ئىككى ھەپتە ئىلگىرى قازاقىستاننىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قازاقىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ۋىزاسىز كىرىپ چىقىش پىلانلىنىۋاتقانلىقى توغرىلىق خەۋەرلەرنى تارقىتىشقا باشلىغانىدى. شۇنىڭدىن بۇيان بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تورلاردا بۇ مەسىلە چوڭ بەس-مۇنازىرىگە ئايلانماقتا.
«ئازادلىق» رادىيوسىدا بېرىلگەن «قازاقىستان ۋە خىتاي ئۆزئارا ۋىزىسىز تەرتىپ ئورنىتىشنى پىلانلىماقتا» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «ۋىزا تەلەپلىرىنى بىكار قىلىش توغرىلىق قازاقىستان ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاش» بويىچە ھۆكۈمەت پەرمانىنىڭ لايىھىسىنى ئاممىۋى مۇھاكىمە قىلىشنى تەكلىپ قىلغان. ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى مەزكۇر كېلىشىمنى مۇشۇ يىلنىڭ ماي ئېيىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-جومارت توقايېفنىڭ خىتايغا قىلىدىغان رەسمىي سەپىرى داۋامىدا ئىمزالاش پىلانلانغان. مەزكۇر كېلىشىم بويىچە قازاقىستانلىقلار خىتايدا، خىتاي پۇقرالىرى قازاقىستاندا 30 كۈنگىچە، شۇنىڭدەك يېرىم يىل ئىچىدە 90 كۈنگىچە ۋىزاسىز تۇرالايدىكەن. ۋىزاسىز تەرتىپ ساياھەت، شەخسىي ۋە خىزمەت سەپەرلىرىگە قارىتىلغان. لايىھىنى مۇھاكىمە قىلىش 26-ئاپرېلغىچە پىلانلانغان.
ھۆكۈمەتنىڭ ئايرىم رەسمىي مەتبۇئاتلىرى بۇ كېلىشىمنىڭ ئىجابىي نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
لېكىن، مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 25-ئاپرېلدا ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ قاينازار يېزىسىنىڭ تۇرغۇنلىرى نامايىش قىلىپ، ۋىدېو ئارقىلىق قازاقىستان پرېزىدېنتىغا مۇراجىئەت قىلغان. ئۇلار خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قازاقىستانغا ۋىزىسىز كىرىشىگە ئۆزلىرىنىڭ قارشىلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋەھالەنكى «تېڭرىنيۇس» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «يەنە بىر دىپلوماتىيەلىك غەلىبە-خىتاي بىلەن ۋىزاسىز تەرتىپ توغرىلىق» ناملىق ماقالىدا قازاقىستان ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى ئەدىل كەۇكېنوفنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشى بېرىلگەن. ئۇ، ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ كېلىشىمنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېگەن: «ئەمدى قازاقىستانلىقلار خىتايغا ساياھەت ياكى خىزمەت مەقسىتىدە 30 كۈن ۋىزاسىز تەرتىپ بويىچە بارالايدۇ. يەنى قازاقىستان ئۈچۈن ۋىزاسىز تەرتىپ ئوچۇق بولىدۇ ۋە بۇ خىتاينىڭ جاۋابى سۈپىتىدە ناھايىتى كۆڭۈللۈك قەدەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ».
لېكىن، بۇ ئىشنى خەۋپلىك دەپ قارايدىغان سىياسەتشۇناس رىسبېك سەرسېنباي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ۋىزا ئېلىشىغا يېنىكلىق قىلىش بۇ توغرا ئەمەس. بۇ چوڭ خەۋپ-خەتەر. سەۋەبى قازاقىستانغا كىرگەن ياكى بولمىسا باشقا ئەللەرگە بارغان خىتاي شۇ ئەلدە قالىدۇ دېگەن سۆز. ھەممىسى تۇتاش قالمىسىمۇ، كۆپچىلىكى قېلىشقا تىرىشىدۇ. بۇ دۆلىتىمىز ئۈچۈنمۇ خەۋپ تۇغدۇرىدۇ. ھەتتا ئامېرىكاغا ئوخشاش چوڭ مەملىكەتمۇ بۇنداق ئىشقا يول بەرمەي، ساقلىنىدۇ. بىر مىلياردتىن ئوشۇق خەلقى بار خىتاينى 20 مىليونغا يەتمەيدىغان ئاھالىسى بار قازاقىستان بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتايلار ئۈچۈن ئىشىكنى ئېچىپ بېرىش بۇ ۋەتەنگە قىلىنغان ساتقۇنلۇق بىلەن تەڭ. ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى ۋىزا مەسىلىسىگە كۆپلىگەن قازاقىستانلىقلار قارشى چىقىۋاتىدۇ. ئەگەر ھۆكۈمەت شۇ قارشىلىقلار بىلەن كېلىشسە، ئۇ چاغدا قارارنى ئۆزگەرتىدۇ. ئەگەر قوبۇل قىلسا، ئۇ چاغدا خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە تولۇق ئاساس بار، دەپ ئويلايمەن. شەخسەن مەن بۇنىڭغا قارشى».
بەزى مەتبۇئاتلار بۇ كېلىشىمنىڭ بىر مۇنچە گۇمان تۇغدۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرمەكتە. «ستان ئۆز» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «خىتايلار ئەمەس، قانداشلار ئېقىمى كۆپىيىدۇ» دېگەن ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن خەلق ئىچىدە قازاقىستانغا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئېقىپ كىرىشى كۈچىيىپ كېتىدۇ دېگەن ئەنسىرەشلەر تارقىلىشقا باشلىغان.
سىياسەتشۇناس زامىر قاراژانوف بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن قازاقىستانغا خىتايلارنىڭ ئەمەس، بەلكى قانداشلارنىڭ ئېقىپ كىرىشىنىڭ كۆپىيىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
سىياسەتشۇناس دوست كۆشىم بولسا، ئاخىرقى 10-15 يىلدا «خىتايلار بىزنى بېسىۋالىدۇ» دېگەن خەۋەرنىڭ كۆپچىلىكنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ ۋىزا تۈزۈمىگە قاراپ خىتاي تەرىپىدىن كۆپلەپ كېلىدىغان ئادەملەرنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقىنىم يوق. ئەكسىچە، بۇ بىز ئۈچۈن پايدىلىق كۆرۈنىدۇ. كۆپىنچە سودا قىلىدىغانلار ئۈچۈن ياخشى. ھە، قانداشلىرىمىزغا ئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئارىلىشىشىغا ئاجايىپ مۇمكىنچىلىك بولىدۇ. خىتاينى بىزگە دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىش مەسىلىسى بۈگۈنگىچە بار. شۇنىڭ ئۈچۈن قازاقلارنىڭ خىتايلار ئېقىمىدىن قورقۇشى راست. بىراق ئورۇنسىز ئەنسىرەپ يۈرگەن ئوخشايمىز. مەن دائىم دەيمەن، بىز ئۈچۈن ئاساسىي قورقۇنچ-رۇسىيە».
سىياسەتشۇناس پيوتر سۋوىك ئەپەندى بۇ تۈزۈمنى قوللاپ مۇنداق دېدى: «مەن مۇنداق ۋىزاسىز تەرتىپنى پەقەت قوللاش كېرەك، دەپ ئويلايمەن. ھەم ساياھەت، ھەم خىزمەت سەپىرى ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن مۇھىم. ئەمدى ۋىزا تەلەپلىرىنى كۈچىدىن قالدۇرۇش بۇ ئىككى مەملىكەتنىڭ بىر-بىرىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپكە خەتەرلىك كۈچلەرنىڭ كىرىپ كېلىشى توغرىلىقمۇ ئويلاشتۇرۇلغان. ھازىر ئىجتىمائىي تورلاردا تارقىلىپ يۈرگەن ‹خىتايلار قازاقىستانغا بېسىپ كىرىدۇ› ياكى بولمىسا ‹خىتايلار ئىش ئورۇنلىرىنى ئىگىلەۋاتىدۇ› دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل خەۋەرلەر ئاساسقا ئىگە ئەمەس. ئەگەر ئىككى تەرەپ مۇشۇنداق قارارغا كەلگەن بولسا، بىزنىڭ ئۇنى پەقەت قوللاشتىن باشقا ئىشىمىز يوق. ئەمدى خىتايدىن قازاقىستانغا، قازاقىستاندىن خىتايغا خەلقنىڭ بىكاردىن-بىكار ئېقىپ كىرىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كىرىش مەقسەتلىرى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ئىككى تەرەپكە ئادەملەر خىزمەت بابى ياكى بولمىسا، تۇغقان يوقلاش ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن كىرىدۇ. بۇنىڭ ئۆز قائىدىلىرى قاراشتۇرۇلغان».
سىياسەتشۇناس رىسبېك سەرسېنباي 2016-يىلى خىتاي پۇقرالىرىغا يەر سېتىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىمۇ خەلقنىڭ قاتتىق قارشىلىق بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا يول قويمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مەزكۇر ۋىزا مەسىلىسىنىڭ پەقەت قازاقىستانغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئۈچۈنمۇ خەۋپ تۇغدۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ۋەھالەنكى، قازاقىستاننىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىجتىمائىي تورلاردا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قازاقىستانغا ئېقىپ كىرىپ، بۇ ئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قېلىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئىش ئورۇنلىرىنى ئىگىلىۋالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ھەم ۋىزاسىز تۈزۈمگە بولغان ئەندىشىلەرنىڭ ئاساسسىز ھەم ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.