بىشكەكتە بالىلار ئۈچۈن زامانىۋى پۇتبول مەيدانى ئېچىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2022.07.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
بىشكەكتە بالىلار ئۈچۈن زامانىۋى پۇتبول مەيدانى ئېچىلدى ئالامېدىن-1 مەھەللىسىنىڭ تۇرغۇنىغا تەقدىرنامە تاپشۇرۇلماقتا. 2022-يىلى ئىيۇل، قىرغىزىستان.
RFA/Féruze

بىشكەك شەھەر كېڭىشىنىڭ ئەزاسى گۈلناز خەلىلوۋا ئالامېدىن-1 مەھەللىسىدە بالىلار ئۈچۈن زامانىۋى پۇتبول مەيدانى ئاچتى. ئېچىلىش مۇراسىمى 19-ئىيۇل ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

بىشكەك شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىرقەدەر كۆپ ئولتۇرقلاشقان مەھەللىلىرىدىن بىرى ئالامېدىن-1 دۇر. مەلۇم بولۇشىچە شەھەرنىڭ ئاساسلىق مەھەللىلىرى 1980-يىللىرى قۇرۇلغان بولۇپ، شۇ 40 يىل جەرىيانىدا مەھەللىلەرنىڭ يول ئەسلىھەلىرى يېڭىلانمىغان. ئەنە شۇ سەۋەبلەردىنمۇ گۈلناز خەلىلوۋانىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئېچىلغان ئويۇن مەيدانى، مەھەللە تۇرغۇنلىرىنى خۇشال قىلدى.

گۈلناز خەلىلوۋانىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئېچىلغان ئويۇن مەيدانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى ئىيۇل، قىرغىزىستان.
گۈلناز خەلىلوۋانىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئېچىلغان ئويۇن مەيدانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى ئىيۇل، قىرغىزىستان.
RFA/Féruze

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر مەھەللە ئاھالىسى ئۆز كۈچى بىلەن بالىلارغا بىر ئويۇن مەيداننى ئاچماقچى بولۇشقان، لېكىن ئىقتىساد يېتىشمىگەنلىگى ئۈچۈن شۇ مەيدان ئۈچ يىلدىن ئوشۇق خاراب بولغان ھالدا تۇرغانىكەن.

رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالامېدىن-1مەھەللىسىنىڭ تۇرغۇنى ھۈسەن تۇدېنوف، بىر نەچچە نەپەر پارلامېنت ئەزاسىغا مۇراجىئەت قىلغان بولسىمۇ، پەقەت گۈلناز خەلىلوۋانىڭ جاۋاب قايتۇرۇپ، شەخسىي كونترول ئاستىدا تۇتۇپ شۇ مەھەللىگە پۇتبول ئويۇن مەيدانىنى زامانىۋى ئۆلچەم بويىچە يېڭىلاپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

گۈلناز خەلىلوۋانىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئېچىلغان ئويۇن مەيدانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى ئىيۇل، قىرغىزىستان.

مەزكۇر پۇتبول ئويۇن مەيدانىنىڭ رەسمىي ئېچىلىشى، مەھەللە ئاھالىلىرى ئۈچۈن يەنە بىر بايرام بولدى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا بىشكەك شەھەرلىك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى موزگاچېۋا ۋىكتورىيا، بىشكەك شەھىرىدىكى مەدەنىيەت-سەنئەت بۆلۈمىنىڭ رەئىسى پارخانوف مىرلان، بىشكەك شەھەر كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە ئاكتىپلىرى شۇنداقلا كۆپ ساندا ئاھالىلەر قاتناشتى. مۇراسىم ئۇيغۇر ناخشا، ئۇسسۇل ۋە قىزىقارلىق ئويۇنلار بىلەن داۋام قىلدى. مەزكۇر مۇراسىمغا قاتناشقان سىياسەتشۇناس ئابدۇرەخىم ھاپىزوف رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ شۇ دۆلەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى ھەمدە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭمۇ ھۆكۈمەت تەرەپتىن يۇقىرى باھالىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

گۈلناز خەلىلوۋانىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئېچىلغان ئويۇن مەيدانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى ئىيۇل، قىرغىزىستان.

رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا قىرغىزىستاندا 60 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ. ئۇلار قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ قاتارىدا يۇقىرى دەرىجىدىكى تەقدىرنامىلەرگە ئېرىشكەن سەنئەتكار، دوختۇر، تەنھەرىكەتچى ۋە زىيالىيلار ئاز ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.