قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ يىللىق روزا ھېيتنى ساخاۋەتلىك ئىشلار بىلەن كۈتۈۋالدى

قىرغىزىستاندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە تەييارلىدى
2024.04.11
qirghizistan-roza-heyt-03 جالالئاباد شەھىرىدىكى ساخاۋەتلىك تارقىتىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئاپرېل، جالالئاباد
RFA/Feruza

10-ئاپرېل كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ يىللىق روزا ھېيت بايرىمىنى كۈتۈۋالدى، شۇنداقلا موھتاج ئائىلىلەرگە ياردەم قوللىرىنى ئۇزىتىپ خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى ئېلىپ باردى.

قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان جالالئاباد ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلار جالالئابادتىكى ئىكرامباي ھاجىم مەسچىتىدە روزى ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى ۋە ئايەمنى قۇتلىغاچ خەير-ساخاۋەت ئىشلارنى قانات يايدۇردى.

بالىلارغا ھېيتلىق تارقىتىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئاپرېل، قىرغىزىستان
بالىلارغا ھېيتلىق تارقىتىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئاپرېل، قىرغىزىستان
RFA/Feruza

ھېيت نامىزىدىن كېيىن بايرام كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، مەسچىت ئەتراپىدىكى مەھەللىدە گويا ئۇيغۇر دىيارىدىكىدەك ناغرا-سۇنايلار چېلىندى، بالىلار ئۈچۈن تۈرلۈك ئويۇنلار ۋە مۇسابىقىلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ موھتاج ئائىلىلەرگە لازىملىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى تارقىتىلدى.

بالىلارغا ھېيتلىق تارقىتىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئاپرېل، قىرغىزىستان
بالىلارغا ھېيتلىق تارقىتىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئاپرېل، قىرغىزىستان
RFA/Feruza

بۇ يىللىق روزا ھېيتلىق ساخاۋەتلىك پائالىيەتلەر گېرمانىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل قاراقاش بىلەن گېرمانىيەدىكى تۈرك قېرىنداشلىرىنىڭ ياردىمى ۋە جالالئاباد شەھىرىدىكى «ئىتتىپاق جەمئىيىتى» نىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جالالئاباد شەھىرىدىكى «ئىتتىپاق جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئەلىشىر ناسىراخۇنوۋ ساخاۋەتلىك ھەدىيەلەر مىللەت ئايرىماستىن پۈتۈن موھتاج ئائىلىلەرگە تارقىتىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەلىشىر ئەپەندى يەنە ھېيت داۋامىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش ۋە ئۇيغۇرلۇق روھىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىكرامباي ھاجىم مەسچىتى مەھەللىسىگە مەخسۇس سازەندىلەرنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

جالالئاباد شەھىرىدىكى ئاياللار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خۇرشىدە ھاجىم خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گېرمانىيەدىكى تۈرك قېرىنداشلار بىلەن ئابدۇجېلىل قاراقاشقا ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە رەھمىتىنى ئېيتتى ۋە ھېيتلىق ھېسسىياتلىرىنى ئىزھار قىلدى.

رۇسىيە پايتەختى موسكۋا شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروۋنىڭ پەرمان ئېلان قىلىشى بىلەن بۇ يىل پايتەخت بىشكەكتىكى مەركىزىي مەيدانىدا جامائەتنىڭ بىرلىكتە ھېيت نامىزى ئوقۇشى چەكلەندى. جامائەتلەر ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق مەھەللىلەردىكى مەسچىتلەردە ھېيت نامىزى ئوقۇدى. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار بولسا ئۆزلىرى زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەر-يېزىلاردىكى جامائەتلىرىگە قوشۇلۇپ، مىللىي ئەنئەنىلىرى بويىچە روزا ھېيت بايرىمىنى قۇتلىدى.

جالالئاباد شەھىرىدىكى ئاياللار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خۇرشىدە ھاجىم خانىم قۇربانلىق گۆش تارقىتىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئاپرېل، جالالئاباد
جالالئاباد شەھىرىدىكى ئاياللار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خۇرشىدە ھاجىم خانىم قۇربانلىق گۆش تارقىتىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئاپرېل، جالالئاباد
RFA/Feruza

ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان بىشكەك ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن بىرى بولغان نوۋوپوكروۋكا يېزىسىدىكى ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئاسىيەم موللاباقىيېۋا رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىللىق رامىزاندا مەسچىتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ۋە باشقا مەزلۇملارغا ئاتاپ دۇئا قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، نوۋوپوكروۋكا جامائىتىنىڭ روزا ھېيت بايرىمىنى بۇرۇندىن قالغان ئەنئەنىلىرى بويىچە قۇتلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، رامىزان ئېيىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى (TIKA) قىرغىزىستاندىكى 50 موھتاج ئائىلىگە ياردەم قوللىرىنى سۇنۇپ ھېيتلىق ھەدىيەلەرنى تارقاتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.