تونۇلغان بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى ئاۋۇت مەسىموف مۇكاپاتقا ئېرىشتى
2025.02.03
يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىدىكى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ بىناسىدا «قۇلاگېر» جۇمھۇرىيەتلىك ئەدەبىيات مۇسابىقىسىنىڭ غالىپلىرىنى تەقدىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىم ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئاۋۇت مەسىموفمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
قازاقىستان مىللىي تەنھەرىكەت بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ھەم قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۆتكەن بۇ مۇراسىمغا مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى، يازغۇچىلار، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى قاتناشتى.
مۇسابىقىنىڭ مەقسىتى قازاقىستاننىڭ مىللىي مىراسلىرى ۋە مىللىي تەنھەرىكەتنى تەرغىب قىلىش ھەم يازغۇچىلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش، ئۇلارنى مىللىي تەنھەرىكەتنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە يېڭى ئەسەرلەر يېزىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت بولغان. 2024-يىللىق مۇسابىقىگە مىللىي تەنھەرىكەتچىلىرىگە بېغىشلانغان، ئىلگىرى ئېلان قىلىنمىغان 200 دىن ئوشۇق ئەسەر قاتناشتۇرۇلغان.
مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش قىسمىدا سۆزگە چىققان قازاقىستان مىللىي تەنھەرىكەت بىرلەشمىسىنىڭ پىرېزىدېنتى ئىسلامبېك سالژانوف نۇتۇق سۆزلەپ، مىللىي تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشلىرىنىڭ دائىم دۆلەت رەھبەرلىكى تەرىپىدىن قوللاپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ شۇنىڭدەك مىللىي تەنھەرىكەتنى تەرغىب قىلىشتا، مىللىي تەربىيەدە يازغۇچىلارنىڭ ئاتقۇرۇۋاتقان ئىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېگەن: «بىز بۈگۈن يازغۇچىلار مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچ يىغىنىغا كەلدۇق. مىللىي تەنھەرىكەت بۇ مىللىتىمىزنىڭ ئۈمىدى. بۇنى ئوچۇق ئېيتىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. شۇ مەقسەت بىلەن مەن ئەدەبىياتنىڭ ھەر خىل ژانىرلىرىدا ئەسەرلەر يازغان يازغۇچىلارغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.»
ھەر بىر مۇسابىقە قازىسىنىڭ پىكىر-تەلەپلىرى ۋە تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە ئەڭ ياخشى دېگەن ئەسەر تاللىنىپ، يەتتە نام بويىچە مۇسابىقىنىڭ غالىبلىرى ئېلان قىلىندى. مانا شۇ قېتىمقى غالىبلار قاتارىدا بالىلار ئەدەبىياتى بويىچە ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئاۋۇت مەسىموف مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە 2 مىليون تەڭگىلىك ماددىي مۇكاپاتنى كۆرسىتىدىغان ھۆججەت ھەم شۇنىڭدەك «قۇلاگېر» جۇمھۇرىيەتلىك مۇسابىقىنىڭ خاتىرە ھەيكەلچىسى ۋە گۇۋاھنامىلىرى تاپشۇرۇلدى. مۇسابىقىدە سۆزگە چىققان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ باشقارما رەئىسى مېرېكې قۇلكېنوف مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ مىللىي تەنھەرىكەتنى تەرغىب قىلىپ كېلىۋاتقان شائىر-يازغۇچىلارنى مەنىۋى ۋە ماددىي قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئىكەنلىكىنى، مۇنداق ئىشلارنى يەنىمۇ بىرلىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، يازغۇچى ئاۋۇت مەسىموفنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بالىلارغا بېغىشلانغان تۇنجى ئەسىرىنىڭ «داستىخان» دەپ ئاتىلىپ، ئۇنىڭ كېلەر يىلى «ژازۇشى» نەشرىياتىدىن چىققىنىغا 40 يىل تولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ مەزمۇنى بالىلار دوستلۇقى، ئىتتىپاقلىقى. بىرىنچى ئۇستازىم دىلبەر زۇلياروۋاغا بولغان ھۆرمەت. مۇئەللىمنى قەدىرلەش، بوۋاي-مومايلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەسلىك، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان. بىر يىلدا ئون ئىككى ئاي بار دېگەندەك، قىسسە ئون ئىككى ئىخچام ھېكايىلەردىن تۈزۈلگەن. دەسلەپكى قىسسەم بېلورۇس، قازاق تىلىدا، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان. 20 گە يېقىن ئايرىم ھېكايەممۇ بالىلارغا بېغىشلاندى. چۆچەك ماۋزۇسىغىمۇ قەلەم تەۋرەتتىم. 10 دىن ئوشۇق ھەر خىل ماۋزۇدا چۆچەك يازدىم. ئۇلار ئۇيغۇر تىياتىرى سەھنىسىدىمۇ كۆرۈندى.»
ئاۋۇت مەسىموف يەنە مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن يىلى بەدىئىي ئەسەرلىرىمنىڭ ئۈچىنچى تومىنى بالىلارغا بېغىشلىدىم. چۆچەك دۇنياسى ماۋزۇسىدا دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ كلاسسىكلىرى ئاندېرسېندىن تارتىپ بۈگۈنكى بېلورۇس، رۇس، قازاق، ئەزەربەيجان، باشقۇرت، تاجىك، تاتار، ئۆزبېك، تۈركمەن، چېچەن، فىرانسۇز، كۇبا، ھىند، ئامېرىكا، ئافغان، ئادىگېي، ئابخاز خەلقلىرىنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەرنى تەرجىمە قىلىپ، تومغا كىرگۈزدۈم. بۇ يەردىكى مەقسەت-بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئويغىتىش، چەتئەل، شۇنداقلا زامانىۋى ئاپتورلارنىڭ يازغانلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇش.»
ئاۋۇت مەسىموف يەنە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ بەزى مەسىلىلىرى ھەققىدىمۇ ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەدەبىياتشۇناس، مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، دوكتور ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندا بالىلارغا بېغىشلانغان ئەدەبىيات خىلى دەرىجىدە راۋاجلانغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت بۆلگەنىدى. چۈنكى بالىلارنى تەربىيەلەش مەسىلىسى، ئۇلارنىڭ قوشۇمچە دەرسلىكلەر مەسىلىسى بىر-بىرىگە باغلىنىپ كەتكەنىدى. شۇڭلاشقا داڭلىق يازغۇچىلار بالىلار ماۋزۇسىغا مۇراجىئەت قىلغان. بالىلار ئەدەبىياتى قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن ئاۋۇت مەسىموفنىڭ ئىجادىيىتى ئالاھىدە ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭ دەسلەپكى «داستىخان» ناملىق كىتابى خەلقىمىز تەرىپىدىن ياخشى قوبۇل قىلىنغانىدى.»
ئالىمجان ھەمرايېف ئاۋۇت مەسىموف ئىجادىيىتىنىڭ بولۇپمۇ بېلورۇس، رۇس ۋە قازاق تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئوقۇرمەنلىرى تەرىپىدىن ياخشى قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە ئاۋۇت مەسىموفنىڭ «قۇلاگېر» جۇمھۇرىيەتلىك ئەدەبىي مۇسابىقىسىنىڭ غالىبى ئاتالغانلىقىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بولغان ھۆرمەتنىڭمۇ بىر يارقىن ئىپادىسى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، 1953-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك، يەنى ھازىرقى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ قاراتۇرۇق يېزىسىدا ئىشچىلار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئاۋۇت مەسىموف قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى ساھەسىدە ئۈنۈملۈك ئىجاد قىلىپ كېلىۋاتقان يازغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئەدەبىيات مەيدانىغا كىرىپ كېلىپ، ئۇزۇن يىللار داۋامىدا نەشرىياتچىلىق ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ئۇ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە كەڭ تارالغان «مەرىپەت»، «ياش ئەۋلاد»، «خۇش كەيپىيات»، «پەرۋاز»، «ئارزۇ»، «ئىنتىزار» ژۇرناللىرىنىڭ نەشر قىلىنىشىدا ھەم ئۇلارنىڭ تەرغىب قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان شەخسلەرنىڭ بىرىكەن.