قازاقىستانغا قېچىپ چىققان 9 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ كېيىنكى تەقدىرى نامەلۇم

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-03-11
Share
qazaqistan-xitay-chegra.jpg قازاقىستان خىتاي چېگراسىدا مال ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن تۇرغانلار. 2017-يىلى 19-ماي، قورغاس.
REUTERS

كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان قازاقلار ھەم ئۇلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى داۋام قىلماقتا. شۇنداق ماقالىلەرنىڭ يەنە بىرى يېقىندا رۇسىيەنىڭ «مېدىئازونا» تور ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىندى. مەزكۇر ئاگېنتلىق 2014-يىلى موسكۋادا تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇ ئاساسىي جەھەتتىن رۇسىيەدىكى سوت، ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرى، قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئائىت يېڭىلىقلارنى يورۇتۇشقا قارىتىلغان. مۇشۇ يىلى يانۋار ئېيىنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان بويىچە يېڭىلىقلارنىمۇ ئېلان قىلىش باشلانغان.

4-مارتتا ئېلان قىلىنغان بۇ ئاگېنتلىقنىڭ قازاقىستان بويىچە ژۇرنالىستى نىكىتا دانىلىننىڭ «ئۇلارنىڭ قازاقىستاندا بولۇش ئىمكانى يوق. شىنجاڭدىن قېچىپ چىققانلارغا قارشى جىنايى ئىشلار» ناملىق ماقالىسىدە تۈرلۈك ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇر ۋە قازاقلار ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-جومارت توقايېف ئۇيغۇر ئېلىدىكى «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» ھەققىدىكى ئاخباراتلارنىڭ «ھەقىقەتكە ماس كەلمەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن بولسا، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى «ئېتنىك قازاقلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ‹قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى› دە بولغانلىقىنى ئىقرار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمدى ئۇلارنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشماقتىكەن. ماقالە ئاپتورى شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقلارنىڭلا ئەمەس، باشقىلارنىڭمۇ قازاقىستاندا پاناھ ئىزدەۋاتقانلىقىنىڭ يەنىمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلارغا نىسبەتەن جىنايەت تۇرغۇزۇلۇپ، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتماقتا. نىكىتا دانىلىن ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئاگېنتلىق تەرىپىدىن كېيىنكى ئون يىلنىڭ ئىچىدە بۇ ھەقتە توپلىغان مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلغان.

ماقالىدە 2014-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا 9 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ قېچىپ ئۆتكەنلىكى توغرىلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى نۇرلۇق دېگەن يېزىدىن بولۇپ، توختىمەمەت يۈسۈپ 30 ياش، نۇرمەمەت غادىيار 27 ياش، تۇرسۇننىياز توختىمەمەت 29 ياش، ئابدۇۋايىت ئەزىز 29 ياش، ئەزىز تۇرسۇن 33 ياش، ئايۇپ تۇردىمەمەت 33 ياش، ئوبۇل مەمەتابدۇللا 22 ياش، دالىم ئابدۇل 21 ياش ۋە غاپپار ئابدۇقادىر 25 ياش.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇلار توغرىلىق قازاقىستان ئالىي سوتىنىڭ سوت ئىشلىرى بويىچە ھۆججەتلىرىدىن مەلۇم بولۇپ، مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتە ئېيتىلمىغانىكەن. سوت ھۆكۈمىدە ئۇلارنىڭ بارلىقى ئىشسىز ئاتىلىپ، پەقەت توختىمەمەت يۈسۈپنىڭ باشلانغۇچ، قالغانلىرىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ بىلىمگە ئىگە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «نېمە ئۈچۈن قاچتى؟. سوتتا توققۇز ئۇيغۇر شۇنى ئېيتتىكى، بۇ مىللىتى ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن خىتايدىكى زۇلۇمدىن قازاقىستانغا قېچىشنى قارار قىلغان. ئۇلارنىڭ سۆزىچە، ئۇلار ئىش تاپالمىغان، ھەتتا تاماققا پۇل يەتمىگەن. رۇسىيە، ئۆزبېكىستان ياكى قىرغىزىستانغا ئىشلەشكە بېرىشنى پىلانلىغان. تۇرسۇننىياز توختىمەمەت؛ ‹2014-يىلى 16-ئىيۇلدا بىر يېزىلىقلار بىلەن پويىزدا بورتالا شەھىرىگىچە يېتىپ بېرىپ، دۇنيا خەرىتىسىنى سېتىۋالدۇق ۋە جان بېقىشقا پۇل تېپىش ئۈچۈن خىتايدىن قېچىشقا قارار قىلدۇق›، -دەپ چۈشەندۈردى»

ماقالىدە يەنە دېيىلىشىچە، بۇ 9 نەپەر ئۇيغۇر كېچە-كۈندۈز يول يۈرۈپ، 5-6 كۈندىن كېيىن بىر دەريادىكى كۆۋرۈك ئاستىدا ھاردۇق ئېلىپ ئولتۇرغاندا قازاقىستانلىق چېگرا قوغدىغۇچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى چېگرانى قانۇنسىز بۇزغانلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ، قازاقىستاننىڭ ئالاكۆل ناھىيەلىك سوتىنىڭ قارارى بىلەن بىر يىل ئالتە ئايغا تۈرمە جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىپ قامالغان. ماقالىدە، سوت ھۆكۈمىدە بۇ ئۇيغۇرلارنى قازاقىستاندىن چىقىرىۋېتىش ھەققىدە ھېچ نەرسە ئېيتىلمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنى سۈرۈشتە قىلىشنىڭ مۇمكىن بولمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدە يەنە ھەر خىل يوللار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان سايراگۈل سائۇتباي، قايشا ئاقان، باغاشار مالىكۇلى، تلېك تاباراك، قاستېر مۇساخانۇلى ۋە مۇراگېر ئالىمۇلىلار ھەققىدىمە مەلۇماتلار بېرىلگەن.

بىز «مېدىئازونا» ئاگېنتلىقىنىڭ ژۇرنالىستى، مەزكۇر ماقالە ئاپتورى نىكىتا دانىلىن ئەپەندى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان 9 ئۇيغۇر توغرىلىق ئېيتساق، ئۇلار توغرىلىق مەلۇماتلار قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئالىي سوتىنىڭ سوت ئىشلىرى ھۆججەتلىرىدىن ئېلىندى. ئۇ يەردە ئەنە شۇ 9 كىشىگە چىقىرىلغان ھۆكۈم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىر يېرىم يىل تۈرمە جازاسى بېرىلگەن. نېمە ئۈچۈن ئۇلار توغرىلىق ئىلگىرى ئېيتىلماي كەلگەنلىكى بىزگە نامەلۇم. ئۇلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى توغرىلىقمۇ بىز ھېچ نەرسە بىلەلمىدۇق. ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلدىمۇ ياكى يوقمۇ. بىر نەرسىنى تەخمىن قىلىشقا بولىدۇكى، 1997-يىلقى قازاقىستان جىنايى ئىشلار ھۆججىتىنىڭ 330-ماددىسى بويىچە دۆلەتتىن چىقىرىۋېتىش كۆزدە تۇتۇلمىغان. مۇمكىن ئۇلار بۇ مەملىكەتتە قېلىپ، ئاندىن باشقا ياققا كەتكەندۇ. ئامما بۇ پەقەت پەرەز.»

نىكىتا دانىلىنىنىڭ پىكىرىچە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ياكى بېرىلمىگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئېنىق ئۇچۇر ئىگىلەش ئىمكانىيىتى بولمىغان.

نىكىتا دانىلىن قوشنا خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا چېگرا بۇزۇپ ئۆتكەنلەرگە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ پاناھ بەرمەسلىككە تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن، يەرلىك ئاھالىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، چېگرا بۇزغانلارنىڭ پەقەت بىر يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئاندىن پاناھلىق ھۆججىتى ئالالمىغاندىن كېيىن باشقا ئەللەرگە چىقىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى باركەن. چېگرادىن قانۇنىي يول بىلەن ئۆتكەنلەر بولسا، قازاقىستان پۇقرالىقىنى ياكى قاچاق ھوقۇقىنى ئالالايدىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستاننىڭ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ۋە قانۇنىيلىقنى ساقلاش بيۇروسىنىڭ خادىمى ئاندرېي گرىشىن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەن دەررۇ ئېيتىشىم كېرەككى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ماڭا مەلۇم ئەمەس، ئەمما ئۇيغۇرلار ھازىر قازاقىستانغا نېمە ئۈچۈن قېچىپ چىقمايدۇ؟، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنى دەررۇ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىۋېتىدۇ. دائىم مۇشۇنداق بولغان. ھەتتا ئىلگىرى ئۇلارنىڭ قولىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشلىرى بويىچە ئالىي كومىسسارىنىڭ ھۆججىتى بولغان بولسىمۇ، بەرىبىر ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. قانۇن بويىچە قازاقىستان ئۇلارنى قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى. بىراق، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا، مىللىتى قازاق بولغانلارنىڭ ئەھۋالى باشقا. ئىككى تەرەپنىڭ قازاقلىرى بىر بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مۇمكىنچىلىك خېلى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا باشقىچە مۇناسىۋەت ۋە يېنىك مۇئامىلە قىلىنىدۇ».

ئۇنىڭ پىكرىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتايدىن قېچىپ چىققان قازاقلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدىكەن.

ئاندرېي گرىشىن بۇ جەھەتتە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر تەرەپ ئۈچۈن ئىشنى ئىجابىي ھەل قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، چېگرانى بۇزۇپ ئۆتكەنلەرگە نىسبەتەن يېنىك جازالارنى قوللىنىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ پاناھلىق بېرىش مەسىلىسىدە خىتاي پوزىتسىيەسىنىڭ دائىم كۆزدە تۇتۇلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا يەرلىك ئاھالە ۋە ھوقۇق قوغدىغۇچى تەشكىلاتلارنىڭمۇ تەسىرى بار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەزكۇر 9 ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇلۇشى ۋە سوتلىنىپ قاماققا ئېلىنىشى مەسىلىسى ھەققىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەت ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرىمۇ خەۋەرسىز قالغان بولۇپ، بۇ ھەقتە قەھرىمان غوجامبەردى مۇنداق دېدى:
مەزكۇر 9 ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى قانداق بولدى؟ ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلدىمۇ؟ ياكى باشقا ئەلگە كەتتىمۇ؟ دېگەن مەسىلىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىرىشساقمۇ ھازىرچە ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىدۇق.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.