مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى جەھەتتىن ئامېرىكا، خىتاي ۋە رۇسىيە ئوخشاش كۆپلىگەن ئالدىنقى قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان رايون ئىكەنلىكى مەلۇم. كېيىنكى ۋاقىتلاردا دۇنياغا تارقالغان كورونا ۋىرۇسى كېسىلىنىڭ بولۇپمۇ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە كۈچىيىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، ھەتتا سىياسىي ئەھۋالىغا قاتتىق تەسىر قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بولۇپمۇ كورونا ۋىرۇسىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن بۇ مەملىكەتلەردە قوللىنىلىۋاتقان چارىلەر ۋە بۇ چارىلەرنىڭ ئاقىۋەتلىرى كۆپلىگەن ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ، سەھىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان باھالاشلىرىنى، قاراشلىرىنى، پىكىر-تەكلىپلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، مەركىزىي ئاسىيادا كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى ۋە كۈچىيىشى جەھەتتىن ئالدىنقى ئورۇنغا چىققان قازاقىستاندىكى ئەينى ۋەزىيەت ھەققىدە بەز-مۇنازىرىلەر داۋام قىلماقتىكەن. ئاخىرقى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ئەلچىخانىسى ئۆز تورى ئارقىلىق قازاقىستاندا نامەلۇم ئۆپكە ياللۇغى يەنى «پنېۋمونىيە» نىڭ ئەۋج ئېلىپ، ئۇنىڭ بولۇپمۇ قازاقىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن خەۋپ تۇغدۇرۇۋاتقانلىقى توغرىلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىشى قازاقىستان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغانىدى ھەم بۇ ئاخباراتنىڭ ھەقىقەتكە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى تەنقىد قىلغانىدى.
«پەرغانە رۇ» ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى كورونا ۋىرۇسى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قازاقىستاندا يېڭى پنېۋمونىيە، يەنى ئۆپكە ياللۇغى كېسىلىنىڭ تېپىلغانلىقى توغرىلىق بىلدۈرۈشى گۇناھنى «ئاغرىق باشتىن ساق باشقا يۆتكەش» دەپ قارىلىپ، خىتاي خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان. يەنى، خىتاي كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى بولۇپلا قالماي، ھەتتا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى دۇنيادىن يوشۇرغانىدى.
«يېۋرو-ئازىيا ئېكىسپېرت» تور ژۇرنالىدا ئېلان قىلىنغان «قازاقىستاندا كورونا ۋىرۇسى ئەڭ كۆپ تارقالغان رايونلار بەلگىلەندى» ماۋزۇلۇق ماقالىدا دېيىلىشىچە، بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدىلا قازاقىستاندا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 6-7 پىرسەنت ئۆسكەن. ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندا 16-ئىيۇلغا قەدەر يۇقۇملانغانلار سانى 65مىڭ 188، ساقايغانلار 39مىڭ 066، ئۆلگەنلەر 375 ئادەمنى تەشكىل قىلغانىكەن. ئاخىرقى مەلۇماتلار بويىچە قازاقىستاننىڭ نوپۇسى 19 مىليونغا يېقىن ئىكەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋىرۇس ئىلمى مۇتەخەسسىسى، ئاكادېمىك مەسىمجان ۋېلەموف مەملىكەت رەھبەرلىكى تەرىپىدىن ئۆز ۋاقتىدا دەسلەپتە پەۋقۇلئاددە ھالەت، ئاندىن كارانتىن تەرتىپى كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «شۇنىڭ ئارقىسىدا ئاغرىق چوڭ دائىرىدە تارقالمىدى. يازنىڭ كېلىشى بىلەن كارانتىن ئېچىلىپ، خەلقمۇ ئۆز ئىشلىرى بىلەن بەند بولدى. بىراق ئاساسەن ماسكىلارنىمۇ دۇرۇس پايدىلانماسلىق، قوللىرىنى ھەر قانداق دورىلار بىلەن دۇرۇس تازىلىماسلىق، شۇنداقلا خەلق ئارىلىشىپ كېتىپ، ئاغرىق سانى كۆپىيىپ كەتتى. ھازىر ئۆپكە ئاغرىقىنىڭ بىر تۈرىگە ئوخشاش كورونا ۋىرۇسى تارقالماقتا. رۇسىيەدىن كەلگەنلەر بۇ كورونا ۋىرۇسىنىڭ باشقا تۈرى دەۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىدىمۇ چوڭ ئىشلار يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭ پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزمەسلىك، نەزىر-چىراغلارنى ئۆز قائىدىسىدە ئۆتكۈزۈش قارىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىمۇ كورونا ۋىرۇسىنىڭ چوڭ دائىرىدە تارقالماسلىقىغا ئۆز ئۈلۈشىنى قوشۇۋاتىدۇ.»
مەسىمجان ۋېلەموفنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندا قازاقىستاندا ئىككى ماسكا ئىشلەپ چىقىرىش زاۋۇتى ئىشقا قوشۇلغانىكەن. شۇنداقلا ۋىرۇسقا قارشى دورا-دەرمەكلەرنى ئىشلەپ چىقىرىش، كېسەلنى ئېنىقلاش يوللىرىنى ئويلاپ چىقىش، باشقىمۇ كېسەلنى توختىتىش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانىكەن.
مەركىزىي ئاسىيادا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى تېزلىكتە كۆپىيىۋاتقان مەملىكەتلەرنىڭ يەنە بىرى 6 يېرىم مىليون ئاھالىسى بار قىرغىزىستان بولۇپ، كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى بۇ ئەلدە 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
«ۋلاست» تور گېزىتىدە بېرىلگەن «قىرغىزىستاندا كورونا ۋىرۇسى ۋەقەلىرىنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، قىرغىزىستان ئاغرىقلار سانى بويىچە ھازىر دۇنيادا 70-ئورۇندا تۇرىدىكەن. قىرغىزىستاندىمۇ خۇددى قازاقىستاندىكىدەك پنېۋمونىيە بىلەن ئاغرىغانلار سانى كۆپ بولۇپ، قىرغىزىستانلىق دوختۇرلار ۋە دائىرىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، پنېۋمونىيە بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ 95 پىرسەنتىگە كورونا ۋىرۇسى سەۋەب بولغانىكەن. كېسەل باشلىنىپ، بۈگۈنگە قەدەر قىرغىزىستاندا كورونا ۋىرۇسىدىن 132، پنېۋمونىيەدىن 423 ئادەم ئۆلگەن.
قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە تۇرىدىغان سىياسەتشۇناس رەھىم ھاپىزوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مەملىكەتنىڭ بولۇپمۇ بىشكەك، ئوش، جالال-ئاباد ۋە باشقىمۇ شەھەر ۋە ۋىلايەتلەردە كورونا ۋىرۇسىنىڭ تۇنجى باسقۇچى يەنىمۇ داۋام قىلماقتىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاغرىق كىشىلەرنى ئاغرىقخانىلارغا ياتقۇزۇش مەسىلىسى تېخىمۇ كەسكىنلەشمەكتە. بىشكەك شەھىرىنىڭ كىچىك سودا مەركەزلىرى ۋە ئايرىم بازارلار ھازىر كارانتىندا. كۆپلىگەن ئاشخانا-رېستورانلارمۇ ئاۋغۇست ئېيىغىچە يېپىلدى. ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئىچىدىمۇ كۆپ ئۆلۈملەر بولدى. كورونا ۋىرۇسى قىرغىزىستان ئىقتىسادىغىمۇ كۆپ زىيان يەتكۈزمەكتە.»
رەھىم ھاپىزوف يەنە ئەلدە شەكىللەنگەن جىددىي ۋەزىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن مەملىكەت پرېزىدېنتى سوئورونباي جىيېنبېكوفنىڭ خەلققە مۇراجىئەت قىلىپ، كورونا ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشتا ئىتتىپاق بولۇشقا، بىر-بىرىگە ياردەم كۆرسىتىشكە چاقىرغانلىقىنى، بولۇپمۇ سەھىيە خادىملىرىنىڭ ئەمگەكلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
كورونا ۋىرۇسى بارا-بارا كۈچىيىۋاتقان بۇ رايوندىكى يەنە بىر جۇمھۇرىيەت، 34 مىليون ئاھالىسى بار ئۆزبېكىستان بولۇپ، «سپۇتنىك» ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەملىكەتتە كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 16-ئىيۇلغا قەدەر 15 مىڭغا يەتكەن. بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا كېسەللەر سانى 525 ئادەمگە كۆپەيگەن بولۇپ، ئومۇمەن 57مىڭ 5 00 ئادەم ئۆز ئۆيلىرىدە كارانتىندا، 21 مىڭ 700 ئادەم تېببىي كۆزىتىشتە ئىكەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئالىمجان زايېتوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇ ئاغرىققا قارشى دورا ئىشلەپ چىقىلمىدى. بىراق كۆپلىگەن دوختۇرلىرىمىز، ئالىملىرىمىز شۇ ئاغرىقنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. خەلقىمىزنىڭ سالامەتلىكىنى ئويلاپ، ئۆزبېكىستان رەھبىرى ناھايىتى كۆپ كۈچ چىقاردى. خەلققە دۆلەت تەرىپىدىن كۆپلىگەن ياردەملەر بېرىلدى. ئاغرىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 1-ئاۋغۇستقىچە كارانتىن ئېلان قىلىندى.»
«پەرغانە رۇ» ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 10 مىليونغا يېقىن ئاھالىسى بار تاجىكىستاندىكى كورونا ۋىرۇسى ۋەزىيىتى قوشنا دۆلەتلەردىن پەرقلىنىدىكەن. بىر ھەپتە ئىلگىرى يۇقۇملانغانلار سانى 6مىڭ 500 دىن ئاشقان بولۇپ، 2020-يىلىنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئومۇمىي يۇقۇملانغانلار سانى 11 پىرسەنت ئۆسكەن. مەملىكەتنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ رەھبىرى ئۆلگەنلەر سانىنى پەقەت كورونا ۋىرۇسى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى باشقا كېسەللەر بىلەنمۇ باغلىغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى، مەملىكەت پرېزىدېنتى ئەلدە يۇقۇملۇق كېسەللەرنى، شۇ جۈملىدىن كورونا ۋىرۇسىنى تارقاتقانلىقى ئۈچۈن 2 يىلدىن 5 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىشنى بەلگىلىگەن. مۇبادا ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ئادەم سالامەتلىكىگە چوڭ زىيان كەلتۈرۈلسە، قاماق جازاسى 5 يىلدىن 10 يىلغىچە ئۇزارتىلىدىكەن.
يەنە شۇ «پەرغانە رۇ» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «تۈركمەنىستاندا تېخىلا كوۋىد-19 بىلەن ئاغرىغان بىرمۇ ئادەم ھېسابقا ئېلىنمىدى» ناملىق ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەركىزىي ئاسىيادىكى يېپىق مەملىكەت سۈپىتىدە قارىلىپ كېلىۋاتقان تۈركمەنىستان يېقىندا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللەر گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبىرى كاترىن سمولۋۇدنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ گۇرۇپپا تۈركمەنىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە ئەلنىڭ سەھىيە ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشى بەلگىلىگەن بولۇپ، كورونا ۋىرۇسىنىڭ بۇ دۆلەتكە كىرىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش پىلانلانغانىكەن. ئەمما مەملىكەت پرېزىدېنتى گۇربانگۇلى بېردىمۇخامېدوف ۋەكىللەر كېلىشنىڭ ئالدىدا بارلىق ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى دەم ئېلىشقا قويۇۋەتكەن، كېيىنرەك ئۆزىمۇ دەم ئېلىشقا كەتكەن.
ۋىليام بار مۇنداق دېگەن: «گوگول، مىكروسوفت، ئالما قاتارلىق شىركەتلەر خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن بەكمۇ ھەمكارلاشقۇسى بارلىقىنى نامايان قىلىپ كەلدى. ھوللىۋودمۇ ئۇلارنىڭ بېسىمىغا باش ئېگىپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كىنولىرىنىمۇ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزىدىغان بولدى».
ئۇ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ غايەت زور خىتاي بازىرىغا كىرىش ئۈچۈن ھەر قانداق تەدبىر قوللىنىشقا رازى ئىكەنلىكىنى ئەيبلەپ: «خىتاي كومپارتىيەسى نەچچە ئون يىللىق، نەچچە يۈز يىللىق پىلان تۈزىدۇ، ھالبۇكى، بىز پەقەت پەسىللىك كىرىم دوكلاتىغا كۆڭۈل بۆلىمىز. ئامېرىكادىكى چوڭ تېخنىكا شىركەتلىرى ئۆزلىرىنى خىتاينىڭ تەسىر كۈچىگە خىزمەت قىلىدىغان پېچكىلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى،» دېگەن.
ئۇ ئالما شىركىتى ھەققىدە توختىلىپ: «ئالما شىركىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇيمەن دېگەن بولسا، خىتاي بازىرىدا سېتىلمىغان بولاتتى؛ دېمەك، ئامېرىكا تېخنىكا شىركەتلىرى قوش ئۆلچەم قوللىنىۋاتىدۇ،» دېگەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شياڭگاڭدا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» نى يولغا قويغاندىن كېيىن فېيسبوك، گوگول، تىۋىتتېر، لىنكېدىن قاتارلىق شىركەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئابونتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەمىنلەپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇ بۇ شىركەتلەرنى تەقدىرلەپ: «ئەگەر ئۇلار بىر سەپتە مەھكەم تۇرالىسا، باشقا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چىرىكلىكى ۋە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا تاقابىل تۇرۇشتا ياخشى ئۈلگە بولۇپ بېرەلەيدۇ،» دېگەن.
ۋىليام بارنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەيىبلەشلىرى پرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتى 11-ئايدىكى سايلامدا غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغاندىن بۇيان خىتايغا قىلغان ئەڭ يېڭى ھۇجۇمى ھېسابلىنىدىكەن.
0:00 / 0:00