مۇتەخەسسىسلەر: «قەشقەر ھالسىرىماقتا، ئەمما ھامان بىر كۈنى جانلىنىدۇ»
2023.03.21

قەشقەر شەھىرى تارىختىكى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە، شۇنداقلا بۈگۈنكى ياۋرو-ئاسىيا ئۆتۈشمە يولىنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىسىغا جايلاشقانلىقىدەك جۇغراپىيەلىك ھەم ئىستراتېگىيەلىك ئورنى سەۋەبلىك تارىختىن بۇيان مەركىزىي ئاسىيادىكى مۇھىم مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. قەشقەر شەھىرىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىياتلار جەريانىدا ئۆز قوينىغا سىڭدۈرگەن مول مەدەنىيەت خۇرۇچلىرى بىناكارلىق ۋە ئولتۇراق مەھەللىلەرنىڭ ئۆزگىچىلىكىدە ئۆزىنى نامايان قىلغان بولۇپ، قەشقەردىكى قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى قۇرۇلۇشلار ھەتتا ب د ت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
ھالبۇكى، قەشقەر شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەكس ئېتىپ تۇرىدىغان تارىخى ئىمارەتلەر 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېقىلىشقا، ئۆزگەرتىلىشكە باشلىغان. رويتىرس ئاگېنتلىقى، «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدە بېرىلگەن قەشقەر شەھىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ھەققىدىكى ماقالە-خەۋەرلەر، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، يەرلىك ئۇيغۇر خەلقى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ شۇنچە قاتتىق ئىنكاسلىرىغا قارىماي، قەشقەردىكى قەدىمقى كوچا-رەستىلەرنىڭ چېقىلىشى ھېلىھەم توختىغىنى يوق.
قەشقەرنىڭ ئەڭ قەدىم كوچىلىرىدىن بىرى بولغان خام بازىرىنىڭمۇ «ئەلالاشتۇرۇش» نامىدا چېقىلىۋاتقانلىقى ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىز تەرىپىدىن دەللىللەنگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن ھىسابلىنىدىغان قەشقەر شەھىرىنىڭ ئەسلىدىكى قىياپىتىنى ھەر خىل ناملاردا ئۆزگەرتىش ۋە چېقىش قۇرۇلۇشىنى 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىلا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما 2016-يىلىدىن كېيىن بۇ خىل چىقىش-ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى يەنىمۇ تېزلەشكەن.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدكى مەھەللە ۋە رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى «يېڭىلاش» نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپ تاشلاشنى مەقسەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
تۈركىيە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك مائارىپ فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، پىروفىسسور مۇستافا كاچالىن ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلدى. ئۇ، مەھمۇد قەشقەرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى سەۋەبلىك قەشقەرگە نەچچە قېتىم بارغانلىقنى ئېيتتى. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەتنىڭ بۆشۈكى بولغان قەشقەرنىڭ كۈنىمىزدە ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىلىپ، ئەسلى قىياپىتىدىن تامامەن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاتتىق ئېچىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «بۇ بىر سىياسەت مەسىلىسى، ئەلۋەتتە. كىم كۈچلۈك بولسا، ئاجىز توپلۇققا كۈچىنى ئىشلىتىدۇ. خىتايلار ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى خالىمايدۇ. ئۇلاردا كۈچ ۋە ئىمكانلار بار، شۇڭا ئۇنى ئۇيغۇلارنى يوى قىلىشقا ئىشلتىۋاتىدۇ. ئۇ يەردە بىر قەدىمىي تىل، بىر پارلاق مەدەنىيەت، بىر ئۇزاق تارىخ ئاستا-ئاستا يوقلىشقا قاراپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنى ئېيتىشقىمۇ ئىنساننىڭ تىلى كۆيىدۇ، ھالبۇكى نەچچە مىڭ يىللىق بىر تىل، مەدەنىيەت ھەم تارىخ باشقا بىر نەرسىگە ئۆزگەرتىلىشكە، يوقىلىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. قەشقەرلىك ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغان ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› ناملىق ئەسىرى بىر قانچە يۈز يىللار يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، ئىستانبۇللۇق ئەلى ئەمىرى ئەپەندى تەرىپىدىن تېپىلىپ، تۈنجى بولۇپ 1915-يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغانىدى. كۈنىمىزگە كەلگەندە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ يۇرتى قەشقەر يوقىلىش خەۋپى ئاستىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ ئەھۋالنى ئەلى ئەمرى بىلسە، چوقۇم بەكمۇ ئېچىنغان بولاتتى. ئۇ قەشقەرنى بۇ ھالدا كۆرۈشنى ئەسلا خالىمايتتى.»
تارىختىكى يىپەك يولىغا جايلاشقان قەشقەر شەھىرى ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋرلەردە تۈرلۈك-تۈمەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە شاھت بولۇپ كەلگەن. بۇ شەھەر تارىختا ھۇنلار، كۆكتۈركلەر، ئۇيغۇرلار، قاراخانىيلار، موڭغۇل ئىمپىيرىيەسى، چاغاتاي خانلىقى، يەركەن سەئىدىيە دۆلىتى، خوجالار ھاكىمىيىتى قاتارلىق بۈيۈك ئىمپراتورلۇقلارغا ۋە خانلىقلارغا تەۋە بولغانىدى.
تۈركىيە نەۋشەھىردىكى ھاجى بەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئادەم ئۆگەر ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2013-يىللىرى قەشقەردىكى مەھمۇد قەشقىرى مەقبەرىسى، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى قاتارلىق تارىخىي جايلارنى زىيارەت قىلغانىكەن. ئۇ يەنە ئۆىنىڭ قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، قەشقەرنىڭ كوچا-مەھەللىلىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە ئۇيغۇرلارغا خاس گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەر-كەسىپلىرىدىن تارتىپ، دۇنياغا يايغان مۇزىكا-چالغۇلىرىغىچە بولغان بارلىق ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، قەشقەر مەيلى تارىخ-مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن بولسۇن، مەيلى تىل ۋە دىني نۇقتىدىن بولسۇن، ھاياتىمىزدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بىر قەدىمىي شەھەردۇر.»
دانىيەلىك ئانتروپولوگ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى رۇنې ستىنبېرگ ئەپەندى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دوكتورلۇق ماقالىسىنى يېزىشتىن ئىلگىرى ئۆزى قەشقەرگە بېرىپ، ئۇيغۇرلارنى بىۋاستە تەكشۈرۈش ۋە ئۇلار بىلەن ئارىلىشىش ئارقىلىق مول ۋە جانلىق بولغان ماتېرىياللارنى توپلىغان ئىكەن. ئۇ، ئۇيغۇر تىلىدا زىيارەت بېرىشنى خالايدىغانلىقنى بىلدۈرۈپ، راۋان ئۇيغۇر تىلىدا ئۆزىنى تونۇشتۇردى.
ئۇ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم 2016-يىلى 8-ئايدىن 10-ئايغىچە قەشقەردە تۇرغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەردىكى مەھەللىلەرنىڭ چېقىلىش ۋە ئۆزگەرتىلىشىگە شاھىت بولغانىكەن. ئۇ، 2010-يىلىدىكى قەشقەر بىلەن 2016-يىلىدىكى قەشقەرنىڭ ئاسمان-زېمىن پەرقىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشلىرىنى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن مەقسەتلىك ھالدا ئىلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئادەم ئۆگەر ئەپەندى قەشقەرنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «2013-يىلى بارغان ۋاقتىمدىمۇ دىقققەت قىلغان ئىدىم. خىتاي ھۆكۈمىتى ‹يېڭىلاش› باھانىسى بىلەن ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ئۆزگەرتىشكە باشلاپتىكەن. ئاشۇ چاغدا بۇ خىل ئۆزگەرتىشنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى يوقتىش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم. مەھمۇد قەشقىرى، سۇتۇق بۇغراخان قاتارلىق شەخىسلەر ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس بەلكى، پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت سىمالىرىدۇر. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردە ۋە باشقا شەھەلەردە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ‹يوقىتىش› سىياسىتىگە قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرغىلى بولمايدۇ. بىر مىللەتنىڭ تىلىنى، دىنىنى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى نىشان قىلىشنىڭ ئۆزى ئۇ مىللەتنى يوق قىلىش بىلەن باراۋەر. كۈنىمىزدە ئىرقىي قىرغىنچلىقنىڭ ئېنىقلىمىسىمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ. بىر مىللەتكە ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلىش ئۈچۈن، ئۇ مىللەتنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، شۇ مىللەتنىڭ تىلىنى، دىنىنى چەكلەشنىڭ ئۆزى ئىرقىي قىرغىنچلىقنىڭ بىر خىل شەكلى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. چۈنكى ئاشۇنداق بىر قەدىمىي تارىخقا ئىگە بىر شەھەرنى يوقىتۋېتىشنى پىلانلاش، ئاشۇ جايدىكى ئىجتىمائىي توپلۇقنىڭ يۈرىكىنى سوقۇشتىن توختىتىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئوخشاشتۇر. ئۇيغۇر فولكلورى ھەقققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ئەھۋال مېنى بەكمۇ ئېچىندۇرىدۇ.»
ئاخىرىدا رۇنې ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرنى ئۆزگەرتىشكە، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتنىڭ مەركىزى بولۇش سالاھىيىتىنى يوقىتىشقا ھەر قانچە كۈچىسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «قەشقەر ئۆزى كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە بىر جاي، ئۇيغۇر خەلقىمۇ ھاياتى كۈچى كۈچلۈك بىر خەلق. ئۇيغۇر مەدەنىيتىمۇ شۇنداق. تارىخقا قارىساقمۇ بۇنىڭغا نۇرغۇن ئىسپاتلار بار. مېنىڭچە، قەشقەر يەنىلا ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ مۇھىم بىر مەركىزى بولۇپ ساقلىنىپ قالىدۇ.»
ئادەم ئۆگەر ئەپەندىمۇ رۇنې ئەپەندىنڭ كۆز قارىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەنمۇ بەك ئۈمدسىز ئەمەس. ئەلۋەتتە، قەشقەردەك بىر تارىخىي شەھەر دۇچ كىلىۋاتقان كىرزىسقا نىسبەتەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئالدىدا بېرىدىغان ھىسابىمىز بار. يەنە كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلىرىمىزغا بېرىدىغانمۇ ھىسابىمىز بار. ئەلۋەتتە، ھازىر بەك خەتەرلىك بىر ئەھۋالدا تۇرۇۋاتىمىز. لېكىن بىر ھاكىمىيەت بىر مەدەنىيەتنى ئۆزگەرتىشكە، بۇزۇشقا، يوقىتىشقا كۈچىسىمۇ، مەن كۈچلۈك بىر مەدەنىيەتنىڭ قايتىدىن جانلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھازىر بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى جان تىكىپ قوغداپ قىلىشىدۇر. ئەقىلىمىز بىلەن كىملىكىمىزنى قوغداپ قالالىساقلا، ھامان بىر كۈنى قەشقەر، خوتەن، قومۇل، تۇرپانلاردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تېخىمۇ جانلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شەرقىي تۈركىستاننىڭ جان تومۇرى ھېسابلانغان تارىم دەرياسى قانداق ئېقىۋاتقان بولسا، بىزمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە بۇ مەدەنىيەتنى شۇنداق داۋام قىلدۇرۇشىمىز، ئۇنى كېيىنكى نەسىللەرگە ئىجابى ۋە سەلبى تەرەپلىرى بىلەن قوشۇپ يەتكۈزىشىمىز كېرەك!»