قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيتنى قۇتلۇقلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2020-05-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
30 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى ئالاتاۋ مەيدانىغا يىغىلىپ قۇربان ھېيت نامىزى ئوتىدى. 2014-يىلى 4-ئۆكتەبىر، بىشكەك.
30 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى ئالاتاۋ مەيدانىغا يىغىلىپ قۇربان ھېيت نامىزى ئوتىدى. 2014-يىلى 4-ئۆكتەبىر، بىشكەك.
RFA/Azad Qasim

بۇ يىللىق رامزان ئېيى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە ئىبرەتلىك بولدى.

ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان كورونا يۇقۇملۇق كېسىلى تۈپەيلىدىن بۇ يىللىق رامزان ئېيىدا مەككە-مۇھەررەمدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا بويىچە مەسچىتلەر تاقىلىپ، ، مۇسۇلمانلار تاراۋى نامازلىرىنى ھەتتا ھېيت نامىزىنى جەم بولۇپ بىرلىكتە ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغانىدى.

قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ۋە زىچ ئولتۇراقلاشقان مەملىكەت، ئۇلار ئۆز مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنىلىرىنى ياخشى ساقلاپ كەلمەكتە. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ بىر ئاي روزا تۇتۇشتىن ئىبارەت مۇقەددەس پەرزىنى ئادا قىلىپ، يېتىم-مىسكىنلەرگە سەدىقە بېرىپ، شۇنداقلا قۇرئانى كەرىم نازىل قىلىنغان قەدىر كېچىسىنى قۇرئان تىلاۋەت بىلەن تۈنىدى. لېكىن ئۇلۇغ روزا-ھېيت كۈنى ھېيت نامىزىنى مەسچىتلەردە جامائەت بىلەن بىرلىكتە ئوقۇيالمىدى. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىمى جامائەتنى تور ئارقىلىق تەبرىكلەپ، جامائەتسىز ھېيت نامىزىنى تارىخىي ئەسىرنىڭ تامغىسى دەپ تەكىتلىدى.

روزا ھېيتى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ بايراملىرىدىن بىرىدۇر. روزا ھېيتى داستىخانلار سېلىنغان، ئىنسانلار ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەتلەرنى تۈگىتىپ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىدىغان، قېرىنداشلاردەك بىر-بىرىنى باغرىغا بېسىپ ھېيتلىشىدىغان كۈندۇر. مۇشۇنداق چوڭ بايراملاردا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مېھماندوستلۇقى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى نامايان قىلىنىدۇ. بىراق، بۇ يىل قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇنداق ئۆزئارا ھېيتلىشىش ۋە مېھماندوستلۇق كۆرسىتىشتىن مەھرۇم قالدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنئاي ئىسلام بۇ ئېغىر كۈنلەردە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەنىلا روزا ھېيتنى بايراملاپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مىللەت غۇرۇرىنى كۆتۈرۈپ، ئۆرپ ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشىغا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ھىندونېزىيەدىكى AST خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدىكى خادىمى فىردائۇس ئەپەندى كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بۇ يىللىق رامزان ئېيىدا بىر-بىرى بىلەن ئىپتارلىق قىلالمىغانلىقىدىن، بولۇپمۇ مەسچىتلەر تاقالغانلىقىدىن بەك بىئارام بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقلىرىنىڭ بۇ قېتىم تېخىمۇ ئاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىلى رامزان ئېيى، بولۇپمۇ روزا ھېيتى باشقا ۋاقىتلارغا ئوخشىمايدىغان بولدى. پۈتۈن دۇنيادا مەسچىتلەر تاقالغان، ئۆلكىمىزدە، شەھىرىمىزدە مەھەللىمىزدە ھەممە يەرلەردە مەسچىتلەر تاقالغان. بۇ ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق بىر ئىش، چۈنكى بىز ئويلاپمۇ كۆرمىگەن ئىدۇق مەسچىتلەر تاقىلىپ بىز نامازلىرىمىزنى ئوقۇيالمايدىغىنىمىزنى. ئادەتتە بىز رامزان ئېيىدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز، قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرگە ئىپتارلىقلارنى ئۇيۇشتۇراتتۇق، بىرلىكتە نامازلىرىمىزنى ئۆتىگەن ئىدۇق، شۇنچە كۆپ ئادەم ھېيت نامىزىغا قاتنىشاتتى. ئەمەلىيەتتە مەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ۋەزىيەتنى بىلىمەن، مەن تۈركىيەگە كەلگەندە تۈرك تىلىنى ئۇيغۇر دوستلىرىم بىلەن بىرلىكتە ئۆگەنگەن ئىدىم، ئۇلار ماڭا ھەممىسىنى ئاڭلاتقانىدى. مەن شۇ چاغدا ھەيران بولغانىدىم، ئەمدى بولسا 2020-يىلى بىز ئۆزىمىز بۇنىڭغا ئۇچرىدۇق، بۇنى ئۆز بېشىمىزدىن كەچۈرۈۋاتىمىز. بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كەلدۇق. بۇ ھەقىقەتتىن ئەڭ ناچار ئەھۋال، لېكىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلىرىمىز كۆپ يىللاردىن بۇيان بۇ ئەھۋالغا دۇچ كەلمەكتە. بىز لاگېرلاردىكى، زۇلۇم ئاستىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئەڭ چوڭقۇر تەزىيەمىزنى بىلدۈرىمىز، شۇنداقلا بىز ھىندونېزىيە جامائىتى ھەر دائىم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز ۋە ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز».

بۇ يىل پۈتۈن قىرغىزىستان بويىچە كوللېكتىپ ھېيت نامىزى ئوقۇش چەكلەنگەن بولۇپ، كارانتىن يەنىلا داۋاملاشماقتا. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىمۇ ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش چارىلىرىنى قوللىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ پەرمانلىرى بويىچە ئىش كۆرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت