۋە ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا «قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر تىياتىرى دۇنياۋى سەھنە سەنئىتىنىڭ تەرەققىيات كونتېكىستىدا» ماۋزۇسىدا خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇنىڭدا دوكلاتچىلار تىياتىر تارىخى، ئۇنىڭ تەرەققىيات يوللىرى ۋە كېلەچىكى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

فېستىۋالنىڭ تۆتىنچى كۈنى بولسا، تەنتەنىلىك كەچلىك سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى مارات ئەزىلخانوف مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىغا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايېفنىڭ يوللىغان تەبرىكنامىسىنى يەتكۈزدى ۋە بىر گۇرۇپپا تىياتىر ئارتىسلىرىغا قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسىنىڭ پەخرىي يارلىقلىرىنى تاپشۇردى. تەنتەنىدە شۇنىڭدەك قازاقىستاننىڭ باش مىنىستىرى ئولژاس بېكتونوف، قازاقىستان پارلامېنتى يۇقىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى مائۇلېن ئەشىمبايېف، ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ھاكىمى مارات سۇلتانغازىيېف ۋە ئالمۇتا شەھىرى ھۆكۈمىتىنىڭ يوللىغان تەبرىكنامىلىرى يەتكۈزۈلدى.

نۆۋەتتە سۆزگە چىققان قازاقىستاننىڭ ئەمگەك قەھرىمانى، قازاقىستان تىياتىرلار بىرلەشمىسىنىڭ پىرېزىدېنتى ئاسانەلى ئەشىموف مۇنداق دېدى: «بۈگۈن چوڭ تىياتىرنىڭ چوڭ تەۋەللۇتى بولۇۋاتىدۇ. بۇ تىياتىر بىلەن مېنىڭ تونۇشلۇقۇم، دوستلۇقۇم بۇرۇندىن باشلانغان. ئەخمەت ئاكا شەمىيېف مېنىڭ دادامدەك بولۇپ، ماڭا تەربىيە بەرگەن ئادەم. دوستلاشتۇق، بىرگە يۈردۇق، كىنودىمۇ بىرگە رول ئالدۇق. روشەنگۈل ئېلاخۇنوۋا، توختاخۇنغا ئوخشاش كۆپلىگەن ئارتىسلار مېنىڭ دوستلىرىم. شۇنىڭ بارلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، زىيا سەمەدىنىڭ ‹مايىمخان› رومانى بويىچە مەن ‹ئەجدىھا يىلى› دېگەن ئۇيغۇر تارىخىدا تۇنجى قېتىم فىلىم ئىشلىدىم. قۇرۋانجان سېتەكوفقا ئوخشاش بارلىق دوستلىرىم ماڭا ياردەم بەردى. شۇ فىلىم پۈتكۈل سوۋېت ئىتتىپاقى فېستىۋاللىرىدا ياخشى ئاتاققا ئىگە بولدى. شۇنداقلا ‹ئاتاماننىڭ زاۋالى›، ‹چۇقان ۋەلىخانوف› ناملىق فىلىملارغا مۇشۇ دوستلىرىمنى چاقىردىم. شۇنىڭ ئۈچۈن سەنئەتتىكى دوستلۇق دېگەن ئۇ مەڭگۈلۈك دوستلۇق، ياخشى دوستلۇق. مۇشۇنداق ياخشىلىق كۆرگەن دوستلارنى مەن تەبرىكلەيمەن. بۈگۈن بارلىق ئىشلىرىمنى تاشلاپ، سىلەرنىڭ چوڭ تويلۇرۇڭلارغا كېلىپ تۇرىمەن. پۈتكۈل ئالەمدە بىرلا ئۇيغۇر تىياتىرى بار. باشقا تىياتىر يوق. شۇڭلاشقا ئۇنى يۇنېسكوغا (ب د ت پەن مائارىپ ۋە مەدەنىيەت كومىتېتىغا) ئۆتكۈزۈش كېرەك. شۇنىڭغا تەييارلىنىڭلار، يۇنېسكوغا كىرگۈزۈشكە بەيگىگە چۈشەيلى. بۈگۈن خەلقمۇ راھەتلىنىپ تۇرىدۇ. ئالدىمدا سۆزلىگەن دوستلارمۇ چىن يۈرىكىدىن چىققان ياخشى سۆزلەرنى ئېيتىۋاتىدۇ. رەھمەت! توي، بايرام بولسا، مۇشۇنداق بولسۇن. »

نۆۋەتتە سۆزگە چىققان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ مۇدىرى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن سەنئەت ئەربابى دىلمۇرات باھاروف فېستىۋال قاتناشقۇچىلىرىغا خاتىرە سوغىلىرى ۋە گۇۋاھنامىلەر تاپشۇردى.

فېستىۋال داۋامىدا چوڭ كونسېرت پىروگراممىسى كۆرسىتىلدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ تونۇلغان ئارتىسى ئالىمجان ئەيسايېف ئەپەندى قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغان يىللىرى تىياتىرنىڭ ئىككى قېتىم چوڭ رېمونتتىن ئۆتۈپ، زامانىۋى تىياتىرغا ئايلانغانلىقىنى، ئىككىنچىدىن، ھازىرقى ژۈرگېنوف نامىدىكى قازاق مىللىي سەنئەت ئاكادېمىيەسىدە ئىككى مەرتەم ياش كادىرلارنىڭ يېتىلىپ چىقىپ، تىياتىردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىلمۇ يەنە بىر گۇرۇپپا ياش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئالىمجان ئەيسايېف يەنە مۇنداق دېدى: «1964-يىلى بىرىنچى قېتىم ئۇيغۇر تىياتىرىدا كىنو ئارتىسلىرىنى تەييارلايدىغان ئىككى يىللىق ئىستۇدىيە ئېچىلدى. شۇنىڭغا ئوقۇشقا كىرىپ، شۇنىڭدىن باشلاپ 60 يىل مابەينىدە تىياتىردا ئىشلەپ كېلىۋاتىمەن. مەن ئۆزۈمنى ئامەتلىك كىشى دەپ ھېسابلايمەن. سەۋەبى مەن تىياتىرنىڭ ئاساسىنى قۇرغان، تىياتىرنىڭ ھەقىقىي جانكۆيەرلىرى، ناھايىتى تالانتلىق، ئۇلۇغ ئادەملەر بىلەن بىللە ئىشلەش ئامىتىگە مۇيەسسەر بولدۇم. راست، مائاش ئاز، قىينالدۇق. بىراق شۇلاردىن تىياتىرنى قانداق سۆيۈشنى ئۆگەندىم. تىياتىردىن چىقىپ كېتەلمىدىم. سەۋەبى تىياتىرغا بولغان مۇھەببەت ھەممە بايلىقلاردىن ئۈستۈن ئىكەن. ھەتتا ئاچ قالغان چاغلاردا تىياتىرنى ياپمايمىز دەپ، ياپقۇزماي، بىكارغا ئىشلەپ، بۈگۈنكى كۈنگىچە تىياتىرنى ياپقۇزمىغان شۇنداق ئۇلۇغ ئادەملەردىن ياخشى خىسلەتلەرنى ئۆگەندۇق.»

ئالىمجان ئەيسايېف ئەخمەت شەمىيېف، روشەنگۈل ئېلاخۇنوۋا، مەخپىر باقىيېف، ئەخمەت سوپىيېف، غۇلام جەلىلوف، ئابدۇرەھىم ئەخمەدىگە ئوخشاش مەشھۇر ئارتىسلار بىلەن بىللە ئىشلەپ، ئۇلاردىن چوڭ دەرس ئالغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئاساسىنى سالغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى پۈتكۈل دۇنياغا تاراتقان ئۇلۇغ شەخسلەر ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بىلەن دائىم مەغرۇرلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئالىمجان ئەيسايېف يەنە بولۇپمۇ ياشلاردىنمۇ چوڭ ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «تىياتىرىمىزدا ھازىر ناھايىتى نۇرغۇن ياش، تالانتلىق ئارتىسلار بار. ھەر قانداق روللارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان تالانتلىق قىزلارمۇ بار. ئۇلار بىلەن مەغرۇرلانساق بولىدۇ. دېمەك تىياتىرنىڭ كېلەچىكى بار. تىياتىرىمىزنىڭ يېپىلىشىغا ئۇلار ھېچ قاچان يول قويمايدۇ. ئۇلار ھېچ قاچان تىياتىرىمىزنىڭ يۈزىنى يەرگە قاراتمايدۇ، دەپ چوقۇم ئىشىنىمەن. ياشلار، ئۇلۇغ نىشانلارغا يېتىڭلار، دەپ تىلەيمەن.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، پىروفېسسور ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندى تىياتىرنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «تىياتىرىمىزنىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىنى تەنتەنىلىك ھالدا قارشى ئېلىۋاتىمىز. بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە تارىخىي-مەدەنىي تەنتەنە. بۇنى مىللىي دىراماتورگىيەمىزنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بەلگىسى دەپ قارايمەن. تارىختىن قارىساق، يەتتىسۇدا دىراما سەنئىتى ياكى تىياتىر پەيدا بولغىنىغا 90 يىلدىنمۇ ئاشقان. رەسمىي 1934-يىلنى تىياتىرىمىز كەسپىيلەشكەن، دۆلەت تەرىپىدىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەنگەن ۋاقىت سۈپىتىدە قارايمىز. ئەمما ئۇنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر. ئۇيغۇرلاردا تىياتىر 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەيدا بولغان. ئۇنىڭ بىر تەرىپى تۈرك جەددىچىلىك ئېقىمىغا بېرىپ تۇتىشىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا تۈرك خەلقىدە ئويغىنىش دەۋرى يۈز بەرگەن. شۇ دەۋرىدە تىياتىر سەنئىتىمۇ مەيدانغا كەلگەن. ئۇيغۇرلارمۇ سىرت قالمىدى.»

ئالىمجان ھەمرايېف ئۇيغۇر تىياتىرى تارىخىنىڭ مۇرەككەپ جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ، تىياتىرنىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىنى تەبرىكلىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر تىياتىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان «كۆك كۆڭلەكلەر» ھەۋەسكارلار ئۇيۇشمىسى ئاساسىدا 1934-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۆز سەھنىسىنى جالال ئاسىموف ۋە ئابدۇلھەي سادىروفنىڭ «ئانارخان» دىرامىسى بىلەن ئاچقانىدى. تىياتىرغا ھەر يىللىرى ئۇيغۇر مەخپىروف، ئىكرام مەسىموف، مۇرات ئەخمەدىيېف، ئادىل جامباقىيېف، رۇسلان توختاخۇنوف، ساۋۇت سونۇروفلار باشقۇرغان. 2016-يىلى قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقى ھارپىسىدا تىياتىرغا «ئاكادېمىيە» ئۇنۋانى بېرىلگەن. 90 يىللىق تارىخىدا ئۇيغۇر تىياتىرى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى ئەللىرىدە، شۇنىڭدەك تۈركىيە، ۋېنگىرىيە، فىنلاندىيە، گېرمانىيە، مىسىر، خىتاي، رۇمىنىيە، بۇلغارىيە، پاكىستان، پورتۇگالىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردە ئۆتكەن فېستىۋاللارغا ئاكتىپ قاتناشقان، كۆپلىگەن سەپەرلەردە بولغان.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org