كورونا ۋىرۇسى ۋەزىيىتى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگىمۇ تەسىر قىلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-09-03
Share
Qaraturuq-mektipi-1.jpg ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ قاراتۇرۇق مەكتىپىگە ھامىيلىق قىلغان سابىق سىنىپداشلارنىڭ بىر گۇرۇپپىسى. 2020-يىلى 1-سېنتەبىر، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

قازاقىستاننىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تارقالغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھەر يىلى 1-سېنتەبىردە مەملىكەتنىڭ بارلىق ئوتتۇرا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلىرىدە بىلىم كۈنى بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتىدىغان داغدۇغىلىق مۇراسىملار بۇ يىلى قەتئىي چەكلەنگەن ئىدى. بۇ مۇشۇ يىلنىڭ مارت ئېيىدىن تارتىپ دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئېلان قىلىنغان پەۋقۇلئاددە ھالەت ھەم كارانتىن تەرتىپىگە باغلىق بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپلەرگە كېلىشىمۇ توختىتىلغان. ئىككى ھەپتىدىن بۇيان قازاقىستاندا كارانتىن تەرتىپى يېنىكلىتىلگەن بولسىمۇ، جاي-جايلاردىكى بىلىم باشقارمىلىرى مۇئەللىملەرگە، ئاتا-ئانىلارغا، ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك چارىلىرىنى ساقلاشنى ئەسكەرتكەن.

كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن مەملىكەتتە شەكىللەنگەن ۋەزىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى قانداق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟

بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بىز مەكتەپ رەھبەرلىرىنى، زىيالىيلارنى زىيارەت قىلدۇق.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ بۈگۈنكى مەسىلىلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى شەمشىدىن ئايۇپوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقاستانلىق ئۇيغۇرلار قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يارىتىۋاتقان مۇمكىنچىلىكلىرىدىن توغرا پايدىلانمايۋاتقانىكەن. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «ئۆزىمىزنىڭ كۆيۈمچان ئاتا-ئانىلار مىللىي مائارىپىمىزنىڭ كېلەچىكىگە ئىشەنمەي ھەم ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى، شۇنداقلا مەملىكەتتە تارىغان كورونا ۋىرۇسىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى تاماملاۋاتقانلار ئارىسىدىمۇ ھەرتەرەپلىمە بىلىملىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتىلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرسىمۇ، كۆرمەسكە سېلىپ، بالىلىرىنىڭ ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشنى خالىمايۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا ئانا تىلىدىكى مەكتەپلىرىمىزگە بالا توپلاش يىلدىن-يىلغا قىيىنلىشىۋاتىدۇ. ئۆتكەن ئوقۇش يىلىدا ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەردە بىلىم ئېلىۋاتقان بالىلارنىڭ سانى 16600 بولغان بولسا، بۇ يىلى 16000 غا چۈشۈپ قالغان.»

بىز ناھىيەدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ بايسېيىت يېزىسىدا ئورۇنلاشقان، 648 ئۇيغۇر پەرزەندى بىلىم ئالىدىغان ئىسمايىل تاھىروف نامىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ئىليار نۇرخالىقوفنىڭ زىيارەت قىلدۇق.

ئىليار نۇرخالىقوف ئەپەندى مەزكۇر ئوقۇش يىلى مەكتەپنىڭ مەكتەپ ئالدى تەييارلىق گۇرۇپپىسىغا 43 بالىنىڭ، 1-سىنىپقا 54 بالىنىڭ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ پۈتكۈل مەكتەپ ۋە يۇرت ئۈچۈن چوڭ خۇشاللىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىراق شۇندىمۇ رۇس تىللىق مەكتەپلەرگە كېتىش مەسىلىسى بىزنىڭ مەھەللىدىنمۇ يىراق ئەمەس. مەكتىپىمىز زامانىۋى تېخنىكىلار بىلەن يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن. دۆلەت ۋە ھامىيلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلگەن. كادىر تاپچىللىقى يوق.»

ئىگىلىشىمىزچە، ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەرگە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىلسىمۇ، يۇرت-جامائەتچىلىك، ھامىيلار تەرىپىدىن ماددىي ياردەملەر كۆرسىتىلىپ كەلگەنىكەن. ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ قاراتۇرۇق يېزىسىدىكى ئاۋۇت ساتتاروف نامىدىكى ئوقۇتۇش رۇس، قازاق ۋە ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەربىيە ئىشلىرى بويىچە ئورۇنباسارى بۈۋىنۇر غوجامبەردىيېۋا خانىم زىيارىتىمىزنىڭ قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «2020-2021-ئوقۇش يىلىدا ۋىرۇس يۇقۇمى ۋاقتىدا كۆپ بالىلىق، ئەھۋالى ناچار ئائىلىلەرگە نۇرغۇنلىغان ياردەملەر بولدى. تۈنۈگۈنلا 1980-يىلى بىزنىڭ مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىگە 40 يىل بولغان تۈلەكلەر 1-ئۇيغۇر سىنىپىغا كىرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز سوۋغىلىرىنى ئېلىپ كەلدى.»

بۈۋىنۇر غوجامبەردىيېۋا زىيالىيلارنىڭ، يۇرت ئاكتىپلىرىنىڭ، مۇئەللىملەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۇيغۇر سىنىپىغا بالا توپلاش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇر سىنىپلىرىنىڭ يېپىلىپ كېتىش خەۋپىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تونۇلغان بالىلار يازغۇچىسى، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ئاۋۇت مەسىموف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مائارىپىدا چېكىنىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇيدىغان بالىلار سانىنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقى دەلىل بولماقتىكەن.

ئاۋۇت مەسىموف مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى بىردىن-بىر داۋاسى 62 ئۇيغۇر مەكتىپىگە بالا توپلاش ئىدى. لېكىن كورونا ۋىرۇسى مەسىلىسى بىلەن بۇ ئىشىمىز توختاپ قالدى. بالىلار سانىنىڭ قىسقىراپ كېتىشىگە نېمە سەۋەب بولدى؟ بىرىنچى، شارائىتنىڭ يوقلۇقى. راست، شارائىت بىزنىڭ ئىككى گىمنازىيەمىزدە بولغىنى بىلەن قالغان مەكتەپلەردە شارائىت يوق دېسەكمۇ بولىدۇ. بىرىنچى نۆۋەتتە كادىر تەييارلاش. ھازىر بىزدە بىر-بىرىمىزگە ئۆچمەنلىك بار. ئۇنداق نەرسە ئۆزۈمدىمۇ بار. يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. شەخسىي ئوي-پىكىر، ئارتۇقچىلىقىمىزغا قارىماي، بىرلىشەيلى.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان سۇلتانقورغان، زاريا ۋوستوكا ۋە دوستلۇق مەھەللىسىدە ئۈچ ئۇيغۇر مەكتىپى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككىسى گىمنازىيە دەرىجىسىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىچە، بولۇپمۇ يېزا يەرلىرىدىكى ئارىلاش، يەنى ئوقۇتۇش رۇس، قازاق ۋە ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەردە ئۇيغۇر سىنىپىغا بالا توپلاش ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى، زىيالىيلارنى تەشۋىشلەندۈرۈۋاتقان جىددىي مەسىلە بولۇپ قالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت