قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرماقتا

0:00 / 0:00

يېقىندا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يىگىت باشلىرى ۋە ئاكتىپلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلدى. 50 توننادىن ئوشۇق ئوزۇق-تۈلۈك ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر، قاراساي ۋە ئىلى ناھىيەلىرىدە تارقىتىلدى. ئۇلارنى شۇ يېزىلارنىڭ ئاكتىپلىرى مۇھتاج ئائىلىلەرگە يەتكۈزدى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى مەدەنىيەت مەركەزلىرى، يىگىت باشلىرى، خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە ياشلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئەھۋالى ناچار ۋە كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرگە، مەجرۇھلارغا، يىتىم-يېسىرلارغا ماددىي ياردىمىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇلار تەبئىي ئاپەتلەردىن زەرداب چەككەن شەھەر ۋە يېزىلارنى، پەۋقۇلئاددە ھالەت ئېلان قىلىنغان رايونلارنى تۇرمۇشقا لازىملىق نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەشكىمۇ كىرىشمەكتە. مۇنداق خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن قوللاپ-قۇۋەتلىنىپ كېلىنگەن بولسا، ئاھالىلەر ئارىسىدىمۇ بۇ كۈچلۈك ئىنكاسلار قوزغىماقتا.

بۇ قېتىمقى خەير-ساخاۋەتلىك ھەرىكەت ئالمۇتا شەھىرىدىكى دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ باش يىگىت بېشى ئازاد ئىبراھىموۋ باشلىق بىر گۇرۇپپا يىگىت باشلىرى ۋە ھامىيلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدى.

قازاقىستاندىكى خەير-ساخاۋەت ھەرىكىتىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىل ئىيۇل، قازاقىستان، ئالمۇتا.

ئازاد ئىبراھىموف ئەپەندى بەزى ھامىيلارنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈشتە ئۆز ئىسىملىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى خالىمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئاساسەن كۈچ چىقارغانلار ئۆزىمىزنىڭ قېرىنددشلىرىدۇر. بولۇپمۇ تىجارەتچى ئىنىمىز يار-يۆلەك بولدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن بىللە مۇشۇنى ئالمۇتا ئابلاستى بويىچە ھەممە يۇرت-جامائەتچىلىككە يەتكۈزۈپ بەردۇق. شۇ يۇرتتىكى ئۇيغۇر بولامدۇ، قازاق بولامدۇ ياكى باشقا مىللەت بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، 90 كىلولۇق لازىمەتلىكلەرنى قېرىنداشلىرىمىزغا، مۇھتاج ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىش بىزنىڭ ۋەزىمىپىز بولدى. بۇ ئېغىزىمىزدا مۇنداق ئېيتقان بىلەن ئەمەلىيەتتە مۇرەككەپ نەرسە. بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەممىسىگە ئۆزىمىزنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىمىز.»

ئازاد ئىبراھىموف بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بولۇپمۇ ئاخىرىقى ۋاقىتلاردا، يەنى كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى مەزگىلىدە نۇرغۇن ياردەملەرنى تارقاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە يېقىنقى يىللاردا ماكانسىز قىينىلىۋاتقان بەش ئائىلىگە ئۆي، شۇنىڭدەك ئەھۋالى ناچار بىر نەچچە ئىنسانلارغا يەر ئېلىپ بەرگەنلىكىنى، ئەنە شۇلارنىڭ مىننەتدارلىقىنىڭ چەكسىز بولغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ھېچ قاچان مىللەت ئايرىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدا ئاتاپ ئۆتۈلگەن ياردەملەرنى ئۆز يۇرتلىرىدا تارقاتقانلارنىڭ بىرى قارايوتا يېزىسىنىڭ باش يىگىت بېشى مۇناردىن ئوسمانوف ئەپەندىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يۇرتقا ئولتۇراقلىشىش تارىخىدىن باشلاپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يۇرتتىكى ئاھالىلەر ئاساسەن 1881-يىلى ئىلى سۇلتانلىقىدىن كۆچۈش ئارقىلىق بۇ يەرگە كېلىپ قارايوتىغا توختىغان. ئاتا-بوۋىلىرىمىز گۈرۈچلەرنى تېرىپ، ئالمۇتاغا، يەنى شۇ ۋاقىتتىكى ۋېرنىيغا، شۇنداقلا مولوۋودنوئې، يەنى ئاتامقۇل يېزىسىغا، رايون بولۇسلىقى قورامغا ئېلىپ باراتتى. بۇ يۇرتلاردا تاكى 1992-1995-يىلغىچە يۈز پىرسەنت ئۇيغۇرلار ياشىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كېيىنچە ئالمۇتاغا كۆچۈپ كەتكەن. ھازىر قالغىنى 52 ئائىلە. يېقىندا دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ چوڭ يىگىت بېشى ئازاد ئاكىمىز ئەۋەتكەن ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى مەھەللىدىكى ئەھۋالى ناچار كۆپ بالىلىق سەككىز ئائىلىگە تارقاتتۇق. بۇ يەردە مەھەللىنىڭ ئىمامى، ھككۈمەت ۋەكىللىرىمۇ بار.»

قازاقىستاندىكى خەير-ساخاۋەت ھەرىكىتىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىل ئىيۇل، قازاقىستان، ئالمۇتا.

مۇناردىن ئوسمانوف مەزكۇر خەيرخاھلىق ھەرىكىتىنى ئۇيۇشتۇرغانلارغا پۈتكۈل يېزا تۇرغۇنلىرى نامىدىن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەر شەخسلىرى مىللىي مائارىپ، مەدەنىيەت، سەنئەت، ئەدەبىيات ساھەلىرىگىمۇ كۆپلەپ ماددىي ياردەملەرنى بېرىپ كەلمەكتە. ئۇلار شۇنىڭدەك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ماددىي جەھەتتىن قوللاشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.