خىتايدىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ئىككى قازاق سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىگە پاناھلىق بېرىلگەن

0:00 / 0:00

خەلقئارا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بولۇپمۇ 2018-يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈركىي-مۇسۇلمان خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتى، خىتاينىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىۋالغان «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىدىن قۇتۇلۇش ئاماللىرىنى ئىزدەپ، قوشنا قازاقىستانغا ھەر خىل يوللار ئارقىلىق قېچىپ چىققانلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئۆسكەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردا مۇنداق ۋەقەلەر بېسىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەنىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ پاناھلىقى قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماي ۋە خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش خەۋپى تۇغۇلغانىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قازاقىستاننى تاشلاپ، ئۈچىنچى بىر دۆلەتتىن پاناھلىق سوراشقا مەجبۇر بولغان.

ئەنە شۇ خىتاي زۇلۇمىدىن قاچقانلار ئارىسىدا ئىككى قازاق يىگىتى قاستېر مۇساخانۇلى بىلەن مۇراغېر ئالىمۇلىنىڭمۇ بولغانلىقى ئېنىق. ئۇلار ئۆتكەن يىلى 8-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا ئۇلار ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكەن ئاخبارات يىغىنىدا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي چېگراسىدىن قانۇنسىز ئۆتۈپ، قازاقىستانغا چىققانلىقىنى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يېقىندا قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قاستېر مۇساخانۇلى بىلەن مۇراغېر ئالىمۇلىغا قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پاناھلىق ھوقۇقى بېرىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالدى.

«پەرغانە رۇ» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان ئاننا كوزىرېۋا ۋە باغدات ئاسىلبېكنىڭ «ئەگەر راستىنى ئېيتساق، بىز ئۈمىد قىلمىغاندۇق. شىنجاڭنىڭ ئېتنىكىلىق قازاقلىرى قازاقىستاندا پاناھلىق ھوقۇقىنى ئالدى» ناملىق ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، قاستېر مۇساخانۇلى ۋە مۇراغېر ئالىمۇلىغا بۇ ھوقۇقنىڭ بېرىلىشى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي بېسىمىدىن قېچىپ چىققانلارغا بېرىلگەن تۇنجى ھوقۇقكەن. بۇنىڭغىچە قازاقىستان رەھبەرلىكى قوشنا ئەل بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە تالىشىشنى لايىق كۆرمىگەن بولسا، مەملىكەت پرېزىدېنتى خىتايدا قازاقلارنىڭ ئاممىۋى تەقىبلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ «تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا» ئەۋەتىلىشى ھەققىدە خەۋەرلەرنى كۆپتۈرۈلگەن دەپ تەكىتلىگەنىكەن. مەزكۇر ماقالىدا قاستېر مۇساخانۇلى ۋە مۇراغېر ئالىمۇلىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشىدىن ۋە قازاقىستانغا قېچىپ چىقىشىدىن تا پاناھلىق ھوقۇقى ئالغانغا قەدەر باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرى ئېيتىلغان. ماقالىدا يەنە 2009-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يەرلىك خەلقلەرنى دىنىي ۋە ئېتنىكىلىق كېلىپ چىقىشلىرى جەھەتتىن تەقىبلەشلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكى، بۇنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى قازاق ۋە قىرغىزلارنىڭمۇ بېشىغا كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپى توقۇلغان ئەيىبلەشلەر بىلەن تۇتۇلۇپ، جازا لاگېرلىرىغا قامالغانىكەن.

قازاق تىللىق مەتبۇئاتلاردىن «ئادىرنا» مىللىي تورىدا بېرىلگەن «پاناھلىق ھوقۇقىنى ئالغان قاستېر بىلەن مۇراغېر پۇقرالىقنى قاچان ئالىدۇ؟» دېگەن ماقالىدا دېيىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتى بائۇرجان ئازانوف ئۆتكەن يىلى پاناھلىق بېرىش ھەققىدە ئىلتىماسىنىڭ تولۇقى بىلەن قانائەتلەندۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ پاناھلىق ھوقۇقىنىڭ بىر يىلغا بېرىلىدىغانلىقىنى، بىر يىلدىن كېيىن بەش يىلغا بېرىلىدىغان «پۇقرالىقى يوق شەخس» ھۆججىتىنى ئېلىش لازىملىقىنى، پەقەت شۇنىڭدىن كېيىن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىقىنى ئېلىش مەسىلىسىنىڭ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قاستېر مۇساخانۇلى بىلەن مۇراغېر ئالىمۇلى چېگرانى بۇزۇپ كىرىپ، كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا قازاقىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن سولاپ قويۇلغانىكەن. بۇ ئىككى پاناھلىق تىلىگۈچىنىڭ تەقدىرىگە دىققەت بۆلگەن بەزى قازاقىستانلىق ئۆكتىچىلەر ئۇلارنىڭ قەتئىي خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلسا، «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» ئوخشاش تەشكىلاتلار ئۇلارنى ئۆز ھىمايىسى ئاستىغا ئالغان.

بىز ھازىرچە تۇرۇۋاتقان ئورنىنى نامەلۇم تۇتۇۋاتقان قاستېر مۇساخانۇلى بىلەن ئالاقىلاشقىنىمىزدە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىخو شەھىرىدىكى لاگېردا ياتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «2009-يىلى ئۈرۈمچىدە كۆتىرىلىش بولدىغۇ، مانا شۇنىڭ بىلەن ئالاقەڭ بار دېدى. قورغاستا تۇرىدىغان سادام دېگەن دوستۇم بولغانىدى، ئۇ ئۇيغۇر بالىسى. شۇنىڭ بىلەن خەۋەرلەشكەن ئىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن مېنى 4 يىل 8 ئايغا سىياسىي ماددا بويىچە قامىۋەتتى. دەسلەپتە بىر يېرىم يىل قاتتىق قىينالدىم. قاماقتا ياخشى كۈن كۆرمىدۇققۇ. كۈندە قىيناش. ياتقان يېرىمدە 3000 ئۇيغۇر بولغان. قاماقتىن چىققاندىن كېيىنمۇ ئارام بولمىدى. 2019-يىلدىن باشلاپ ئۇنى نېمە قىلدىڭلار؟، بۇنى نېمە قىلدىڭلار ؟دەپ، كۈندە تەكشۈرۈش، كۈندە چاقىرىش. ئۇنى تونۇمسەن، بۇنى تونۇمسەن دەپ، ئارام بەرمىدى.»

قاستېر مۇساخانۇلى 2017-يىلى تۈرمىدىن چىقىپ، ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن ئۇ قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، بىر يىل تۆرت ئاي داۋامىدا يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان سىياسىي تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرغان. قاستېر قاتارلىقلارغا ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان رايوندىن سىرتقا چىقىش مەنىي قىلىنغان بولۇپ، ئىشلەشكە رۇخسەت سورىغان بولسىمۇ، رۇخسەت ئالالمىغان. 2019-يىلى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىدا «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى» غا قاماش توغرىلىق خەۋپ تۇغۇلغاندا، ئۇ مۇراغېر ئالىمۇلى بىلەن 6-ئۆكتەبىردە قازاقىستانغا قېچىپ چىققان.

قاستېر مۇساخانۇلى ئۆزلىرىنىڭ ئىشىنىڭ ئىجابىي ھەل قىلىنىشىغا بولۇپمۇ ئادۋوكات ئابدۇللا باقبېرگېننىڭ كۆپ مەنىۋى ۋە ماددىي كۈچ چىقارغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ناغىز ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى بېكزات مەخسۇتقان ئوغلى قاستېر مۇساخانۇلى ۋە مۇراغېر ئالىمۇلى ئىشىنىڭ تېگىشلىق ئورگانلار تەرىپىدىن قارالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ ھەممىسى قاتناشقان كومىسسىيەدە ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ خىتايدىن بېسىم كۆرگەن، ئۇلارنىڭ مىللىتىگە، دىنىغا خەۋپ تۇغۇلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستانغا قېچىپ ئۆتكەن دېگەن خۇلاسە چىقىرىلغان. يەنى خىتايدا باشقا مىللەتلەرگە بېسىم كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى ئىقرار قىلغان. بىز نېمە ئۈچۈن ئالدى بىلەن پاناھلىق ھوقۇقىنى ئېلىشقا ھەرىكەت قىلدۇق. ئۇنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىكى، بىزنىڭ ‹ناغىز ئاتايۇرت پىدائىيلىرى›دا تۆت يىل مابەينىدە خىتايدا قىرغىنچىلىقنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلسۇن دېگەن ئارمان، مەقسەت بولدى. كومىسسىيەنىڭ بۇ ئىش بويىچە ئالغان قارارى ئۇلارنىڭ خىتايدا بېسىم كۆرگەنلىكىنى تەستىقلىدى. يەنى قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتايدا قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. بىزنىڭ چوڭ غەلىبىمىز مانا شۇ. خىتاي بولسا بۇنى ئىقرار قىلمايدۇ. مۇمكىن ئۇ بۇ جەھەتتە باشقا پىلانلارنى تۈزۈۋاتقان بولسا كېرەك. چۈنكى بۇ ئىككى يىگىت ئۆزلىرىنىڭ بېسىم كۆرگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ يەردىكى ئادەملىرى ئارقىلىق ئۇلارغا كۆپلىگەن يالا-تۆھمەتلەرنى ياپتى. بىرلىرى مال ئوغرىلىغان، بىرلىرى قەرىز بولۇپ، پۇلىنى بېرمەي قېچىپ كەتكەن دېدى. دېمەك ئۇلارنى جىنايەتچىلەر سۈپىتىدە خىتايغا قايتۇرماقچى بولدى. خىتايدىن كەلگەن ئادەملەر بىزگە مۇنداق دېدى: ‹خىتايدا تارباغاتاي ۋە ئىلىدىكى ئادەملەرگە قاستېر بىلەن مۇراغېرنى بىز ئاللىقاچان ئېلىپ كېلىۋالدۇق. بىز ئۇلارنى قاماپ قويدۇق. ئۇلار ئەمدى يېقىندا سوتلىنىدۇ› دېگەن يالغان خەۋەرنى تارقىتىپتۇ. خىتاي قاستېر بىلەن مۇراغېرنىڭ بۇ ياققا كەتكەنلىكىدىن قاتتىق ئەنسىرىگەن. باشقىلار قورقسۇن دەپ يالغان ئېيتقان. بىز مۇشۇ كومىسسىيەگە ۋە ھاكىمىيەتتىكى ئادەملەرگە بۇ مەسىلىدە رەھمىتىمىزنى ئېيتىمىز».

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىدىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان قازاقلار، ئۇيغۇرلار قازاقىستاندا پاناھلىق رۇقسىتى ئالالمىغاندىن كېيىن ئۈچىنچى مەملىكەتكە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ھەتتا قازاقىستان ئىلگىرى بىرقىسىم ئۇيغۇر قاچاقلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنىدى. خەلقئارا ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتلىرىمۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقلەردە بىر نەچچە قېتىم ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئەيىبلىگەنىكەن.