قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆتكۈزگەن پۇتبول مۇسابىقىلىرى ياشلارنى تەربىيەلەشكە قارىتىلغان
2022.10.28

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرى، ئايرىم مىللەتپەرۋەر شەخسلەر تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە خىلمۇ خىل دەرىجىدىكى مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى ماددىي جەھەتتىنمۇ قوللاپ كەلمەكتە. بۇ مۇسابىقىلەر ھەر خىل سەھنەلەرگە، جۇمھۇرىيەت ۋە خەلقئارا دائىرىدە تونۇلغان ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان شەخسلەرگە ئاتالغان بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تەرىپىدىنمۇ قوللاپ-قۇۋەتلەنمەكتە.
قازاقىستاندا كېيىنكى ۋاقىتلاردا ياشلارغا بولغان دىققەت-نەزەر تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، زامان روھىغا مۇۋاپىق تەربىيەلەش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان پائالىيەتلەر ئىچىدە تەنھەرىكەت ساھەسى ئالاھىدە ئورۇننى تۇتىدۇ. يېقىندا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول بويىچە مۇسابىقىلەر شۇلار جۈملىسىدىندۇر.
ئالمۇتا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان «كېنتاۋر» قابىلىيەتلىك تەنھەرىكەتچىلەرگە ياردەم قىلىش جەمئىيەتلىك فوندى شۇنداق تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى مەخمۇت ئىسكەندەروف باشقۇرماقتا. مەزكۇر تەشكىلات ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ياشلارنى تەربىيەلەشكە چوڭ كۈچ چىقارماقتا.
بىز بۇ ئورۇننىڭ مەسئۇلى، قازاقىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن ترېنېر، نارىمان قۇربانوفتەك ئاتاقلىق گىمناستىكاچىنى تەربىيەلەپ چىققانلارنىڭ بىرى بولغان مەخمۇت ئىسكەندەروف ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشتۇق. ئۇ ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەرنىڭ بىرىنىڭ كېنتال ئىسلاموفنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ جەمئىيەت ئەربابى ئىدى، يېزا ئىگىلىگىدە ئىشلىدى ۋە رەھبەر بولدى. ئۇ ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ مەركىزى چونجا يېزىسىنى ئاۋاتلاشتۇرۇشقا، ئاھالىنىڭ تۇرمۇش-تىرىكچىلىكىنى ياخشىلاشقا كۆپ كۈچ چىقارغان، دۆلەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن بىر شەخس. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئەنە شۇنداق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ياشلىرىمىزغا ئاتاقلىق شەخسلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۈلگە-ئىبرەت قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ مۇسابىقىدە ئومۇمەن ئوتتۇزدىن ئوشۇق كوماندا قاتناشتى. شۇلارنىڭ ئىچىدىن سەككىز كوماندا ئالدىنقى ئورۇنلار ئۈچۈن كۈرەشتى. بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزنى ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك بىرلەشمىسى ۋە ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى قوللاپ-قۇۋەتلىدى.»
مەخمۇت ئىسكەندەروف پۇتبول بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يەنە بىر مۇسابىقىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىدىن چىققان يەنە بىر ئاتاقلىق شەخس-تەنھەرىكەتنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا تۈرى بويىچە قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم چېمپىيون بولغان، ھازىر ھېلىمۇ ھايات ئارمىيە ھوشۇروفقا بېغىشلانغانلىقىنى بايان قىلدى. مەخمۇت ئىسكەندەروف ئۆز سۆزىدە، ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدىن ئەنە شۇ ئارمىيە ھوشۇروفقا ئوخشاش تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ چىقىدىغانلىقىغا چوڭ ئىشەنچ بىلدۈردى.
بىز تۈگمەن يېزىسىدا تۇرىدىغان 90 ياشقا كىرگەن ئارمىيە ئاكىنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئۆز ۋاقتىدا قازاقىستاننىڭ ئابرۇيىنى كۆتۈرۈپ، بىر نەچچە رېكورتلارنى ياراتقان ھەم چېمپىيون ئاتاقلىرىنى ئالغان ئىدىم. بولۇپمۇ يېنىك ئاتلېتىكانىڭ ئادەم بالىسىغا ناھايىتى پايدىلىق بولغانلىقىنى بىلىۋاتىمىز. ناھىيەلىك ھۆكۈمەتلەر، تەنھەرىكەت كومىتېتى ۋە مەكتەپلەر بىرلىشىپ، مېنىڭ نامىمدامۇسابىقە ئۆتكۈزدى. مۇشۇنى ئۇيۇشتۇرغانلارغا كۆپ رەھمىتىمنى ئېيتىمەن.»
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىدە نۆۋەتتىكى مۇسابىقە بولۇپ ئۆتكەن. بۇ مۇسابىقە ئالمۇتا شەھىرىنىڭ «ئالاش» تەنھەرىكەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، «مەۋسۈملۈك مۇسابىقە» دەپ ئاتالغان. ئۇنى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى ئالىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسىنىڭ ئەزاسى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل ئۇيۇشتۇرغان ۋە ھامىيلىق قىلغان.
دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل بۇ مۇسابىقىنىڭ قازاقتىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 25 يىللىقىغا بېغىشلانغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ مۇسابىقىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ ياشلارنى تەربىيەلەش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق شەخسلەرگە بېغىشلانغان بوكس، پۇتبول ۋە تەنھەرىكەتنىڭ باشقىمۇ تۈرلىرى بويىچە كۆپلىگەن مۇسابىقىلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان چېمپىيونلارنىڭ بىر نەچچە قېتىم قازاقىستان تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنى خۇشال قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.