قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى مەشرەپ ئارقىلىق مىللىي كىملىك ئېڭىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2023.05.10
qazaqistan-meshrep-chonja

چونجا يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپتىن بىر كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 7-ماي، چونجا، قازاقىستان RFA/Oyghan

Chonjida-otken-meshreptin-korunush-2023-yil--7-may-1-5_1024-naxsha

چونجا يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپتە سەنئەتكار ناخشا ئېيتىۋاتىدۇ، 2023-يىلى 7-ماي، چونجا، قازاقىستان RFA/Oyghan

Chonjida-otken-meshreptin-korunush-2023-yil--7-may-1-2_1024

چونجا يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپتە سەنئەتكار قىزىقچىلىق قىلىۋاتىدۇ، 2023-يىلى 7-ماي، چونجا، قازاقىستان RFA/Oyghan

Chonjida-otken-meshreptin-korunush-2023-yil--7-may-3_1024-chaqchaq

چونجا يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپتە سەنئەتكار چاقچاق سۆزلەۋاتىدۇ، 2023-يىلى 7-ماي، چونجا، قازاقىستان RFA/Oyghan

Chonjida-otken-meshreptin-korunush-2023-yil--7-may-1-7_1024-yigit-beshi

چونجا يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپتە يېگىت بېشى سۆز قىلىۋاتىدۇ، 2023-يىلى 7-ماي، چونجا، قازاقىستان RFA/Oyghan

Chonjida-otken-meshreptin-korunush-2023-yil--7-may-1-5_1024-naxsha-1.jpeg

چونجا يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپتە سەنئەتكارلار نومۇر كۆرسەتمەكتە. 2023-يىلى 7-ماي، قازاقىستان. RFA/Oyghan

 ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلىرى ئىچىدە ئۆزىگە لايىق ئورۇننى ئىگىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ تومۇرى بولغان مەشرەپنى قاتتىق چەكلەپ كەلگەنىدى. شۇنىڭدەك مەشرەپنى تەرغىب قىلغانلارنىمۇ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىدىمۇ بولدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرى بۇ ئىشنى بۈگۈنكى كۈندە داۋام قىلىپ، مەشرەپ ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تارىخىنى، ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشقا، باي مەدەنىيەت-سەنئىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا تىرىشماقتا.

1990-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار كۆپ ياشاۋاتقان قازاقىستاندا مەشرەپ رەسمىي شەكىلدە تەرەققىي ئېتىشكە باشلىدى. 30 يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت مابەينىدە قازاقىستاندىكى مەشرەپ ھەر خىل شەكىللەردە ۋە دەرىجىلەردە تەشكىللىنىپ كەلگەنىدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر ناھىيەلىك، شەھەرلىك، جۇمھۇرىيەتلىك مەشرەپلەر، شۇنداقلا ياشلار مەشرەپلىرىمۇ مەۋجۇت ئىكەن. شۇلارنىڭ بىرى ئالمۇتادا مۇشۇ يىلنىڭ باشلىرىدا قايتا تەشكىللەنگەن يىگىت باشلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مەشرىپى ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئولتۇرۇشىنى ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ چونجا يېزىسىدا ئۆتكۈزدى. ئۇنى ئۇيغۇر ناھىيەلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدىكى يىگىت باشلىرى كېڭىشى ئۇيۇشتۇردى.

ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان قازاقىستان خەلق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموف، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل، ئۇيغۇر ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئارلېن ھوسمانوف ۋە باشقىلار قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا بولۇپمۇ يىگىت باشلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچى رول ئوينىشى لازىملىقىنى، بۇنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. مەركەز يېنىدىكى مائارىپ كېڭىشىنىڭ رەئىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى شەمشىدىن ئايۇپوف ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەرگە بالا توپلاش مەسىلىسىگە تەپسىلىي توختالدى.

 «مەكتەپ» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ باشلىقى رەخمەتجان غوجامبەردىيېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئەجداتلىرىمىزدىن ئەسىرلەر مابەينىدە مىراس بولۇپ كېلىۋاتقان مەشرەپنىڭ بۈگۈنكى كۈندە خەلقىمىزنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىنىڭ ئاساسىي ئامىللىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ياخشى مەلۇم. بۇنىڭغا قازاقىستاندا ئۆتۈۋاتقان مەشرەپلەر، باشقىمۇ ھەر خىل پائالىيەتلەر، شۇ جۈملىدىن بۈگۈنكى كۈندە چونجا يېزىسىدا ئۆتۈۋاتقان نۆۋەتتىكى مەشرەپ يارقىن دەلىل-ئىسپات بولۇپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان بارلىق ناتىقلار پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئېغىر بىر سىناق بولۇۋاتقان بۈگۈنكى مەزگىلدە ئانا تىلىمىزنى، مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلاپ قېلىشنىڭ كېلەچەك ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ۋە زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. بىز مەشرەپكە ئوخشاش مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىش، ئۇلارنى كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا تەرغىب قىلىشقا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى قانچىلىك جىددىي ۋە ئىزچىل ئېلىپ بارالىساق، خەلقىمىزنىڭ كېلەچىكى پارلاق بولىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلىمىز» .

رەخمەتجان غوجامبەردى قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بارلىق شارائىتلارنىڭ يارىتىلغانلىقىنى، ئەنە شۇلاردىن ئورۇنلۇق پايدىلىنىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدىكى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى، يىگىت باشلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مەشرىپىنىڭ باش قازىسى يارمۇھەممەت كېبىروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە يىگىت باشلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مەشرىپىنىڭ ئۆز ئالدىغا تارىخى بار. بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى، يەنى 2003-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدىكى دوستلۇق ئۆيىدە يىگىت باشلىرى، مەدەنىيەت مەركەزلىرى ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، باشقىمۇ مىللەتپەرۋەر ئىنسانلار يىغىلىپ، چوڭ يىغىن ئۆتكۈزدۇق. ئۇ يەردە يىگىت باشلىرىنىڭ بۇ مەشرىپىنىڭ چوڭ يىگىت بېشى قىلىپ ئاتاقلىق چاقچاقچى سابىر غاپپاروفنى سايلىغانىدۇق. بۇ مەشرەپ پۈتكۈل ئېلىمىزدىكى يىگىت باشلىرىنىڭ بېشىنى قوشقان ۋە كۆپلىگەن ئىشلارنى قىلغان، خەلقىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىنمۇ تونۇلغان مەشرەپ بولدى. ئۇنىڭ ئەھمىيىتى شۇنىڭدا بولدىكى، بارلىق يىگىت باشلىرى باش قوشۇپ، بىرلىكتە، ئىتتىپاقلىقتا ئىش ئېلىپ باردى ھەم بۇ ئىشنىڭ نەتجىسىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولدى. چۈنكى ئۇنىڭغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر، ئەمگەكچى قازاق، ئۇيغۇر، پانفىلوف، ئىلى، جامبۇل، خەشكىلەڭ ناھىيەلىرىنىڭ باش يىگىت باشلىرى قاتناشتى» .

مەزكۇر مەشرەپ ئەھلى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى، ئەدەبىياتىنى، مەتبۇئاتىنى، سەنئىتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشتىن تاشقىرى يەنە كۆپلىگەن خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى، يەنى تەبىئىي ئاپەتلەردىن زەرداب چەككەنلەرگە، كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرگە، مەجرۇھ ئىنسانلارغا ماددىي ياردەم بېرىش ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى.

يارمۇھەممەت كېبىروف يەنە مۇنداق دېدى: «بىز سابىر غاپپاروف يېشىغا يەتكەندىن كېيىن ئۇنى ھۆرمەت بىلەن دەم ئېلىشقا چىقاردۇق. ئۇنىڭ ئورنىغا خەلقىمىزنىڭ يەنە بىر مىللەتپەرۋەر ئىنسانى، تالغىر ناھىيەلىك باش يىگىت بېشى ئۆكتەبىر قۇربانىيازوفنى يىگىت بېشى قىلىپ سايلاپ، مەزكۇر مەشرەپنى يېڭىدىن تەشكىللىدۇق. مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا تالغىر ناھىيەسىنىڭ يىگىت باشلىرى تۇنجى مەشرىپىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتىكى مەشرەپنى ئۇيغۇر ناھىيەسى ئالغان ئىدى. ئۇنىڭغا بارلىق ناھىيەلەردىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا يىگىت باشلىرى قاتناشتى. بۇ چوڭ مەشرەپ بولدى، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭغا يەنە خەلقىمىز ئىچىدە تونۇلغان زىيالىيلار، سەنئەتكارلارمۇ قاتناشتى. بۇ مەشرەپ يىگىت باشلىرى باشلىق خەلقىمىزنى يەنە بىر قېتىم بىرلەشتۈردى. بىز مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلاپ قېلىش بويىچە ئۆزئارا كۆپ مەسلىھەت قىلدۇق، كېلەچەككە پىلانلار تۈزدۇق. كەلگۈسى مەشرەپنى تارىخىي ۋەتىنىمىزگە يېقىن بولغان، ئارىمىزدىكى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز، مېھرىمىز، يۈرىكىمىز بىر بولغان ياركەنت تەۋەسىدە ئۆتكۈزمەكچىمىز» .

چونجادا ئۆتكەن مەشرەپ داۋامىدا «ئارزۇ» مىللىي ئانسامبىلى، ھەۋەسكار ناخشىچىلار، ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئاتاقلىق ئارتىسى نۇرالىم ۋارىسوف، چاقچاقچىلار ۋە باشقىلارنىڭ قاتنىشىشىدا چوڭ كونسېرت پروگراممىسى كۆرسىتىلدى.

ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت تەۋەسى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان، ئەينى ۋاقىتلاردا كۆپلىگەن زىيالىيلار، سەنئەتكارلار، ئاتاقلىق دېھقانلار، دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەربابلىرى يېتىلىپ چىققان يۇرتلارنىڭ بىرىدۇر. 19-ئەسىردە غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، ئىجاد قىلىپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىنى مۇشۇ يۇرتتا ئۆتكۈزگەن بۈيۈك شائىرلارنىڭ بىرى بىلال نازىم ئەنە شۇ ياركەنت شەھىرىدە دەپنە قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.