قازاقىستاندا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن
31-ئۆكتەبىر يۈزلىگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە سىياسىي زىيانكەشلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
-
مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-11-01 -
-
-
31-ئۆكتەبىر يۈزلىگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە سىياسىي زىيانكەشلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
ئالمۇتانىڭ «شوكان ئۇلىخانوف باغچىسى» دا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشقا 300 دەك كىشى قاتناشقان.
ئازادلىق رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن بەخىتجان تورېخوجىنا ۋە غالىم ئاگېلېيېۋ 12-ئۆكتەبىر ئۆزلىرىنىڭ ئىككى قېتىم رەت قىلىنغاندىن كېيىن ئاخىرى مەزكۇر نامايىشنى ئۆتكۈزۈشكە ئىجازەت ئالغانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەرگە قارىغاندا، قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى نامايىشى ياكى يىغىلىشلارغا يول قويۇشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ، قازاقىستان قانۇنىغا ئاساسەن، ھەر قانداق ئاممىۋى پائالىيەتلەر چوقۇم يەرلىك دائىرىلەرنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر نامايىش قازاقىستاندا «ئاشقۇن» دەپ قارالغان «قازاقىستان دېموكراتىك تاللىشى (DVK)» ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك «كوشې (كوچا) پارتىيەسى» نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، قازاقىستاننىڭ نېمە سەۋەبلەر بىلەن مەزكۇر نامايىشقا رۇخسەت بەرگەنلىكى نائېنىق ئىكەن.