قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتىدە يەرلىكلەر بىلەن خىتاي ئىشچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.10.11
qazaqistanda-xitaygha-qarshi-namayish-201909.jpg قازاقىستاندا يۈز بەرگەن خىتاينىڭ زورىيىۋاتقان تەسىرىگە قارشى نامايىشلاردىن بىر كۆرۈنۈش . 2019-يىلى 4-سېنتەبىر. قازاقىستان.
Social Media

كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستاندا خىتايغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالماقتا. ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ قازاقىستاننى بېسىۋېلىش خەۋپى، خىتاي ئىقتىسادىي لايىھەلىرى، خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ سېلىنىشىغا ئوخشاش سەۋەبلەردىن ھەر خىل نامايىشلار كېلىپ چىقماقتا. مۇشۇنداق بىر پەيتتە يېقىندا ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئېسكېلدىن ناھىيەسىدە يەرلىكلەر بىلەن خىتاي ئىشچىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. بۇ ۋەقە ئالمۇتا-ئۆسكېمېن ئاپتوموبىل يولىدىن 303 كىلومېتىر ئارىلىقتا ئورۇنلاشقان «سىتىچ سونسترۇچتىون» شىركىتىدە يۈز بەرگەن. بۇ شىركەت ئۆسكېمېن-تالدىقورغان تاش يولىنى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

«قازاق تېلېگراف ئاگېنتلىقى» ئېلان قىلغان «ئالمۇتا ۋىلايىتىدە خىتاي ئىشچىلىرى قازاقىستانلىقلارنى دۇمبالىدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، 7-ئۆكتەبىردە بىر قازاقىستانلىق بىلەن تۆت خىتاي ئىشچىسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، قانات جامبىل يېنىك دەرىجىدە يارىلانغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋەقە يۈز بەرگەن يەرگە ئالمۇتا ۋىلايىتى ھاكىمىنىڭ ئورۇنباسارى باتىرجان بايجۇمانوف كېلىپ، ئىشچىلار بىلەن ئۇچراشقان. ئۇچرىشىش جەريانىدا قازاقىستانلىق ئىشچىلار ئىش ۋە تۇرۇشلۇق جاي شارائىتلىرى ھەمدە سىرتتىن كەلگەن ئىشچىلار سانى بىلەن كېلىشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇ كۈنى قازاقىستان باش مىنىستىرى ئاسقار مامىن ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ھاكىمى ئاماندىق باتالوف ۋە شىركەت مۇدىرىنىڭ يىغىن ئۆتكۈزۈپ، بۇ مەسىلىلەرنى قارايدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

«نۇر قازاقىستان» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «ئالمۇتا ۋىلايىتىدە يەرلىكلەر بىلەن خىتاي ئىشچىلىرى مۇشتلىشىپ قالدى» ناملىق ماقالىدە دېيىلىشىچە، خىتاي ئىشچىلىرى مەمۇرىي جاۋابكارلىققا تارتىلغان. ۋەقە يۈز بېرىپ ئەتىسى يەرلىك تۇرغۇنلار بىلەن شىركەت خىزمەتچىلىرى بىرىكىپ، شۇ شىركەتتە ئىشلەيدىغان خىتاي ئىشچىلىرىنى دۇمبالىغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە تۆت خىتاي ئىشچىسى تۈرلۈك دەرىجىدىكى تەن جاراھەتلىرى بىلەن دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان. ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ساقچى باشقارمىسى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، گۇماندارلارنى ئېنىقلىغان ۋە قولغا ئالغان.

بۇنىڭدىن تاشقىرى شىركەتنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە 33 چەتئەللىك خىزمەتچىنىڭ قازاقىستاننىڭ كۆچ-قون قانۇنىنى بۇزغانلىقى ئېنىقلىنىپ، ئۇلار مەمۇرىي جاۋابكارلىققا تارتىلدى. ھازىر ئۇلارنى مەملىكەتتىن چىقىرىۋېتىش مەسىلىسىمۇ قارالماقتىكەن.

ئەمدى «جاس ئالاش» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئېربول ئىلىياسنىڭ «قازاق-خىتاي ئىشچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جاڭجال: جىنايى ئىش قوزغالدى» ناملىق ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «21 ياشتىكى يەرلىك ئىشچى قانات جامبىلنىڭ ئېيتىشىچە، 3 خىتاي پۇقراسى ئۇنى دۇمبالىغان. پۇقرالىقنى تېخى رەسمىيلەشتۈرمىگەن خىتاي پۇقرالىقىدىكى قانات قازاقىستان يېرىدە ئىختىيار خېتى بىلەن يۈرگەن ئىكەن. زەرداب چەككەن پۇقرانىڭ سۆزىگە ئىشەنسەك، خىتاي ئىشچىلىرى ئۇنى كۈرەك بىلەن بىر نەچچە قېتىم ئۇرغان ئىكەن.» ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئەتىسى شۇ يەرگە يېقىن ئارىلىقتا بولۇپ قالغان بىر توپ قازاق پۇقراسى شىركەتتە ئىشلەۋاتقان خىتايلارنى دۇمبىلىغان ئىكەن.

مەزكۇر ماقلىدە: «قازاق ئىشچىلىرى ئاتالغان كومپانىيەدە مۇنداق ئەھۋاللارنىڭ پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇ سەۋەب بىلەن مۇخبىرلاردىن ياردەم سوراپ، ۋىدېيولۇق خەۋەر ئېلان قىلغان ئىكەن. بۇ يەردىكى ئىشچىلارنىڭ سۆزىگە ئىشەنسەك، كومپانىيەدە تەڭسىزلىك مەسىلىسى بار ئىكەن،» دېيىلگەن.

مەزكۇر ۋىدېيو بىلدۈرۈشىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بىزنىڭ ئەرزىمىز ھېچ يەرگە ئۆتمەيۋاتىدۇ. تالدىقورغان-ئۆسكېمېن يوللىرىدىكى خىتاينىڭ ‹سىتىچ سونسترۇچتىون› شىركىتىدە ھەممىمىز ئىشلەيمىز. خىتايلار قازاقلارغا بېسىم كۆرسىتىپ، نەچچە ۋەقەلەر بولدى. شۇڭلاشقا سىلەردىن ياردەم سوراۋاتىمىز. بۇ يەردە پۈتكۈل يىگىتلەرنىڭ يىغىلىپ تۇرغىنى تۆت خىتاينىڭ بىر قازاقنى كۈرەك بىلەن ئۇرۇپ-سوققانلىقى بولۇۋاتىدۇ. نېمە دېگەن دەھشەت، نېمە دېگەن ئۇياتسىزلىق!»

بىز ۋەقە يۈز بەرگەن يەردە بولۇپ قايتقان مۇستەقىل ژۇرنالىست سېرىك بوخاننى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ۋەقە يۈز بەرگەن يەرگە «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» خادىملىرى بىلەن بىللە بارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مەن ژۇرنالىست سۈپىتىدە شۇ يەرگە بارسام، شىركەتنىڭ ئىشخانىسىنى ساقچىلار قورشىۋاپتۇ. خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ ھۆججەتلىرى بار ئىكەن، قالغىنىنىڭ يوق. بۈگۈن مەمۇرىي سوت بولدى. 70 كە يېقىن ئىشچىنى دېپورت قىلىپ، خىتايغا قايتۇرىدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ ئىشلەش رۇخسىتى يوق ئىكەن. قازاق بالىسىنى ئۇرغان ئۈچ خىتاي ئىشچىسىنى ئون كۈنگە قاماپ قويۇپتۇ. ئاندىن ئۇلارنىمۇ مەملىكەتتىن چىقىرىۋېتىپ، قازاقىستانغا بەش يىلغىچە كىرىش مەنئى قىلىنىدىغان بولدى. ئەمدى قازاق بالىلىرىنىڭ قامالغانلىقى ياكى قامالمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. ھازىر بۇ شىركەتنىڭ ئىشى تۆت كۈنگە توختىتىلغان. ئەمدى ئىشچىلار بىلەن يېڭى كېلىشىم شەرتى تۈزۈلۈشى مۇمكىن. بىراق خىتاينىڭ بېسىۋېلىش خەۋپىگە قارشىلىق ئاھالىلەر ئارىسىدا يۇقىرى دەرىجىگە يەتتى دەپ ئويلايمەن. بۇ يەردە خىتاي لاگېرلىرىنىڭ سەۋەبىمۇ بار. چۈنكى ئۈچ يىلدىن بۇيان خەلق بۇنىڭدىن ئويغانغانلىقتىن، بۇنىڭمۇ بىۋاسىتە باغلىنىشى بار دەپ ئويلايمەن.»

«لىبېرتى» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ يېتەكچىسى غالىم ئاگېلېيوفنىڭ پىكرىچە، خىتاي ۋە قازاقىستانلىق ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ سەۋەبى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ھەل قىلىنماي كېلىۋاتقان ئىكەن. بۇنىڭ بىر نەچچە سەۋەبى بولۇپ، شۇلارنىڭ بىرى ئىش ھەققى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايلار قازاقىستانلىقلارغا قارىغاندا ئۈچ-تۆت ھەسسە كۆپ مائاش ئالىدۇ. خىتايلارغا قۇلايلىقلار يارىتىلىۋاتقانلىقتىن ئۇلار ئۆزلىرىنى بۇ يەردە خوجايىندەك سېزىدۇ، ئۆز شەرتلىرىنى قويىدۇ، ئۆز قانۇنلىرىنى ئىشلىتىشكە تىرىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قازاقىستان قانۇنلىرىنى ئىشلىتىشكە تىرىشىشىمىز لازىم. مۇشۇ ۋاقىتقىچە يۇقىرىدىكى ئەمەلدارلار بىرەر جاۋاب قايتۇرغىنى يوق. بىزنىڭ ئىشچىلار ئۆز ھوقۇقلىرىنى قوغدىيالمايۋاتقانلىقتىن، ئەنە شۇنداق توقۇنۇشلار كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. يەرلىك قانۇنلار ئىشلىمىگۈچە، مۇنداق توقۇنۇشلار يەنىمۇ داۋام قىلىدۇ. خىتاي ئىشچىلىرى ئۆز ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت قىلىدۇ، ئۇ ھۆكۈمەت ئۆز نۆۋىتىدە شىركەت رەھبەرلىكىگە بېسىم كۆرسىتىدىغان بولىدۇ. بۇ دۇرۇس ئەمەس. ھۆكۈمەت بىرىنچى نۆۋەتتە ئۆز پۇقرالىرىنى ئويلىشى كېرەك.»

ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن يىلى 27-فېۋرالدا ئاتىراۋ شەھىرىدىكى نېفىت شىركىتىدە خىتاي ئىشچىلىرى بىلەن شىركەت كۆزەتچىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئىدى. بۇنىڭغا كۆزەتچىلەرنىڭ خىتاي ئىشچىلىرىنى ئىش ۋاقتى پۈتمەي تۇرۇپ، سىرتقا چىقارمىغانلىقى سەۋەب بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.