سابىق لاگېر ئوقۇتقۇچىسى قەلبىنۇر سىدىق، بۇيرۇق بويىچە ئۈرۈمچىدىكى 10 مىڭ ئۇيغۇر قىز-ئاياللار سولانغان لاگېردا، ئەسلى 6 ئاي خىتايچە دەرس بېرىشى شەرت ئىدى. قەلبىنۇر خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئىنسانىيەتكە قارشى زوراۋانلىق، ۋەھشىيلىك جىنايەتلەر داۋام قىلىۋاتقان بۇ لاگېردا ئىككى ئاي ئىچىدە روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن بىراقلا ھالسىراپ، قانسىراش سەۋەبلىك دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىن نېمىلەر يۈز بەردى؟
قەلبىنۇر سىدىقنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئۈرۈمچىدىكى دەرۋازىسىغا ياشانغانلار ساناتورىيەسى دەپ يېزىپ قويغان 10 مىڭ بىگۇناھ ئۇيغۇر قىز-ئاياللار سولانغان لاگېردا، 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن، 2018 يىلى 3-ئايغىچە دەرس ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەمما 10-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگە كەلگەندە، قورقۇنچ تەشۋىش ئىچىدىكى بۇ خىزمەت ئۇنى روھىي جەھەتتىن تۈگەشتۈرگەن بولسا، مەجبۇرىي سېلىنغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكىنىڭ ئەكس تەسىرلىرى بىلەن توختىماي كەلگەن خۇن ئاخىرى ئۇنىڭ جېنىنى ئالغىلى تاس قالغان.
ئۇ دوختۇرخانىغا سەھەردە ئېلىپ كېلىنىپ قۇتقۇزۇلۇۋاتقاندا، قەلبىنۇرنىڭ دەرسكە كەلمىگەنلىكىنى بايقىغان لاگېر ۋە مائارىپ تارماقلىرىنىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن. قانسىراپ كېسەل كارىۋىتىدا ھالسىز ياتقان قەلبىنۇر، شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا لاگېر ۋە مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ «بۇ دېگەن ئېغىر ئىنتىزامسىزلىق! !»، «ئاقىۋىتىگە قانداق ئىگە بولۇشنى ئويلاپ باقتىڭمۇ ؟!» دېگەندەك تاپا-تەنە، قوپال سوئال-سوراق تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغان.
ئۇ، دوختۇرخانىغا ئالاقزادە ھالدا ئارقىمۇ-ئارقىدىن يېتىپ كەلگەن ئىدارە رەھبەرلىرىدىن «ساقايساملا قايتىپ بارىمەن» دېگەندەك ۋەدىلەر بىلەن ئاراندا قۇتۇلغان. ئەسلى ئۇنىڭمۇ ئەمدى ئۇ قاباھەتلىك لاگېرغا قايتىپ بارالايدىغانلىقىغا كۆزى يەتمىگەن ئىكەن.
سىنىپىمدا پارتىلار قۇرۇق، بالىلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك يوقاپ كەتتى
بىر مەزگىل داۋالىنىشتىن كېيىن، يەنى 2018-يىلى 2-ئايدا ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىغا قايتقان قەلبىنۇر، گەرچە لاگېرغا بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشتىن قۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئىشتىن بوشىتىۋېتىلگەن. 28 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان قەلبىنۇر، «شۇنچە ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىشلىگەننىڭ ھېچقانداق يۈز-خاتىرىسى بولمىدى» دەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئىككى لاگېردىكى 8 ئايغا سوزۇلغان سىياسىي ۋەزىپىسىنى تاماملاپ خىزمەت ئورنىغا قايتقىنىدا قەلبىنۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىپ، مەكتەپ دەرۋازىسىغا قاراشقا قويۇلغان ۋە مەكتەپ 100 خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىغا قالغان.
ئۆزى ياخشى كۆرۈپ 28 يىل خىزمەت قىلغان دەرس مۇنبىرىدىن ئايرىلىش ئازابلىق بولىدۇ ئەلۋەتتە. ئەمما قەلبىنۇرنى چوڭقۇر قايغۇرىدىغىنى، ئۇ سىنىپ مەسئۇلى بولۇپ كەلگەن 5-يىللىق 3-سىنىپتىكى 44 بالىدىن 20 دىن ئارتۇقى ۋە 5-يىللىق 4-سىنىپتىكى 38 بالىدىن ئون نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئازلاپ كەتكىنى ئىدى.
باشقا ئوقۇتقۇچىلاردىن نېمە ئۈچۈن ھەممە سىنىپلاردا پارتىلارنىڭ قۇرۇقدىلىپ قالغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇلار ئۇنىڭغا ئاتا-ئانىسى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى سەۋەبلىك باشقا سىنىپلاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ باشقىلاردىن ئاڭلىشىچە بالىلارنىڭ بىر قىسمى ھەتتا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن. قېرىنداشلار بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ ئوخشىمىغان پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا بۆلۈنگەن ئىكەن.
2018-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇلار «بالدۇر پېنسىيىگە چىقىشقا قوشۇلىمەن» دېگەن مەزمۇندىكى ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر بولغان. قەلبىنۇر مۇنداق دەيدۇ: «گەرچە مەن پېنسىيىگە چىقىدىغان ياشتا بولمىساممۇ، ئەمما بۇنى رەت قىلغىلى بولمايتتى».
بارلىق قوش تىل ئوقۇشلۇقلىرى كۆيدۈرۈلۈپ يوق قىلىندى
قەلبىنۇرنىڭ ئەسلەپ ئۆتۈشىچە، ئاتالمىش قوش تىل مائارىپى مەكتەپلىرى خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئۇ خىزمەت قىلغان 24-باشلانغۇچ مەكتەپتە، 2016-يىلى 12-ئايدا رەسمىي ئۇقتۇرۇش چۈشۈپ، مەكتەپ كۇتۇپخانىسى، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ساقلىغان ئۇيغۇرچە بارلىق دەرسلىك ۋە كىتاب ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلگەن. ھەتتا قوش تىللىق ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنىڭ بىرىمۇ قويماي يوقىتىلغان ۋە دەرھال ئورنىنى پۈتۈنلەي خىتايچە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ئىگىلىگەن.
بۇ ئايرىلىش مەڭگۈلۈك جۇدالىق بولدى
قەلبىنۇر يالغۇز لاگېرلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەمدە يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىبلەش سىستېمىسى ھەممە يەرنى قاپلىغان ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئوخشاپ قالغان مۇھىتتىن قۇتۇلۇپ چەتئەلگە چىقالىغان ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى.
ئىشسىز قالغان، سالامەتلىكى ناچارلاشقان قەلبىنۇر ئېرى بىلەن باراۋەر ياۋروپادىكى قىزىنىڭ تويىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پاسپورت ئىلتىماس قىلغان.
2019-يىلى 9-ئايدا، ئۇ ئاخىرى داۋالىنىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلىشقا ئىجازەت ئالغان، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئوخشىمىغان 23 تارماقنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش ئۈچۈن ماتېرىياللىرىنى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كاپالەتنامىلىرىنى 15 ئىشخانىغا تاپشۇرغان. ئەمما، ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە، ئۇنىڭ ئېرىنىڭ چېگرادىن چىقىشى چەكلەنگەن. دائىرىلەرنىڭ «سەن بارساڭ بولىدۇ، ئېرىڭ ئۇيغۇركەن، چەتئەلگە چىقىش ئۇخلاپ چۈشۈگىمۇ كىرمىسۇن» دېگەن گېپى ئېرىنىڭ چەتئەلگە چىقىش يولنىڭ پۈتۈن ئېتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى.
ئۇ يولدىشىنىڭ ئۆيدە قېلىش شەرتى ۋە ئۆزىنىڭ داۋالىنىپ دەرھال قايتىپ كېلىش ۋەدىلىرى بىلەن چېگرادىن چىقتى.
بۇ ئايرىلىش ئۇنىڭ بىلەن ئېرىگە نىسبەتەن جۇدالىق ھېسابلىنىدۇ. قەلبىنۇر ۋاقتىدا قايتىپ كەتمىگىنى ئۈچۈن بۇ 2-ئايدىلا ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ۋە ئېرىمۇ ئۇنى بىر قاتار ئېغىر گەپلەر بىلەن ئازارلىغاندىن كېيىن ئاجراشقان ھېسابلىنىدىغانلىقىنى كەسكىن ئېيتقان. قەلبىنۇر گەرچە قېرنداشلىرىدىن بەك ئەندىشە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئېرى بىلەن خېلى بۇرۇنلا ئارىسىغا سوغۇق چۈشكەن ئىكەن.
ئەسلى ئۇنىڭ ئېرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، قاچانىكى قىلىقسىز خىتاي قوشماق تۇغقىنى ئۆيىگە كېلىشكە باشلىغاندىن تارتىپ يىرىكلەشكەن ۋە بۇرۇقتۇملۇققا مەھكۇم بولغان ئىكەن.
قەلبىنۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان قورقۇنچلۇق سىياسەتلەرنىڭ بىرى «قوشماق تۇغقانلىشىش» بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىتاي كادىرلار بىلەن «5 تە بىر بولۇش» بويىچە، بىللە تاماق يېيىش، تاماق ئېتىش، ئۆگىنىش، ياشاش ۋە ئۇخلاشقا مەجبۇرلانماقتا.
0:00 / 0:00