كورونا ۋىرۇسى ۋەزىيىتى بىلەن قازاقىستاندا 13-ئىيۇل ماتەم كۈنى دەپ ئېلان قىلىندى

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قازاقىستاننى كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى كۆپىيىۋاتقان مەملىكەتلەر تىزىمىغا كىرگۈزگەنىدى.

ئاخىرقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 19 مىليونغا يېقىن ئاھالىسى بار قازاقىستاندا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ، 9-ئىيۇلغا قەدەر 53 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

«پەرغانە. رۇ» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «قازاقىستاندىكى ئىككى ھەپتىلىك كارانتىن» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، دۇنيادا كورونا ۋىرۇسىغا قارشى چارىلەر كۈچەيتىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ ئۆسۈشى بەزى مەملىكەتلەردە يەنىمۇ داۋام قىلماقتىكەن. بۇ تىزىمغا قازاقىستانمۇ كىرگۈزۈلگەن.

ماقالىدا دېيىلىشىچە، كورونا ۋىرۇسى ۋەزىيىتى ئەلدە جىددىي بولۇپ قېلىۋاتسىمۇ، ئەمما ئاخىرقى ھەپتىدە ئاغرىقلار سانىنىڭ كۆپلەپ ئۆسۈشى بايقالمىغان. بۇ جەھەتتە قازاقىستاننىڭ سەھىيە مىنىستىرلىقى كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى تىزىمغا ئېلىش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ ئۈستۈن كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان، يەنى بۇ تىزىمغا يۇقۇملىنىش بەلگىلىرى يوق ئاغرىقلارمۇ كىرگۈزۈلگەنكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىش ئەھۋاللىرى بىلەن 5-ئىيۇلدىن تارتىپ قەتئىي كارانتىن تەرتىپى كۈچەيتكەنىدى.

«تېڭرىنيۇس» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «سەھىيە مىنىستىرى قازاقىستاندا قەتئىي كارانتىننى سوزۇش توغرىلىق پىكىر ئېيتتى» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەتنىڭ سەھىيە مىنىستىرى ئالېكسېي تسوي بۇ يۆنىلىشتە بەزى مەسىلىلەرنى يەنە ئېنىقلاش ئىشلىرىنىڭ كېتىپ بارغانلىقىنى، ئىككىنچى ھەپتىدە بىرەر نەتىجە چىققاندىن كېيىن، ئاندىن يەنە ئىككى ھەپتىگە كارانتىن تەرتىپىنى ئۇزارتىش ياكى تېخىمۇ قەتئىي چارىلەرنى كۆرۈش قارارىنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

8-ئىيۇلدا قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-جومارت توقايېف قازاقىستان خەلقىگە مۇراجىئەت قىلىپ، كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئادەم ھاياتى ئۈچۈن ئىنتايىن خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى جېكىلەپ، خەلقنى بىخەتەرلىك چارىلىرىنى قەتئىي ساقلاشقا ھەم كۆرۈلۈۋاتقان چارىلەرنىڭ نەتىجىسىدە دۆلەتتىكى ئەھۋالنىڭ بىر قەدەر تۇراقلىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. پرېزىدېنتنىڭ ئېيتىشىچە، ئاھالىگە تېببىي ياردەم كۆرسىتىش مەقسىتىدە 400 تېز ھەرىكەت قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەنگەن بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ سانىنى 3500 غا يەتكۈزۈش پىلانلانماقتىكەن. ئەمدى ئاغرىقلارنى ياتقۇزىدىغان ئورۇنلار سانى 70 پىرسەنتكە ئۆسۈپ، ئومۇمەن ئۇلارنىڭ سانى 43000 غا يەتكۈزۈلىدىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، كورونا ۋىرۇسىدىن ساقايغانلارنىڭ سانى 34مىڭ 149، ئۆلگەنلەر سانى 280 ئادەمنى تەشكىل قىلغان. يېقىندا قازاقىستان پرېزىدېنتى 13-ئىيۇلنى مىللىي ماتەم كۈنى دەپ ئېلان قىلىش توغرىلىق قارار قوبۇل قىلغان. بۇ ھەقتە «پەرغانە. رۇ» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «توقايېف 13-ئىيۇلنى كورونا ۋىرۇسىدىن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ ماتەم كۈنى دەپ ئېلان قىلدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلغان. ماقالىدا بېرىلگەن پرېزىدېنت نۇتقىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان پەۋقۇلئاددە ھالەت ئېلان قىلىنغان بىرىنچى كۈندىن باشلاپلا قەتئىي چارىلەر كۆرگەنلىكتىن ئۇنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن بولغانكەن. ئەمما بىخەتەرلىك چارىلىرىنى ئاممىۋى ھالدا ساقلىماسلىق، شۇنداقلا سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ، بەزى ھاكىملارنىڭ خاتالىقلىرى بۇ ئاغرىقنىڭ ئىككىنچى دولقۇنىنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مىكروبىئولوگىيە مۇتەخەسسىسى، دوكتور باتىربېك ئايتجانوف ئەپەندى ئەينى ۋاقلاردا قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا پەۋقۇلئاددە ھالەت، ئاندىن كارانتىن تەرتىپى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بۇنىڭ ياخشى نەتىجە بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ كارانتىن تەرتىپى يۇمشىتىلغاندىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۆتكەندە ئېچىۋەتكەندىن كېيىن خەلق ھەممە نەرسە تامام بولدى دەپ ئويلاپ قالدى. ئەمما ئىككىنچى دولقۇن باشلىنىپ كەتتى. ئەلدە توي-تۆكۈنلەر ئەۋج ئالدى، ئايروپىلان، تۆمۈر يولى ئېچىلىپ، ھەممە قايتىدىن جانلىنىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاغرىق بۇرۇنقىدىنمۇ كۈچىيىپ كېتىپ، كېيىن مانا قازاقىستان كېسەللەر سانى بويىچە ئالدىنقى قاتارغا چىقتى. ئەمدى يەنە قەتئىي چارىلەرنى كۆرۈشكە توغرا كەلدى. بۇ قەتئىي چارىلەرنى يەنە ئۇزارتىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىزدە دورا-دەرمەك كەملىكىمۇ پەيدا بولدى. دورىخانىلاردا ئادەم كۆپىيىپ كەتتى. دوختۇرخانىلار تولۇپ كېتىپ، ئورۇن يېتىشمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇۋاتىدۇ. ئامال يوق، قوشۇمچە بىنالارنى، تەنھەرىكەت ئورۇنلىرىنى دوختۇرخانىغا ئايلاندۇرۇشقا توغرا كەلدى. بولۇپمۇ دورا-دەرمەك يەتكۈزۈش بويىچە كۆپ ئىشلار قىلىندى. ھازىر دورىخانىلاردا ئىلگىرىكى ئۇزۇن نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغان ئادەملەرنى كۆرۈش قىيىن. ئەمما دورا-دەرمەكلەرنىڭ باھاسى بىر-ئىككى ھەسسە ئەمەس، بەزىدە ھەتتا ئون ھەسسىگىچە ئۆسۈپ كەتتى. ھۆكۈمەتنىڭ پارىخورلۇققا، ئېلىپ-ساتارلىققا قارشى كۈرىشى نەتىزھىسىدە بىر قاتار پاكىتلار ئېنىقلاندى. بۇنىڭدا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى ئالىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

باتىربېك ئايتجانوف يەنە قازاقىستاننىڭ تاشقى ياردەمگە، بولۇپمۇ لازىم بولغان دورا-دەرمەكلەرگە ئىنتايىن موھتاج ئىكەنلىكىنى، چۈنكى كۆپلىگەن دورا-دەرمەكلەرنىڭ قازاقىستاندا ئىشلەنمەيدىغانلىقىنى، سىرتتىن كېلىدىغان دورا-دەرمەكلەرنى قەتئىي ھالدا تەكشۈرۈلۈش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ئاخىرقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قازاقىستاندا 727 مىليون تەڭگە، يەنى 1، 7 مىليون دوللار كۆلەمدە دورا-دەرمەك قولغا چۈشكەن بولۇپ، بۇنى ساتماقچى بولغانلار ئۈستىدىن جىنايەت دېلوسى تۇرغۇزۇلغان. ھازىر مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇنداق پاكىتلار كۆپلەپ ئورۇن ئالغانلىقتىن، مەملىكەت رەھبىرىمۇ بۇ يۆنىلىشتە بەزى كۆرسەتمىلەرنى بەرگەن.

قازاقىستاندا بىخەتەرلىك چارىلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى مەملىكەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ كۈندىلىك تۇرمۇش-تىرىكچىلىكىگە قاتتىق تەسىر قىلماقتا.

جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى يىگىت بېشى كېڭىشىنىڭ رەئىسى يارمۇھەممەت كىبىروف ئەپەندى ئىلگىرى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا يىگىت باشلىرى، باشقىمۇ يۇرت ئاكتىپلىرى تەرىپىدىن كۆپلىگەن پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرغان بولسىمۇ، ئاخىرقى ئۈچ-تۆرت ئاينىڭ ئىچىدە بۇنىڭ بارلىقىنىڭ خېلى بېسىلىپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئاخىرقى كۈنلەردە ناھايىتى جىق ئۆلۈم-يېتىملىك بولۇپ كەتتۇق. بۇنىڭغا ئۆزىمىزمۇ سەل كۆڭۈل بۆلمىدۇق. خەلقىمىزمۇ بۇنىڭغا ئانچىمۇ ئىشىنىپى كەتمىدى. كېيىن ئىشىنىدىغان تەرەپكە ئۆتتى. نەزىر-چىراقلارنىمۇ، توي-تۆكۈنلەرنىمۇ ھازىر توختىتىۋەتتۇق. سەۋەبى مەملىكىتىمىزدە بۇنىڭغا كۆز قارىشى ناھايىتى چىڭ بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزمۇ، خەلقمۇ بۇنى ياخشى چۈشىنىۋاتىمىز.»

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا مەملىكەت پرېزىدېنتى كورونا ۋىرۇسى بىلەن كۈرەشكە 191 مىليارد تەڭگە بۆلۈنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىكەن. بۇنىڭ ئالدىدا بۇ مەقسەدتە 400 مىليون دوللار خىراجەت ئاجرىتىلغانىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، يەنە بەزى مەتبۇئاتلاردا، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كورونا ۋىرۇسى ۋەزىيىتى بىلەن دورا-دەرمەكلەر باھاسىنىڭ نەچچە ھەسسە ئۆسۈپ كەتكەنلىكى توغرىلىق خەۋەرلەر تاراپ، بۇ ئاھالە ئىچىدە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.