«كەچۈرىسىز جاۋاب بېرەلمەيمەن. سىز سوراۋاتقان مەسىلىلەر شىنجاڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىچكى ئەھۋاللار. مەن بايا سىزگە ئېيتتىم. ئەگەر سىز مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەقسىم قىلىنىش ئەھۋالىغا دائىر مەسىلىلەرنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئۇ ھالدا كەچۈرىسىز بۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيمەن. سىز مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قەيەرلەرگە ئەۋەتىلگەنلىكى ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى سوراشتىن ئىلگىرى ئۆزىڭىزنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىق ئېيتىشىڭىز كېرەك! سىز بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى سىز ئېنىق بىلمەمسىز؟! سىز زادى كىم؟ ئەگەر سىز يەنە ئېيتمىسىڭىز مەن بۇ تېلېفون ئاۋازىنى ساقچى ئىدارىسىگە يوللاپ بېرىمەن!»
تەھدىت تۈسىنى ئالغان يۇقىرىقى گەپلەرنى قىلغۇچى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان خىتاي ئايال خادىم. ئۇ بۇ سۆزلەرنى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ شەندوڭ ئۆلكىسىدىن «مائارىپقا ياردەم» نامىدا 8-ئاينىڭ ئاخىرى قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قەشقەرنىڭ قايسى ناھىيەلىرىگە تەقسىم قىلىنغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغاندا ئېيتتى.
8-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى قەشقەر تېلېۋىزىيەسى خەۋىرىدە، 8-ئاينىڭ 25-كۈنى شەندوڭ ئۆلكىسىدىن يېتىپ كەلگەن 150 نەپەر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ 15 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر، يېڭىسار، يوپۇرغا ۋە مەكىت ناھىيەسىدىكى مەكتەپلەردە خىزمەتكە چۈشكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
خىتاينىڭ «جۇڭگو خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 30-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن قەشقەرگە ياردەمگە كەلگەن 377 نەپەر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ قەشقەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقى مەدھىيەلەنگەنىدى.
قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان خىتاي ئايال خادىم شەندوڭدىن ئاتالمىش «ياردەمگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچىلار» ھەققىدە سورالغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپلا قالماستىن، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشى» نامىدىكى خىتاي تىلى مائارىپى ۋە رايوندا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزنىمۇ خىتاينىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش دەپ تەرىپلەپ بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
سۆھبىتىمىز تۆۋەندىكىدەك داۋام قىلدى: مۇخبىر: «قەشقەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ئۈچۈن قانداق شەرتلەر لازىم؟ دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشىدا قانداق تەلەپلەر قويۇلىدۇ؟ سىلەرنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەسىگە قويۇلىدىغان ئۆلچىمىڭلار قانداق؟»
مائارىپ ئىدارىسى خادىمى: «دۆلەت تىلىنى دەمسىز؟ لاياقەتلىك كىنىشكىسى ئالالىسا، شەرتنى ھازىرلىغان بولىدۇ.»
مۇخبىر: «ئۇنداقتا تىل جەھەتتە ئوقۇتقۇچىلارغا قانداق تەلەپ قويۇلىدۇ؟»
مائارىپ ئىدارىسى خادىمى: «ئوقۇتقۇچىلىق گۇۋاھنامىسى ئالغاندىكى تىل ئۆلچەم قىلىنىدۇ.»
مۇخبىر: «مەكتەپتە دەرس ئۆتكەندە چوقۇم دۆلەت تىلىدا ئۆتۈش كېرەكمۇ؟»
مائارىپ ئىدارىسى خادىمى: «ھازىر دۆلەت تىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئورتاق قوللىنىدىغان تىلى. ھالبۇكى سىز ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دەرس ئۆتۈش كېرەك دەپ قارامسىز؟»
مۇخبىر: «ئەلۋەتتە شۇنداق قارايمەن. ئۇ جايدا ئۇيغۇرلار ئىنتايىن جىققۇ. ئۇ جاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر تىلى مائارىپى يولغا قويۇلىدۇ دېگەن بەلگىلىمىمۇ بارغۇ؟ ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى ئالاتتىغۇ؟ ھازىر نېمىشقا بۇ «دۆلەت تىلى مائارىپى» غا ئايلىنىپ قالدى؟»
مائارىپ ئىدارىسى خادىمى: «ئەجەبا سىز بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىتىنى بىلمەمسىز؟ سىز 80-يىللاردا ياشاۋاتامسىز قانداق؟! سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىز ئۇيغۇرلار بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئادىمى ئەمەس دېمەكچىمۇ؟»
مۇخبىر: «سىلەرنىڭ سىياسىتىڭلار چوقۇم دۆلەت تىلىدا دەرس ئۆتۈلۈشى كېرەك شۇنداقمۇ؟ 2017-يىلدىن ئىلگىرى بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى ئالاتتىغۇ؟ مېنىڭ بىلمەكچى بولغۇنۇم ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى ئېلىش ھوقۇقى مەسىلىسى».
مائارىپ ئىدارىسى خادىمى: «سىز نېمىشقا بۇنداق ئىچكىرىلەپ سورايسىز؟ دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سىياسىتىنى سىز ئېنىق بىلمەمسىز؟ سىز بىر مۇخبىر ئىكەنسىز. سىزنىڭ سورىغانلىرىڭىز شىنجاڭنىڭ مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەھۋاللارغا تاقىلىدۇ. سىزنىڭ بۇ سۆزلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى مەن ساقچى ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن! كەچۈرىسىز مەن بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرەلمەيمەن.»
يۇقىرىدا، شەندوڭ ئۆلكىسىدىن «ياردەم» نامىدا قەشقەرگە ئەۋەتىلگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاتالمىش «دۆلەت تىلى مائارىپى» نامىدىكى خىتايچە ئوقۇتۇش تۈزۈمى ھەققىدە، قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى خادىمنىڭ جاۋابلىرىنى ئاڭلىدىڭلار. پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا، «مائارىپنى كۈچەيتىش» نامىدا، قەشقەر دىيارىغا پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدىن قوبۇل قىلىنىۋاتقان خىتاي تىللىق ئوقۇتقۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر ھەققىدە رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇمات بەردۇق.
