قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە كورونا ۋىرۇسى بىلەن ئەڭ كۆپ يۇقۇملانغانلار تىزىمىغا كىردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-06-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قازاقىستان ساقچىسىنىڭ كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالمۇتاغا كىرىش ئېغىزىنى برونېۋىك بىلەن توسۇۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2020-يىلى 19-مارت.
قازاقىستان ساقچىسىنىڭ كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالمۇتاغا كىرىش ئېغىزىنى برونېۋىك بىلەن توسۇۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2020-يىلى 19-مارت.
AFP

ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، كورونا ۋىرۇسى كېسىلىنىڭ دۇنياغا تارقىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن كۆپلىگەن مەملىكەتلەردە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قوللىنىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلەشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مۇنداق مەملىكەتلەر تىزىمىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانمۇ بار بولۇپ، قازاقىستان سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا ئىكەن.

«پەرغانە رۇ» خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «دۇنياۋى سەلامەتلىكنى ساقلاش تەشكىلاتى قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاننى كورونا ۋىرۇسىنى تېز تارقىتىدىغان ئەللەرگە كىرگۈزدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات ۋەكىلى كورونا ۋىرۇسى تېز تارىلىۋاتقان مەملىكەتلەر تىزىمىغا شىۋېتسىيە، مولداۋىيە، شىمالىي ماكېدونىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ئالبانىيە، بوسنىيە ۋە گېرتسوگوۋىنا، قىرغىزىستان، ئۇكرائىنا ۋە كوسوۋانى كىرگۈزگەن. ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 25-ئىيۇنغا قەدەر قىرغىزىستاندا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 3954 كە يەتكەن، 2112 ئادەم ساقايغان، 43 ئادەم ئۆلگەن. قازاقىستاندا يۇقۇملانغانلار 19 285، ساقايغانلار 12 048، ئۆلگەنلەر 140 ئادەمنى تەشكىل قىلغانىكەن.

«قىرغىزىستان 24» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «كورونا ۋىرۇسى قىرغىزىستاندا. ئاغرىغانلار سانى ۋە ئاغرىقنىڭ تارىيىش كارتىسى» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 26-ئىيۇنغا قەدەر قىرغىزىستاندا رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە 4204 ئادەم يۇقۇملىنىپ، ئۇلارنىڭ 2162 ساقىيىپ، 43 ئۆلگەنىكەن. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئاغرىقلار سانىنىڭ كۆپىيىشىنى توختىتىش ئۈچۈن بارلىق چارىلەرنى كۆرمەكتە.

«نوماد. رۇ» تور بېتىدا بېرىلگەن «بارلىقى ئامان قالمايدۇ. . . قازاقىستاننىڭ سالامەتلىكنى ساقلاش سىستېمىسىدا نېمە بولۇۋاتىدۇ؟» دېگەن ماقالىدا سىياسەتشۇناس دانىيار ئاشىمبايېف ئاخىرقى ۋاقىتلاردا قازاقىستاندا دائىرىلەرنىڭ كەلسە-كەلمەس چىقارغان قارارلىرى، ئاغرىقلار سانىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقى، كېسەلخانىلاردا ئورۇنلارنىڭ ھەم دورا-دەرمەكلەرنىڭ يېتىشمەسلىكى توغرىلىق كۆپ ئېيتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدا دېيىلىشىچە، قازاقىستاندا كورونا ۋىرۇسى مۇناسىۋىتى بىلەن كارانتىن تەرتىبى ئېلان قىلىنىپ، ئاھالىگە تازا ھاۋادا سەيلە قىلىش، ئۆز ئۆيلىرىدىن سىرتقا چىقىش مەنئى قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ ئادەملەرنىڭ ئىمۇنىتېتىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزگەن ھەم بۇنىڭ ئاقىۋېتىدە ئاغرىقلار سانى تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتكەنىكەن.

يېقىندا «سېنتىر ئاسىيا» ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «كورونا ۋىرۇسى ۋە ئۆزىنى ئۆيدە سولاپ تۇرۇش قانداق قىلىپ قازاقىستان جەمئىيىتىگە تەسىر قىلدى؟» ناملىق ماقالىدا قازاقىستاندا مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ تېز تارقىلىشىنىڭ بىر نەچچە سەۋەبلىرى كۆرسىتىلگەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، تېببىي ياردەم كۆرسىتىش زامان تەلەپلىرىگە لايىق بولمىغانلىقتىن ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈملۈك بولمىغانىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەلدە تېببىي كادىرلارنى يېتىلدۈرۈشمۇ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا. شۇنداقلا كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارىلىشى بىلەن ئاھالە ئارىسىدا يېتەرلىك دەرىزھىدە تەشۋىق-تەرغىبات ئىشلىرى يۈرگۈزۈمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋىرۇس ئىلمى مۇتەخەسسىسى، ئاكادېمىك مەسىمجان ۋېلەموف ئەپەندى قازاقىستاندا يۇقۇملۇق كېسەللەر ۋەزىيىتىنىڭ خېلى جىددىيلەشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئاغرىقنىڭ چاپسان ئۆزگىرىپ، يېڭى ئاغرىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىۋاتقانلىقى، دۇنيا بويىچە، شۇنىڭ ئىچىدە قازاقىستاندا كورونا ۋىرۇسىنىڭ تۈرلىرىنىڭ تارىلىۋاتقانلىقى بايقالماقتا. قازاقىستان بويىچە كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئېنىقلاش مەسىلىلىرى كۆتۈرۈلمەكتە. ھازىر بۇنىڭ ئىسپاتلىرىمۇ ھۆر تۈرلۈك بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، ئالىملارنىڭ قاتنىشىشىدا قازاقىستاندا ئۇنىڭغا قارشى ۋاكسىنالارنى چىقىرىش يۇقىرى دەرىجىدە يۈرگۈزۈلمەكتە. مۇشۇ جەھەتتە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى چوڭ ئىشلارنى يۈرگۈزمەكتە.»

مەسىمجان ۋېلەموف يەنە قازاقىستاندا كورونا ۋىرۇسىنىڭ يەنىمۇ تارىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە بەزى كارخانىلارنىڭ ئىشىنى توختىتىش يا چەكلەش، ئاغرىق كۈچىيىپ، كېسەللەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەقسىتىدە باشقا بىنالارنى پايدىلىنىش ئىشلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاندا كورونا ۋىرۇسىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەملىكەت بويىچە بىخەتەرلىك چارىلىرىنى توختاتماسلىق، بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل قازاقىستان خەلقىنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىنى تەمىنلەش لازىمكەن.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، كورونا ۋىرۇسى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تۇرمۇش-تىرىكچىلىكىگە، كۈندىلىك پائالىيەتلىرىگە تەسىر قىلماقتىكەن.

جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىي مۇدىرى زۇخرۇللام قۇرۋانباقىيېف ئەپەندى ئەلدە كارانتىن تەرتىپى بىر ئاز يېنىكلىتىلىپ، ئاھالە بازارلارغا، كارخانىلارغا، مەھكىمىلەرگە ئىشقا چىققان بولسىمۇ، ئەھۋالنىڭ يەنىلا ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «شەھەردە كورونا ۋىرۇسى بىلەن ئاغرىۋاتقانلار ئازىيىشنىڭ ئورنىغا ۋىرۇس ئەۋزھىيىپ كېتىۋاتىدۇ. توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ، مۇسىبەت بولۇۋاتقان ئۆيلەرگە ماسكىسىز ۋە 35-40 ئادەمدىن ئارتۇق كىرىشكە بولمايدۇ. دورىخانىلاردىمۇ ئادەملەر نۆۋەتكە تۇرۇپ، بىر-بىرلەپ كىرىۋاتىدۇ. بۇ خەلققە ئۆز تەسىرىنى يەتكۈزۈۋاتىدۇ.»

زۇخرۇللام قۇرۋانباقىيېف يەنە باشقا مىللەتلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرلارنىڭ توي-تۆكۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈشنىڭمۇ چەكلەنگەنلىكىنى، كافې-رېستورانلاردا قاتتىق قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق ئاممىۋى پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش مۇمكىن بولمايۋاتقانىكەن. ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرى ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن قائىدىلەرگە ئەمەل قىلماقتا.

ئىگىلىشىمىزچە، دۇنيادا كورونا ۋىرۇسى ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىش ئىشى بىلەن قازاقىستاندا 16-مارتتا پەۋقۇلئاددە ھالەت ئېلان قىلىنغانىدى. ئەلدە قوللىنىلغان بىخەتەرلىك چارىلىرىنىڭ ئۈنۈمسىز بولۇش سەۋەبىدىن كارانتىن تەرتىپى كىرگۈزۈلدى. 11-مايدا پەۋقۇلئاددە ھالەت توختىتىلىپ، بەزى يېنىكلىتىشلەر ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، سالامەتلىكنى ساقلاش ئورگانلىرى ئاھالىنى بىخەتەرلىك چارىلىرىنى ساقلاشقا چاقىرغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-جومارت توقايېف 26-ئىيۇن كۈنى كېيىنكى ھەپتىدە كورونا ۋىرۇسى ۋەزىيىتىنى تۇراقلاندۇرۇش بويىچە بەزى چارىلەش كۆرۈشنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرغان.

تولۇق بەت