قەلبىنۇر سىدىق: ئۇيغۇر ئانا-تىل ئوقۇتۇشىغا مەسئۇل بارلىق ئوقۇتقۇچى ۋە ئىلمىي مۇدىرلار لاگېرغا ئەۋەتىلدى

0:00 / 0:00

قەلبىنۇر سىدىق بىلەن بۈگۈنكى سۆھبىتىمىز ئۇنىڭ 28 يىل خىزمەت قىلغان ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدىكى 24-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە داۋام قىلدى.

قەلبىنۇر لاگېر باشلىنىش بىلەن تەڭ ئەڭ ئاۋۋال زەربىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قاتارىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئانا تىلدىكى دەرسلىكلەرنى تۈزگۈچى مائارىپچىلار ۋە يەنە ھەرقايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى تىل-ئەدەبىيات دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىراقلا زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2016-يىلى 9-ئاي يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپتىن ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى. قەلبىنۇرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىلەن خىتاي مەكتەپلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن ۋە ئەسلىدىنلا ئوقۇش سائىتى زور دەرىجىدە قىسقارتىلغان ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسى كىتابلىرى، پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. يېڭى دەرسلىك، خىتاي تىل-ئەدەبىياتىنى ئاساس قىلغان تەرجىمە دەرسلىككە ئۆزگەرتىلگەن ھەتتا ئاتالمىش ئانا تىل دەرسلىرىگە خىتاي كلاسسىك شېئىرلىرى كىرگۈزۈلۈپ خىتايلاشتۇرۇلغان.

خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن باشقا يەنە 1 مىليون 800 مىڭدىن 3 مىليونغىچە ھەر ساھە ئۇيغۇرلىرىنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا تاشلىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. دەل مۇشۇ مەزگىلدە يالقۇن روزى قاتارلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى، مائارىپچى ۋە نەشرياتچىلار ئارقا ئارقىدىن قولغا ئېلىنغان. 2018-يىلى خىتاي دائىرىلىرى داڭلىق ئوبزورچى يالقۇن روزى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېت پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور كامىل رېھىم قاتارلىقلارنى «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ ئېغىر جازا ھۆكۈم قىلغانىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە 2002-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى تۈزۈشكە قاتناشقانلار بىراقلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدا ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى دەرسلىكىگە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى كىرگۈزگەنلىكى سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم. ئۇلاردىن يالقۇن روزى 2018-يىلى «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن 15 يىللىق كېسىلگەن.

قەلبىنۇر سىدىقنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى دەرسلىكىگە باغلاپ تۇتقۇن قىلغان بۇ زىيالىيلار بىلەنلا چەكلەنمىگەن. مائارىپ ساھەسىدىكى بارلىق ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى بۇ دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تۈزۈشكە، ئۆتۈشكە قاتناشقان بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئىلمىي مۇدىرلارنىڭ بىرىمۇ قالماي، لاگېرلارغا تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىلگەنىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى دەرسلىكى ئىچىدە ئەڭ نۇقتىلىق باھانە قىلغىنى، باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن «ئاتا تۈرۈك مۇستاپا كامال» ھەققىدىكى بىر قىسقا ھېكايە بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر تۈرك ئانىنىڭ ۋەتەننىڭ ئامانلىقىنى ئۆز پەرزەنتنىڭ ئامانلىقىدىنمۇ ئۈستۈن قويغانلىقىدەك بىر ھېكايە تەسۋىرلەنگەنىكەن.

قەلبىنۇرنىڭ بۇ ھەقتە ئەسلەپ ئۆتىشىچە، 2017-يىلى 3-ئايدىكى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئۆزى خىزمەت قىلغان سايباغ رايونىدىكى، مائارىپ ئىدارىسى تارمىقىدىكى ئانا-تىل ئوقۇتۇشى ساھەسىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچىلار 500 دىن ئاشىدىكەن.

قەلبىنۇر ئۈرۈمچى مائارىپ ئىدارىسى تارمىقىدىكى ئانا تىل ئوقۇتۇش تەتقىقات ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇتقۇچىلاردىن مۇنۇ ئىسىملارنى ئەسلەپ بېرەلىدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، سايباغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن رەيھانگۈل ھاشىم تۇتقۇن قىلىنىپ، 10 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان ۋە ئىككىنچى قېتىم قايتا قولغا ئېلىنىپ 7 يىل كېسىۋېتىلگەن. 20-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى خەلچەم مۇئەللىم قانچە يىل كېسىلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس، تۇتۇلغانچە خەۋىرى يوق ئىكەن. 52-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى زۇلپىيە مۇئەللىم ئىز-دېرەكسىز.

قەلبىنۇر ئۆزى خىزمەت قىلغان 24-باشلانغۇچ مەكتەپ ئۆزىدىنمۇ ئىلمىي مۇدىر ۋە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 18 ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى، مىچۈەنگە قۇرۇلغان لاگېرغا قايتا تەربىيەلەشكە ئەۋەتىلگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاتالمىش 3 ئايلىق مېڭە يۇيۇش تەربىيەسىنى تاماملاپ ئىش ئورنىغا قايتقان بەزىلىرى ئىشتىن بوشىتىلغانىكەن.

قەلبىنۇر سىدىقنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، 2004-يىلى ئۇيغۇر ۋە خىتاي مەكتەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، بۇ مەكتەپلەرنى ئاتالمىش «قوش تىل مەكتەپ» كە ئۆزگەرتىش ۋە كېيىن پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش مائارىپى ئارقىلىق ئۇيغۇر مائارىپىنى يوقاتقۇچە بولغان ئارىلىقتا گەرچە مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئانا-تىل ئوقۇتۇشى، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپچىلار بولسىمۇ ئەمما ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، ئىزتىراپ چەككىنى ۋە چېكىۋاتقانلار يەنىلا پۈتۈن ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىدۇر.