لاگېر ئوقۇتقۇچىسى قەلبىنۇر سىدىق: مەن ئۇ يەردە كۆرگەن قىرغىنچىلىق ئىچىمگە پاتمىدى (2)

0:00 / 0:00

خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيپلەش كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋە رادىئومىزدا تۇنجى سۈرىتىنى ئاشكارىلاشنى قارار قىلغان سابىق لاگېر ئوقۇتقۇچىسى قەلبىنۇر سىدىق خانىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ يەكۈنلىگەن ئىدى. ئۇ زىيارىتىمىز داۋامىدا بۈگۈن، مېڭە يۇيۇش، قانۇنسىز تۇتقۇن، تۇغۇت چەكلەش، قىيىن-قىستاق ۋە ئۆلۈم، باسقۇنچىلىققا ئوخشاش ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ۋەھشىيلىكلەر ھەققىدە، ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋە لاگېردا شاھىت بولغانلىرىنى ئاڭلاتتى.

مەن كۈلەلمەس بولۇپ قالدىم. . .

خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە قۇرغان لاگېرىدا خىتاي تىلى ئۆگىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان قەلبىنۇر سىدىق، دەسلىپىدە ئۈرۈمچىدىكى ئەرلەر لاگېرىدا خىتاي تىلى ئۆگىتىش جەريانىدا 3000 دىن ئارتۇق مەھبۇسقا، ئارقىدىن يەنە بىر ئاياللار لاگېرىدا 10 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر قىز-ئاياللارغا ئىككى ئاي ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. لاگېرلاردا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە شاھىت بولغان قەلبىنۇر سىدىق، گەرچە خىتاينىڭ ئالقىنىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ گوللاندىيەدەك ئەركىن بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خاتىرىسىگە ئورناپ كەتكەن ئېگىز سىم توساقلىق تاملار، تەلەتى سەت قوراللىق گۇندىپايلار، پاياتلانغان دېرىزە، كىشەنلەنگەن پۇت-قوللار، چېچى چۈشۈرۈۋېتىلگەن باشلار، ئۇرۇشلار، ۋاقىراشلار ئۇ مەيلى نەگە بارمىسۇن، نېمىلا قىلمىسۇن ھېلىھەم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يۈرمەكتىكەن.

«مەن نېمىلا قىلاي، نەگىلا بارماي كۈلەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم، خاتىرەمنى، يۈرۈگۈمنى يۇيۇپ مۇشۇلارنىڭ ھەممىنى پاك-پاكىزە چىقىرىۋەتكىلى بولسا كاشكى. . . .» دەيدۇ قەلبىنۇر.

ئۇلار ئاستا-ئاستا ئاجىزلىشىۋاتاتتى

قەلبىنۇردىن، دۇنيانى ئۇنىڭ كۆرگەنلىرىنىڭ «قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرىدىغان قانداق پاكىتلىرى بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ سۆزىنى ئەرلەر لاگېرىدا كۆرگەنلىرىدىن باشلىدى.

لاگېردا تۇتقۇنلار كۈندۈزلىرى ئىككى ياكى ئۈچ گۇرۇپپىدىن، بەزىدە يەتتە سەككىز گۇرۇپپىدىن سوراققا ئېلىپ چىقىلغان. قەلبىنۇر قىيناش ئۆيىنىڭ لاگېرنىڭ يەر ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ئۇ: «چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا يەنە بەزىدە دەرس ئۆتۈۋاتقىنىمدا ئېچىنىشلىق چىرقىرىغان ئاۋازلار ئاڭلىناتتى، بۇ قورقۇنچلۇق ئاۋازلارنىڭ ئەكس ساداسى پۈتۈن بىنانى بىر ئالاتتى» دەيدۇ.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلىرى دەرس ئۆتۈۋاتقاندا چاقىرتىلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئىككىنچى قايتىپ كەلمىگەن.

شۇ يەردىكى بىر ساقچى قەلبىنۇرغا قىيناش ئۇسۇللىرى ھەققىدە: «توكلۇق ئورۇندۇققا باغلاپ توك سوقتۇرۇش، توكلۇق پەلەي كىيدۈرۈپ توك سوقتۇرۇش، توكلۇق قالپاق كىيدۈرۈپ توق سوقتۇرۇش ۋە توك كالتىكىنى مەقئىتىگە تىقىپ توك سوقتۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت خىل ئۇسۇلى بار» دەپ بەرگەن ئىكەن.

قەلبىنۇر بەزىلەرنىڭ سوراق جەريانىدا قاتتىق يارىلىنىپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، ئۇ ئەرلەر لاگېرىغا بارغان دەسلەپكى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە ئۆزى شاھىت بولغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمىنى مىسال ئالدى.

ئۇلارنىڭ بىرى 50 ياشتىن ھالقىغان ئوسمان، ئۇ ئۈرۈمچى جىڭلوڭ مېۋە-چېۋە توپ تارقىتىش بازىرىنى ھۆددىگە ئالغان چوڭ سودىگەر بولۇپ، سوراقتىن كېيىن ئۇ دوختۇرخانىغا ئاپىرىش جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن، كېيىن ئۇنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈش سەۋەبلىك ئۆلەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

سېلىم ئىسىملىك يەنە بىر ياش، بالدۇر قويۇپ بېرىلىش ئۈمۈدىدە دەرسنى تولىمۇ تىرىشىپ ئۆگەنگەن. ئۇ مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن ئاغرىپ داۋالىتىلماي ئاخىرى ئۆلۈپ كەتكەن.

قەلبىنۇرنىڭ دېيىشىچە، ئەرلەر لاگېرىدا مەزى بېزى ياللۇغى، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىشقا ئوخشاش كېسەللىك ئىنايىن ئومۇميۈزلۈك بولۇپ، ئۇ بۇنىڭغا لاگېردىكى رەھىمسىز باشقۇرۇش تۈزۈمى سەۋەب بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ: «مەھبۇسلار، پەقەتلا ئوپچە ھاجەتخانىغا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كۈندە 3 قېتىم 1 مىنۇتتىنلا تەرەت قىلىشقا بارالايتتى» دەيدۇ.

قەلبىنۇر يەنە دەسلەپتە بەزى دىنىي ئۆلىما، سودىگەر ۋە ئوقۇغۇچلار لاگېرغا ئېلىپ كېلىنگەندە ئۇلارنىڭ ئىنتاين تىمەن كىشىلەر بولسىمۇ ئەمما ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ كۈنسايىن زەئىپلىشىپ كەتكەنلىكىگە، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا ماڭالماس بولۇپ قالغانلىقىغا شاھىت بولغان. «تاسادىپىي كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالغىنىدا، ئۇلارنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز ئازاب چېكىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى» دەيدۇ قەلبىنۇر.

مەھەللە ھەتتا ئۆيمۇ تۈرمىگە ئايلاندى

قەلبىنۇر كۈندىلىك ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، ئۆيگە ھارغىن قايتىپ كەلگەندە بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ شەخسىي ھاياتىغىچە كونتورۇللۇققا ئالغان، قاتمۇ-قات بېسىملىرى ئاستىدا يەنىلا سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئازابلىرىنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تىنماق تۈگۈل ھەتتا ئېرىغىمۇ تۈزۈك ئېيتالمىغان. چۈنكى، 2016-يىلىدىن باشلاپلا ئۇنىڭ مەھەللىسىدىن ئۆيىگىچە، ئۇلارنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكەتلىرىنى خاتىرىلەپ تۇرىدىغان كۆزىتىش تورى بىلەن قاپلىنىپ بولغان.

ساقچىلارنىڭ خالىغان ۋاقىتتا تۇقسىز تەكشۈرۈپ كىرىشلىرى ئادەتتىكى ئىشقا ئايلانغان. ئۇ كىشىلەرنىڭ قانداق ساراسىمە ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى «ھەممىلا ئادەم سەۋەبسىلا تۇتۇپ كېتىش نۆۋىتىنى كۈتكەندەك ياشاۋاتقان شۇ مەزگىللەردە ئېرىم ئىككىمىز كىيىملىرىمىزنىمۇ سالماي ياتاتتۇق» دېگەنلىرى بىلەن ئىپادە قىلدى.

2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىش كۈچەيگەن مەزگىللەردە، قەلبىنۇرنىڭ مەھەللىسىدىكى 600 ئۇيغۇر ئاھالىنىڭ 190 ئى غايىب بولغان. ئۇنىڭ قوشنىلىرى ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر دىنىي ئالىم ۋە جەمئىيەت ئەربابى بولغان مۇھەممەت سالىھ ھاجى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ شۇ ئەسنادا يوقاپ كەتكەنىكەن.

«ھەمكارلاشمىسىڭىز جازالىنىسىز، ئۆزىڭىزلا ئەمەس پۈتۈن جەمەتىڭىزگە پايدىسى يوق»

ئەرلەر لاگېرىدا دەرس ئۆتۈۋاتقان قەلبىنۇرغا، 2017-يىلى 7-ئايدا مەھەللە كومىتېتىدىن تۇيۇقسىز پىلانلىق تۇغۇت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشى ئۇقتۇرۇلغان. ھۆكۈمەتنىڭ ئاتالمىش بۇ ھەقسىز مۇلازىمىتى 18-59 ياش ئارىلىقىدىكى بارلىق ئاياللارغا قارىتىلغان بولۇپ، يېشى ئەللىككە تاقاشقان قەلبىنۇرمۇ «ھەمكارلاشمىسىڭىز جازالىنىسىز، ئۆزىڭىزلا ئەمەس پۈتۈن جەمەتىڭىزگە پايدىسى يوق» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن كېيىن 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، ، مەخسۇس بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا تەكشۈرتۈشكە بارغان. ئۇ يۈزلىگەن ئاياللار بىلەن ئۆچىرەتتە تۇرغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلغان.

ھالبۇكى نۆۋەت قەلبىنۇرغا كەلگەندە، ئۇقتۇرۇشتا بايان قىلىنغىنىدەك ئاياللار كېسەللىكلىرى تەكشۈرۈشى قىلىنماستىن، ئۇنىڭغا مەجبۇرىي ھالدا تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكى سېلىنغان. ئۇ ئەينى چاغدىكى بۇ زوراۋان ۋە ھاقارەتلىك جەرياننى گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتىغا تەپسىلىي سۆزلىگەن بولۇپ، «مەن يېتىپ تۇرۇپ پۇتۇمنى كېرىشكە بۇيرۇلدۇم، ئاندىن ماڭا ئۈزۈك سېلىندى. بۇ دەھشەتلىك زوراۋانلىق ئىدى. مەن خورلانغانلىقىمنى، جىنسىي ۋە روھىي جەھەتتىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ يىغلاپ كەتتىم» دېگەنلەرنى ناھايىتى تەستە بايان قىلغان.

ئاياللار لاگېرىئىدىكى ۋەھشىيلىكلەر ئۆلۈمدىن قاتتىق

ئاياللار لاگېرىدا قەلبىنۇر ئۆزىنىڭ قىزىدەك 20 ياش چامىسىدىكى قىزلاردىن، تا ئانىسىدەك 70 ياشقىچە 10 مىڭ ئەتراپىدىكى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر قىز-ئاياللارغا دەرس ئۆتكەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەمما دەرس ۋاقتىدا سوئال سوئال سورىغاندىن باشقا ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىسى بىلەن پاراڭلىشىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

قەلبىنۇرنىڭ ئېيتىشىچە ھەر دۈشەنبە ئەتىگەندە لاگېرنىڭ «شىپاخانا» سى بۇ 10 مىڭ ئايالغا ئۆچىرەت بىلەن سىرلىق بىر خىل ئوكۇل ئۇرىدىكەن. ئۇلاردىن يەنە قان ئېلىنغان ۋە ئاق رەڭلىك دورا ئىچكۈزۈلگەن.

ئۇ بىر خىتاي سېستىرادىن ئۇلارغا نېمە دورا بېرىلىۋاتقانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ تۇتقۇنلارنىڭ قاراڭغۇ كامېرلاردا ياشىغانلىقى ئۈچۈن كالتسىي (ئوكۇللانغان سۇيۇقلۇق)غا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، قان تەكشۈرۈشتىكى مەقسەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى بايقاش ئىكەنلىكىنى، ئاخىرىدا ئىچكۈزۈلگەن دورىنىڭ بولسا ئۇلارنىڭ ئۇخلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

قەلبىنۇر ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز يەنە بىر ۋەھىمىلىك خاتىرە شۇكى، بىر كۈنى ئۇ سىنىپقا ماڭغاندا بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ ماڭغان ئايال ساقچى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالغان ۋە ئۇلار ھويلىدىكى كامېراسىز جايدا ئۆزئارا پاراڭلاشقان. «لاگېردا ئىككىمىزدىن باشقا ئۇيغۇر خىزمەتچى يوق ئىدى» دەيدۇ قەلبىنۇر. ھېلىقى ئايال ساقچى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ تۇغۇت چەكلەش بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغانلىقىنى، بۇ يەردە ئۇلارنىڭ مەھبۇسلارغا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى بەرگەنلىكىنى، ھەتتا قىزلارنىڭ بايقاپ قالماسلىقى ئۈچۈن دورىنى مومىنىڭ ئىچىگە سېلىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ جەسىتىنى ئېلىپ ماڭغان ھېلىقى قىز (شۇ دورا يېگۈزۈلۈۋەرگەچكە) ئادىتى توختىماي، قانسىراپ ئۆلۈپ كەتكەن.

قەلبىنۇر بىر كۈنى دەرس ئۆتۈۋاتقاندا، 20 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىر قىز سىنىپتىن سوراققا چاقىرتىلغان، قەلبىنۇر ئىككى سائەتتىن كېيىن قايتىپ كەلگەن ئۇ قىزنىڭ ھالىنى تەسۋىرلەشكە تىلى ئاجىزلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇ قىز بەكلا ئازابلاندى، بىئارام بولغىنىدىن ئولتۇرالمىدى. بىر ئازدىن كېيىن ساقچى ئۇنىڭغا ۋارقىراپ، ئېلىپ چىقىپ كەتتى. مەن ئۇنى قايتا كۆرۈپ باقمىدىم».

ئاياللار لاگېرىدا تۇتقۇنلار ۋە ئۆزىدىن باشقا خادىملارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن قەلبىنۇر سىدىق، ئۆزىنىڭ بىر نەپەر ساقچىدىن مۇنداق ۋەھىمىلىك بىر ۋەقەنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى:

قىزىمنىڭ بىر كۈنگە قېلىشىنى كۆرۈشتىن ئۆلۈم ئەلا

لاگېردىكى ساقچىنىڭ قەلبىنۇرغا ھېچ كىمگە تىنماسلىق ھەققىدە قەسەم قىلدۇرۇپ ئېيتىپ بېرىشىچە، «ھەر كۈنى تۆت-بەش قىز سوراق باھانىسىدە چاقىرتىلىپ، لاگېرنىڭ ئەمەلدار ۋە ساقچىلىرى تەرىپىدىن باسقۇنچىلىق قىلىنىدىكەن، ئۇلار ھەتتا قىزلارنىڭ ئەۋرىتى ۋە مەقئىتىگە توك كالتىكىنى تىقىپ قىيناپ ھۇزۇر ئالىدىكەن». ئۆمرىدە بۇنداق ۋەھىمىلىك خورلۇقنى ئاڭلاپ باقمىغان قەلبىنۇر خۇدىنى يوقىتىپ قويغىلى تاس قالغان.

قەلبىنۇر لاگېردىكى چەتئەللەردە بىلىم ئاشۇرۇپ يۇرتىغا قايتقاندا تۇتۇپ كېلىنگەن بۇ ئالىي مەلۇماتلىق قىزلار ئۇچراۋاتقان ئۆلۈمدىن قاتتىق خورلۇق ۋە ۋەھشىيلىكلەر كۆرگىنىدە، گوللاندىيەدە ئوقۇۋاتقان بىر تال ئەتىۋارلىق قىزىدىن ئەندىشە قىلماي تۇرالمىغان. «مۇبادا قىزىم مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېلىنىپ ئۇمۇ مۇشۇ قىزلاردەك كۈنگە قالىدىغان ئىش بولسا، قىزىمنىڭ ئۇ ھالىنى كۆرگۈچە ئۆلۈۋالغىنىم ياخشى دەپ قارار قىلغان ئىدىم، ھەتتا ئۆلۈۋېلىشكە دورىلارنىمۇ تەييارلاپ ئېلىپ يۈرگەن ئىدىم» دەيدۇ ئۇ.

بۇ خىل دەھشەتلىك ئىشلارغا، رەزىللىكلەرگە ئۈن چىقىرالماي پۇچىلىنىشغا قەلبىنۇر ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمىگەن. «ئىچىدىكى زەرداب قانغا ئايلانغان بولسا كېرەك، تېنىممۇ ئاجىزلىدى» دەيدۇ قەلبىنۇر.

2017-يىلى-10 ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگە كەلگەندە، ئېرى قەلبىنۇرنى كارىۋاتتا قان ئىچىدە ھوشسىز ياتقانلىقىنى كۆرگەن. ئۇ ھەددىدىن ئارتۇق خۇن كېتىش سەۋەبلىك جىددي دوختۇرغانىغا ئېلىنغان.

كېيىنكى سۆھبىتىمىز قەلبىنۇر سىدىقنىڭ خىتاينىڭ چاڭگىلىدىن قانداق قۇتۇلغانلىقى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان تەقىپلەش سىياسەتلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇ 28 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەكتىپىدە نېمىلەر يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە داۋاملىشىدۇ.