قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان مەملىكەتنىڭ ھازىرقى مۇمكىنچىلىكلىرىدىن پايدىلانغان ھالدا، ھەر خىل شارائىتلاردا ئۆز ئىجادلىرىنى داۋام قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ھەر خىل مەزمۇن ۋە شەكىللەردىكى پائالىيەتلەردە ئېيتىلىپ كېلىۋاتماقتا ھەم مەتبۇئاتلاردىمۇ تىلغا ئېلىنماقتا.
ئىگىلىشىمىزچە، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، قازاقىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەر ئۆز مۇستەقىللىكىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما پەيدا بولغان ئىقتىسادىي چۈشكۈنلۈكلەر سەۋەبىدىن يازغۇچىلارنىڭ ئەركىن ئىجاد قىلىشىدا بىر مۇنچە قىيىنچىلىقلار سادىر بولغانىكەن ھەم ئۇلار ھازىرمۇ مەۋجۇتكەن. شۇنىڭغا قارىماي، قەلەم ئىگىلىرى تۈرلۈك ماۋزۇلارغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۆز ئەسەرلىرىنى ھەر خىل يوللار بىلەن نەشر قىلىپ، ئوقۇرمەنلەر دىققىتىگە سۇنماقتىكەن.
يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە ئۆتكەن بىر تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدا بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئالدىدا تۇرغان بەزى مۇھىم مەسىلىلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى تەقدىرى ۋە مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئاماللىرى مۇھاكىمە قىلىندى. مەزكۇر مۇراسىم قازاقىستاندا تونۇلغان يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست شاۋكەت نەزەروفنىڭ يېقىندا يورۇق كۆرگەن «كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن» ناملىق كىتابىغا بېغىشلاندى. كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ سەۋەبىدىن بىخەتەرلىك چارىلىرىنى ساقلاش مەقسىتىدە 30 ئەتراپىدا ئادەم تەكلىپ قىلىنغان بۇ مۇراسىمغا زىيالىيلار، جەمىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، يۇرت-جامائەت ئاكتىپلىرى قاتناشتى.
ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋە يىگىت باشلىرىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىدە ئۆتكەن بۇ تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىغا رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى، پروفېسسور ئالىمجان ھەمرايېف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، شاۋكەت نەزەروفنىڭ ئەدەبىيات، سەنئەت، مەدەنىيەت، ژۇرنالىستىكا ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيالىيلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دەسلەپ سۆز ئالغان شاۋكەت نەزەروف ئىقتىساد قىيىنچىللىقى سەۋەبىدىن كىتابنىڭ ۋاقتىدا يورۇق كۆرەلمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ مەزمۇنىغا توختالدى. ئۇ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيىتىدە ۋەتەن ماۋزۇسىنىڭ ئالاھىدە ئورۇن تۇتۇش لازىملىقىنى ھەم بۇنىڭ ھەر بىر ئەدىب ئۈچۈن ئالىي بۇرچ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدە سۆزگە چىققان پېشقەدەم مەتبەەچى زېرىپ مولوتوف، ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەىسى ھوسمان ئوبۇلوف، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى، يازغۇچى گۈلبەھرەم خوشايېۋا ۋە باشقىلار قازاقىستاندىكى مىللىي ماارىپنىڭ، مەدەنىيەتنىڭ، سەنەتنىڭ، مەتبۇاتنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان مەسىلىلەر، يازغۇچىلارنى رەغبەتلەندۈرۈش، ياش ئىجادكارلارنى تەربىيەلەش، كادىرلارنى تەييارلاش ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار شاۋكەت نەزەروف ئىجادىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەھمىيىتىنى يۇقىرى باھالاپ، يەنىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارغا يېتىشىنى تىلىدى.
تارىخچى ۋە سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى شاۋكەت نەزەروفنىڭ كۆپ قىرلىق يازغۇچى ئىكەنلىكىنى، مىللىي داۋا يولىدىمۇ ھەرىكەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مىللەتنىڭ زىيالىيلىرى دېگەن شۇ مىللەتنىڭ ھەقىقىي غايىسىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ئىپادىلەيدۇ، سەھنىگە چىقىرىدۇ، خەلقىگە يەتكۈزىدۇ. ھازىر مەن بىلىدىغان ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ۋە يەنە بىرلىرى قازاقىستان قانۇنى بويىچە، قازاقىستاندا شەكىللەڭەن ئەخلاق پرىنسىپلىرى بويىچە مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ. مەن ھەر قاچان دەيمەن. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى قازاقىستاندا ئەڭ ۋەتەنپەرۋەرلەر. ئەمدى ۋەتەن داۋاسىغا كەلسەك، بۇرۇنقىدەك ئۈمىدسىز بولماڭلار. ئۇلۇغ ئۇيغۇر مىللىتى ھېچ نەرسە بولمايدىكەن. تۈرمىدىن، لاگېردىن ئۈچ يىل يېتىپ چىققانلارنى كۆردۈم. ئىجادكارلارنىڭ ۋەزىپىسى 20 مىليون خەلقتە بولۇۋاتقان ھەقىقەتنى ئىپادىلەش، يېزىش، دۇنياغا يەتكۈزۈش، سەھنىلەشتۈرۈش، قويۇش.»
قەھرىمان غوجامبەردى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كۆپ كۈچ چىقىرىشى ئارقىسىدا ئۇيغۇرلارنى دۇنيانىڭ تونۇپ يەتكەنلىكىنى، ھازىرقى كۈندە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسىنىڭ مىللىي مائارىپنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يازغۇچى شاۋكەت نەزەروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەن قازاقىستان دىيارىدا تۇغۇلۇپ ئۆسسەممۇ، ئائىلەم تەلتۆكۈس، بەختىيار ئۆمۈر سۈرسەكمۇ، مېنىڭ قەلبىمدە تارىخىي ۋەتىنىمىزنىڭ ئورنى بۆلەكچە. مەن ۋەتەننى تالاي مەرتەم زىيارەت قىلغان. تامامەن باشقا دۇنيا. ئۇنى ئاددىي تىل بىلەن ئېيتىپ، تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس. كىتاب ئۈچ قىسىمدىن ئىبارەت. بىرىنچى قىسىمغا خەلقىمىز تەقدىرى، مىللىي مەدەنىيىتىمىز تەرەققىياتىغا ئائىت ماقالىلەر كىردى. ئىككىنچى قىسىمغا ۋەتىنىمىزدە بۈگۈنكى كۈندە يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلىك ۋەقەلەرگە ئائىت شېئىرلار كىرگۈزۈلدى. مۇشۇ ئىككى قىسىم كىتابنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ.»
شاۋكەت نەزەروفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھەجۋىي ژانىر يازغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلىرى، كۈلكىگە تەشنا خەلقى يازغۇچىدىن كۆڭۈلگە ئارام، خۇش كەيپىيات بېغىشلايدىغان ئەسەرلەرنى كۈتىدىكەن. ئىككىنچىدىن، ئاپتور كىتابنىڭ دەسلەپكى ئىككى قىسمىدىن كېيىن ئوقۇرمەنلەر قەلبىگە تەشۋىشلىك ئوي، ئۆكۈنۈش، ھەسرەت ئوتلىرىنى سېلىپ، يەكۈنلىگەندىن كۆرە، ئاز بولسىمۇ، خاتىرجەملىك، شاتلىق پەدىسىدە ئۆز ئەسىرىنى تاماملاشنى توغرا كۆرگەنىكەن. شۇ سەۋەبتىن كىتابنىڭ ئۈچىنچى قىسمىغا بىر ھەجۋىي پوۋېستىنى كىرگۈزگەن.
كىتابتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭدا «خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە ئائىت پىكىر-مۇلاھىزىلەر ۋە شېئىرلار» ئورۇن ئالغانىكەن.
شاۋكەت نەزەروف قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ، شۇ جۈملىدىن يازغۇچىلارنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسىنىڭ مەملىكەتتىكى سىياسىي تۇراقلىقنى، خاتىرجەملىكنى ۋە مىللەتلەر ئارا رازىمەنلىكنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ۋەتەن چۈشەنچىسىنىڭ ھەر يازغۇچىدا ھەر خىل بولىدىغانلىقىنى، ھەر كىمنىڭ ۋىجدانىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ھېچ بىر يازغۇچى ئايلىنىپ، ئۆتۈپ كېتەلمەيدىغان ئىككى ماۋزۇ بار. بىرىنچىسى مۇھەببەت بولسا، ئىككىنچىسى ۋەتەن. بۇ يەردە ھەر كىم شۇ ياقتا بولۇۋاتقان ئىشلار ھەققىدە ئۆزىنىڭ شەخسىي پىكرىنى ئېيتىپ كېتىش ھوقۇقىغا ئىگە. مەن ئۆزۈم قازاقىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنىدا كاپالەتلەندۈرگەن ھوقۇقۇمدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارا نورمىلار قېلىپىدىن چىقماي، قولۇمدىن كېلىشىچە يورۇتۇشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىمەن. قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن ۋەتەن ماۋزۇسىغا مۇراجىئەت قىلىۋاتقانلار ناھايىتى كەم، دەپ ئويلايمەن. بۇ مەسىلىدە بىز ھېچ كىمنى كەسكىن بىر ھەرىكەتلەرگە چاقىرمايمىز، ئەلۋەتتە. يەنە قايتا-قايتا ئېيتساق، ھەر قانداق ئىش ئەڭ بىرىنچى مۇشۇ ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ قانۇنلىرى دائىرىسىدە بولۇشى كېرەك. لېكىن پۈتۈن دۇنيا ۋەتەندە بولۇۋاتقان ئىشنى ئېتىراپ قىلىۋاتقاندا ئۆزىمىزنىڭ تىنچ يېتىۋالغىنى ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. مېنىڭچە بولسا، ئاستا-ئاستا يازغۇچىلارمۇ، ژۇرنالىست ۋە ئالىملىرىمىزمۇ ئويغىنىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»
رادىويمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تالغىر ناھىيەسى بېساغاش يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى، ژۇرنالىست ئىسمائىل روزىيېف ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئىجادىيىتىدىكى ئورنى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇشۇ كۈنلەردە ۋەتەندە خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ھاياتى توغرىلىق يېزىۋاتقان ئەدىبلەرنى ئېيتىشقا قىينىلىسەن. يېشى 80 دىن ئاشقان ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف بار. ئۇنىڭ ئالدىدا يازغۇچى ئالىمجان باۋدىنوفنىڭ كىتابلىرى بولىدىغان. بۇرۇن سوۋېت ۋاقتىدا زىيا سەمەدى باشلىق باشقا يازغۇچىلارنىڭمۇ نۇرغۇن كىتابلىرىنى ئوقۇدۇم. ۋەتەندىكى ئەھۋالنى ھازىر ھەممىمىز بىلىمىز. ئۆز ۋاقتىدا زوردۇن سابىرنىڭ›ئانا يۇرت‹، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ›ئىز‹، ›ئويغانغان زېمىن‹كىتابلىرىنى ئوقۇپ، تەربىيىلەندۇق. قازاقىستاندا بۇ توغرىلىق يازىدىغان يازغۇچى-شاىرىلىرىمىز بولىدىغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ دۇنيالىق بولۇپ كەتتى. شاۋكەت نەزەروفنىڭ يازغان كىتابى بۇ بىر يېڭىلىق. بىز شۇنداق شائىرلار، يازغۇچىلار يېتىلىپ چىقسىكەن دەپ كۈتىمىز.»
ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر قازاقىستاندا ۋەتەن ماۋزۇسىغا مۇراجىئەت قىلىپ، لىرىكىلىق ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلۇۋاتقان ياش ئىجادكارلار يېتىلىپ چىقىۋاتقان بولۇپ، خەلق ئۇلارغا چوڭ ئۈمىد قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە ئورۇن ئېلىۋاتقان بولسا، بەزىلىرى ئايرىم كىتابلار سۈپىتىدە يورۇق كۆرۈۋاتماقتىكەن.