قازاقىستان خىتايغا يۈك ئاپتوموبىللىرىنى كىرگۈزمىگەنلىكى سەۋەبىدىن نارازى بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-12-22
Share
قازاقىستان خىتايغا يۈك ئاپتوموبىللىرىنى كىرگۈزمىگەنلىكى سەۋەبىدىن نارازى بولدى قازاقىستان باش مىنىستىرى ئاسقار مامىن.
Social Media

مەلۇمكى، 1991-يىلى مۇستەقىللىق ئالغان قازاقىستان قوشنا رۇسىيە، خىتاي، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەر بىلەن بىلەن سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىنى ئورنىتىپ، بۈگۈنكى كۈنگىچە راۋاجلاندۇرۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان بۇ ئالاقىلىرى دائىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەنىدى. ئاخىرقى ۋاقىتلاردا بولسا، خىتاي قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ تاشقى سودا شېرىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا.

يېقىندىن بۇيان قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قازاقىستاننىڭ خىتايغا نوتا تاپشۇرغانلىقى ھەققىدە ماقالىلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىغانىدى.

14-دېكابىردا «كازتاگ» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «چېگرادىكى ۋەزىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستان خىتايغا نوتا تاپشۇردى ۋە مۇزاكىرە يۈرگۈزۈۋاتىدۇ» ناملىق ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەقتە قازاقىستاننىڭ باش مىنىستىرى ئاسقار مامىن خەۋەر قىلغانىكەن. ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، مۇشۇ يىلى 10-نويابىردىن تارتىپ خىتاي قازاقىستاندىن كىرىدىغان ئاپتوموبىل قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ كىرىشىنى چەكلەپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان تاۋارلارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ كىرىشىنى مەنئى قىلغان. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قازاقىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىخانىسىغا نوتا تاپشۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە خىتاي تەرەپتىن جاۋاب كەلمىگەن. شۇ مەقسەتتە ھازىر ۋەزىيەتنى ھەل قىلىش ھەم ئىلگىرى يېپىلغان «دۇلاتى-غالجات» ۋە «مايقاپشاغاي-زىمۇناي» كىرىپ-چىقىش پونكىتلىرىنى ئېچىش توغرىلىق ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە يۈرگۈزۈلمەكتىكەن.

باش مىنىستىر ئاسقار مامىننىڭ ئېيتىشىچە، «نۇر ژولى» كىرىپ-چىقىش پونكىتى ئارقىلىق خىتاي تەرەپكە ھەر كۈنى 200دىن ئوشۇق ئاپتوموبىل كىرىۋاتقان بولسا، ھازىر كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ سانى 20-30 ئاپتوموبىلغىچە قىسقارتىلغانىكەن. ئۇلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش بويىچە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىپ، 1-ئىيۇلدىن تارتىپ قازاقىستان تەرەپتىكى «غالجات» ۋە «مايقاپشاغاي» پونكىتلىرى ئېچىلغانىدى. ئەمما مۇزاكىرىلەر يەنىلا داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي تەرەپتىكى بىر نەچچە پونكىتلار يېپىق بويىچە قالغان.

«ئاتامېكېن ئۆز» يېڭىلىقلار ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «خىتاي چېگراسىغا كېتىپ بارغان يولدا ئېكسپورت تاۋارلىرىنى باسقان 8 مىڭ قازاقىستان ۋاگونى تاشلاپ قويۇلغان» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 8 ئايدىن بۇيان بۇ مەسىلە ھەل قىلىنماي، خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن كارانتىننىڭ كۈچىيىشى بىلەن ئىككى تەرەپ چېگراسىدىكى ئەھۋال جىددىيلەشكەن. نەچچىلىگەن ئاپتوموبىل ۋە ۋاگونلارنىڭ تۇرۇپ قېلىشى قازاقىستانلىق تىجارەتچىلەرنى شەرتنامە ۋەزىپىلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ھەمدە ئىقتىسادىي چىقىملارغا ئېلىپ كەلگەن.

سىياسەتشۇناس پيوتر سۋويىكنىڭ پىكرىچە، قازاقىستان ۋە خىتاي چېگراسىدا قېلىپلاشقان بۈگۈنكى ۋەزىيەت ھەقىقەتەنمۇ پاجىئەلىككەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاساسىي سەۋەب، ئەلۋەتتە، ۋابا. خىتايلار، بىرىنچىدىن كېسەلنىڭ شۇلاردىن باشلانغانلىقىدىن، ئىككىنچىدىن، ئىنتىزامنىڭ چىڭلىقىدىن ۋە كۆرۈلگەن تەدبىرلەرنىڭ تەشكىلىي جەھەتتىن يىغىنچاقلىقىدىن شۇ ئاغرىقنىڭ ھۆددىسىدىن چىققانلىقى بىلەن ئاتىقى مەلۇم بولدى. بۇنىمۇ ياخشى چۈشىنىش كېرەك. ئەمدى ۋابادىن تاشقىرى يەنە بىر نەچچە سەۋەبلەرنىڭ بولغانلىقىنى بىز ياخشى چۈشىنىشىمىز لازىم. بىرىنچىسى، قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىلىرى خىتاي ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگىمۇ؟ يەنى خىتاي قازاقىستان تاپشۇرغان نوتىغا تېز ۋاقىتنىڭ ئىچىدە دىققەت قىلىشى كېرەكمۇ؟ ئەمدى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تاپشۇرغان نوتىسى، قازاقىستان تۆمۈر يولچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىنىڭ خىتايغا قىلغان مۇراجىئەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگىمۇ؟ ياق. نېمىشقا؟ دېمەك، خىتاي ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك مەقسەت پەقەت قازاقىستاننىڭ گاز ۋە نېفىت يەتكۈزۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنى نېفىت ۋە گاز كانلىرىنىڭ خىتاي ئىگىدارچىلىقىمدا بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي تېررىتورىيەسىگە كۆچۈپ بېرىشى. بۇنى خىتاي ھەل قىلىپ بولدى. قازاقىستان ھازىرچە خىتاي ئۈچۈن ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› لايىھەسى بويىچە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر بۆلەك بولۇپ قېلىۋاتماقتا. ‹قورغاس› پونكىتى ۋە باشقىلار بۇ قازاقىستان ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى قازاقىستان ئارقىلىق ياۋروپا ۋە ئاسىياغا چىقىدىغان مەملىكەتلەر ئۈچۈنمۇ مۇھىم بولۇپ قالماقتىكەن. خىتاي ئۈچۈن قازاقىستان ھازىر پەقەت نېفىت ۋە گاز يەتكۈزىدىغان مەملىكەت بولۇپ قېلىۋاتماقتا. ھازىر خىتايغا ئۆتمەيۋاتقان ۋاگون ۋە ئاپتوموبىللاردا نېمە ياتىدۇ؟ بۇ تۆمۈر رۇدىسى، بۇغداي ۋە باشقىمۇ يېزا ئىگىلىكى خام ئەشياسى. نېمە ئۈچۈن خام ئەشيا؟ نېمە ئۈچۈن بىز خىتايغا شۇنچىلىك خام ئەشيانى ئەۋەتىشىمىز كېرەك؟ نېمە ئۈچۈن بۇنى بىز رۇسىيە بىلەن بولغان سودا ئالاقىلىرىدە پايدىلانمايمىز؟ بۇ يەردە ھەر خىل ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلەر بىلەن سودا ئالاقىلىرىنى قانداق تۈزۈش كېرەكلىكى ھەققىدە مەسىلە تۇرۇپتۇ. ھازىر قازاقىستاننىڭ ياۋرو-ئاسىياغاا قارىغاندا، ئۈچىنچى مەملىكەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىرى بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. مانا مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە ئويلىنىش كېرەك.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوف مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، خىتاي ئۆز مەقسەتلىرىنى كۆزلەۋاتىدۇ. قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ شۇ مەقسەتلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسالغۇ قىلىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە 55 خىتاي كارخانىسىنىڭ قازاقىستاندا ئولتۇراقلىشىپ قېلىشى ھەققىدە سۆز بولۇۋاتىدۇ. بۇ خىتاي مەنپەئەتلىرىنىڭ قازاقىستانغا بولغان تەسىرىنى توختىتىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئىككىنچىدىن، خىتاينىڭ قازاقىستانغا كىرىپ كېلىشى خىتاي ئۈچۈن تېخى يېتەرلىك ئەمەس. خىتاي يەنە قازاقىستاننىڭ قېزىلما بايلىقلىرىغا كۆز تاشلاۋاتىدۇ، يەنىمۇ باشقا مەنبەلىرىنى كونترول قىلىشقا، قازاقىستان ھاكىمىيىتىنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، قازاقىستانغا بېرىۋاتقان قەرزلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئوخشاش قازاقىستان مەھسۇلاتىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى بازىرىدىن ئۆتۈشىگە توسالغۇلۇق قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستانلىقلارنىڭ ئۆز ئېلىگە توشۇۋاتقان خىتاي تاۋارلىرىمۇ چوڭ چىقىملارغا ئۇچراۋاتىدۇ. بۇنىڭ بارلىقى قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ يىمىرىلىشىگە قارىتىلغان.»

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاينىڭ باش تاموژنا باشقارمىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2017-يىلى ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى تاۋار ئوبوروتى 18 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، 2016-يىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا 37. 4 پىرسەنتكە ئۆسكەنىكەن. شۇنىڭ ئىچىدە قازاقىستان ئېكسپورتى 6. 35 مىليارد دوللارغا، ئىمپورتى 11. 64 مىليارد دوللارغا كۆتۈرۈلگەن. 2015-يىلى قازاقىستاننىڭ مەبلەغ ۋە تەرەققىيات بويىچە مىنىستىرلىقى ۋە خىتاينىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات بويىچە دۆلەت كومىتېتى ئوتتۇرىسىدا سانائەتلەشتۈرۈش ۋە مەبلەغ ساھەسىدە دائىرىلىك كېلىشىم ئىمزالانغان ئىدى. ھازىرغىچە ئاپتوموبىل ياساش، يېزا ئىگىلىكى، خىمىيە، تاغ كانى، گاز ۋە نېفىت، قۇرۇلۇش، يېنىك سانائەت، ئېنېرگىيە ۋە باشقا ساھەلەر بويىچە 28 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلىدىغان 50تىن ئوشۇق لايىھە ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت