ئەنگلىيە مۇخبىرلىرى: «بىز قەشقەردە نېمىلەرنى كۆردۇق؟» (2)
2023.05.24
ئەنگلىيەدىكى «ئاسمان خەۋەرلىرى» (Sky News) ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى 18-ماي كۈنى ئېلان قىلغان مەلۇماتلار، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاشكارا شەكىلدىن كۆرۈنمەس ھالەتكە ئۆتۈپ بولغانلىقىنى نامايان قىلغان. بولۇپمۇ بۇ ماكاندىكى بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان تۈرمىلەر ئەينى ۋاقىتتا لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەرنىڭ ئورنى ئالماشقانلىقىنى، ئەمما بۇ رايوندىكى كىشىلەرنىڭ تەقدىرىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
«لاگېرلار تۈرمىلەرگە ئايلىنىپتۇ! »
مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى زىيارەت قىلغان لاگېر نۇقتىلىرى ئاساسەن قەشقەر (كوناشەھەر ۋە يېڭىشەھەر) ھەمدە خوتەن شەھەرلىرىدە بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ ئەڭ چوڭى 73 ياش، ئەڭ كىچىكى 15 ياشلىق ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. ئۇلار كۆزدىن كەچۈرگەن بۇ ئورۇنلارنىڭ كۆپ قىسمى ھازىر تاشلاندۇق ماكانغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ جايلارغا قامالغان كىشىلەر كۆزدىن غايىپ بولغان. بۇ ئورۇنلارغا سىرتىدىن پېچەت سېلىنغان بولۇپ، «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك چارىلىرىنىڭ ئىزنالىرى شۇ پېتى قالغان. توك ئىدارىسىنىڭ خادىمى لاگېر دەرۋازىسىغا چاپلاپ قويغان ئۇقتۇرۇشتا، ئۇلارنىڭ توك سائىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن كەلگەنلىكى، ئەمما بىنا ئىچىگە كىرەلمىگەنلىكى ئېيتىلغان. مۇخبىرلار بايقىغان يەنە بىر لاگېر ھازىر خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ۋاقىتلىق تۇرالغۇسىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، شۇ جايدىكى بىر خىتاي مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئالىغا قارىتا «بۇ ئۆيلەردە بىز كەلسەك ئادەم بار ئىكەندۇق» دەپ جاۋاب بەرگەن.
«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسون بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇنىڭ پەقەت نۆۋەتتىكى رېئاللىق ئۈچۈن «مۇز تاغنىڭ كۆرۈنگەن چوققىسى» ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېخىمۇ كۆپ يوللار ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى توپلاش ئارقىلىقلا خىتاينىڭ يالغانلىرىنى كۈچلۈك رەۋىشتە پاش قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ:
«دەرۋەقە، مەن بىز ھۆججەتلەشتۈرۈپ چىققان ئاشۇ قاباھەتلىك ھەقلەر دەپسەندىچىلىكىنىڭ راستلىقىنى تەستىقلايمەن. شۇغىنىسى ھازىرغا قەدەر بۇنىڭغا تېگىشلىك دەرىجىدە دۇنياۋى ئىنكاس قايتۇرۇلغىنى يوق. خۇددى سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك، ھازىر بۇ قاباھەتلەر ھەققىدىكى تاغدەك دەلىل-ئىسپاتلار شۇنچە كۈچلۈك رەۋىشتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي يەنىلا جاۋابكارلىققا تارتىلغىنى يوق. بىز ئىزچىل بۇ رايوندىكى ‹ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىقى› ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بازارغا سېلىۋاتقان يالغانلارنىڭ داۋام قىلىۋېرىشىگە قارىتا گۇماندا ئىدۇق. چۈنكى ئۇلار زادىلا نومۇس قىلماستىن ئۆز يالغانلىرىنى قايتا-قايتا تەكرارلاپ كەلگەن. راست دېگەندەك، بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ يالغانلىرى يەنە بىر قېتىم ئاشكارا بولدى. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز دائىم مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنىڭ بۇ رايونغا بېرىشىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. بۇ قېتىم نەق مەيداندىن توپلانغان شۇنچە كۆپ ئۇچۇرلار ۋە شاھىتلارنىڭ بايانلىرى بىر يەرگە جەم بولدى. ئەمما مېنىڭچە بۇ پەقەت شۇ جايدىكى رېئاللىقنىڭ يۈزەكى قىسمىدىنلا ئىبارەت. بىز بۇنىڭمۇ نېرىسىغا ئۆتۈشكە تىرىشىشىمىز، باشقا يوللار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى توپلاپ خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنىڭ توختىغان ياكى توختىمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشىمىز لازىم. ئەمما بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشقۇچە خىتاي بۇ ئىشلارغا جاۋابكار بولۇشى كېرەك. چۈنكى خىتاي ئۆزلىرى سادىر قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتەلمەيدۇ. بىز بۇلارنى تەكشۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشىمىز، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلارنى قايتا سادىر قىلماسلىقىغا كېپىللىك قىلىشىمىز لازىم.»
ئۇنداقتا، بۇ لاگېرلاردىكى كىشىلەر قەيەردە؟ بۇ سوئالغا مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى دەماللىققا جاۋاب تېپىشقا ئىلاجسىز قالغان. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن مەمەتجان جۈمە دەل مۇشۇ لاگېرلارنىڭ بىرى ماكانلاشقان مەھەللىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. ئۇ بۇ ھەقتە «ئاسمان خەۋەرلىرى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قاباھەتلىك لاگېرنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى شېرىن ئەسلىمىلىرى قانات يايغان ئورۇنغا سېلىنغانلىقىنى شۈركۈنۈش ئىچىدە ئەسلەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئاشۇ لاگېرغا قامالغان قېرىندىشى ئەخمەتجان جۈمە تا ھازىرغىچە ئائىلىسىگە قايتمىغان. ئەكسىچە شۇ لاگېردا خىزمەت قىلغان ساقچى خادىملىرىدىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا ئىنىسىنىڭ 14 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ۋە ھازىر تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇنىڭ ئىنىسى باشتىن كەچۈرگەن «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى قىسمەتلەر مىليونلىغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئورتاق كەچمىشى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى دۇنكان سىمىس (Iain Duncan Smith) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ھېلىھەم ئىلگىرىكى سىياسەتلەرنى ئۆزگەرتمەستىن ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ:
«ئەمما ھازىر بىزگە بەكمۇ روشەن ئايدىڭ بولغىنى شۇ بولدىكى، ھازىر ئۇلار (خىتاي ھۆكۈمىتى) شۇنچە ئاشكارا بولغان، شۇنىڭدەك ئەينى ۋاقىتتا ‹قايتا تەربىيەلەش مەركىزى› دەپ نىقابلىغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئادەتتىكى شەيئى قاتارىدا كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بالىلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ چاتاق بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى ھازىر ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇشىغا يول قويۇلماستىن، ئۇلارنى خىتايچە سۆزلەشكە مەجبۇرلاش ئارقىلىق بىراقلا خىتايلىشىپ كېتىشىگە يول ئېچىلىۋاتىدۇ. ئىككىنچى بىر نۇقتىدىن ئالساق، ھازىر شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشلىق بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرى بۇ پروگراممىدا ناھايىتى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە شۇ بولغانكى، خىتاي ھازىر بۇ ئىشلارنىڭ چاۋىسى چىتقا يېيىلىپ بولغانلىقىنى ھېس قىلغان گەپ. شۇڭا ئۇلار بۇ خىل كۆرۈنۈشلەرنى كۆزدىن يىراق قىلىپ، قارىماققا باشقىچە بىر مەنزىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. ئەمما ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. بۇ سىياسەتنىڭ تۈپكى ئاساسى-خىتايلارغا زادىلا ئوخشىمايدىغان ھەمدە ئۇلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەتنى پاك-پاكىزە يوقىتىشتۇر. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئاياللارنى پەرزەنت كۆرەلمەس قىلىۋېتىش، مەجبۇرىي ھالدا ئۇلارنىڭ نومۇسىغا تېگىش دېگەنلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەممىلا ئىش يەنىلا باستۇرۇش شەكلىدە داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھادىسىلەرنىڭ ئانچە-مۇنچە قاش-كۆزىنى بوياپ قويۇپلا مۇخبىرلارغا بۇنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.»
بۇ ھال مۇخبىرلارغا ئاشۇ خىلدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ لاگېردىن چىقىپ تۈرمىگە يۆتكىلىپ بولغانلىقىنى ئىشارە قىلغان. شۇ ۋاقىتلاردىكى ساقچى ھۆججەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە 540 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان. 2021-يىلىنىڭ ئۆزىدە بولسا قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلار 45 مىڭ كىشى ئەتراپىدا بولغان. يەنە كېلىپ بۇ كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا بەش يىلدىن ئۇزۇن قاماق جازاسى بېرىلگەن. «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نامىدىكى مەخپىي ھۆججەتلەردە ئېيتىلىشىچە، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئون مىڭ ئۇيغۇرنىڭ 99 پىرسەنتى بەش يىلدىن ئۇزۇن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ ھۆججەتلەرمۇ ئاشكارا ھالدا «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دىن تۈرمىگە يۆتكەشنىڭ باسقۇچلىرى ھەققىدە توختالغان. «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى» (ASPI) نىڭ خادىملىرىدىن نېيسىن رۇسېر (Nathan Ruser) ئەنە شۇ تەرىقىدە لاگېرلارغا قامالغان مىليونلارچە كىشى تۈرمىگە ۋە ئەمگەك لاگېرلىرىغا يۆتكەپ بولۇنغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئورۇنلارنىڭ بوش قالغانلىقى ھەمدە مۇخبىرلارغا ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، «ئاسمان خەۋەرلىرى» مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت پائالىيىتىگە يېقىندىن ھەمدەم بولغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ۋەكىلى رەھىمە مەھمۇت، بۇ خەۋەرنىڭ دۇنيا مىقياسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەبنىڭ دەل ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم تېخىچە داۋام قىلىۋاتىدۇ، دېگەن ئۇچۇرنى يوللىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
دەرۋەقە، مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى كۆرگەن رېئاللىق 2017-يىلىدىكى باستۇرۇش مەزگىلىدە ئىشلىتىلگەن لاگېر مۇئەسسەسەلىرىنىڭ ھازىر بۇزۇپ تاشلانغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ پىنھان ۋە تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەر ئېلىنغان يېڭى مۇئەسسەسەلەرنىڭ سېلىنغانلىقىنى نامايان قىلغان. 2023-يىلىدىكى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى سېلىشتۇرۇش جەريانىدا، بۇ ھال تېخىمۇ ئاشكارا بولغان. ئىلگىرىكى لاگېرلارنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا زور كۆلەمدە كېڭەيتىپ سېلىنغان تۈرمە قۇرۇلۇشلىرى بۇ ھالنى تېخىمۇ روشەن نامايان قىلغان. ئەنە شۇنداق ئەھۋالدا لاگېرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقان ھەمدە ئۇنى يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمىغان شارائىتتا، مۇخبىرلارنىڭ بۇ رايوننى كۆزدىن كەچۈرۈشىگە ئىجازەت بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە «رۇخسەت» ئارقىلىق خىتاي پاسپورتى بىلەن چەت ئەللەرگە ساياھەتكە مېڭىشى باشلانغان.