قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى جۇمھۇرىيەتلىك مەشرەپتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى

0:00 / 0:00

يېقىنقى كۈنلەردە ئۇيغۇر دىيارىدا، بولۇپمۇ غۇلجا شەھىرىدە 40 كۈندىن ئوشۇق داۋام قىلىۋاتقان كوۋىد چەكلىمىسىگە مۇناسىۋەتلىك قامال قىلىش تۈپەيلىدىن ئاھالىلەرنىڭ ئاچارچىلىقتا قالغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى جۇمھۇرىيەتلىك مەشرەپ ئۇيۇشتۇرۇپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى تونۇشتۇردى.

9-سېنتەبىر كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىدىكى «نوۋوپوروۋكا» جامائىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا جۇمھۇرىيەتلىك مەشرەپ ئۆتكۈزۈلدى. ئادەتتە قىرغىزىستاندىكى مەشرەپ تەرتىپى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە داۋام قىلىدۇ. لېكىن بۇ قېتىملىق مەشرەپ تەرتىپى بىرئاز ئۆزگەرتىلگەن شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف «مەشرەپ قائىدىلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك» دەپ ئەسكەرتتى.

مەشرەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى كوللېكتىپ كۆڭۈل ئېچىش ۋە مەدەنىيەت پائالىيىتىدۇر. ئادەتتە ئۇيغۇرلار مەشرەپتىن ئىبارەت ئاممىۋى سورۇن ئارقىلىق ياش ئەۋلادلارنى روھىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيەلەيدۇ، ئۇلارغا جامائەت قائىدە-يوسۇنلىرىنى ئۆگىتىدۇ. مەشرەپ يەنە مىللىي ئەنئەنىلەرنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى مەشرەپتىن پايدىلىنىپ جامائەتكە ئىلى ۋىلايىتىدىكى ۋەزىيىتىنى تەپسىلىي ئاڭلىتىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئازاب چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىغا ھېسداشلىق قىلىشقا چاقىردى. مەزكۇر مەشرەپكە قاتناشقان نوۋوپوكروۋا جامائىتىنىڭ ئەزاسى ئىسمائىل ئەنساروف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ مەشرەپتە غۇلجا شەھىرىدە داۋام قىلىۋاتقان ئاچارچىلىق توغرىسىدا مەلۇماتلار سۇنۇلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئىسمائىل ئەنسەروف يەنە «مەشرەپ پەقەتلا ئويۇن-تاماشا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا تەلىم-تەربىيەنى كۈچەيتىدىغان، ئەخلاقىي بىر يىغىن» دەپ تەكىتلىدى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كورونا ۋىرۇسىغا قارشى كارانتىن تەدبىرى باھانىسى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاھالىلەرنى ئۆيلىرىگە قاماپ، ئۇلارنى ئاچارچىلىق كرىزىسىغا دۇچار قىلىۋاتقانلىقى، بەزى كىشىلەرنىڭ ئاچارچىلىق ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆلگەنلىكىگە ئائىت خەۋەرلەر ئىزچىل ھالدا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقالماقتا. بۇ خەۋەرلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر قايغۇغا چۈشۈرمەكتە. شۇ قايغۇلۇق بىر پەيتتە مەشرەپ ئويناش تۈپتىن خاتا دېگەن پىكىرلەر قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان. لېكىن، بۇ قاراشلارغا قارىماي ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپ مەزمۇن جەھەتتىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنى ۋە نۆۋەتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ئاڭلىتىش، چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن. لېكىن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروف بۇ ھەقتە ئۆز پىكىرلىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ، جۇمھۇرىيەتلىك مەشرەپ شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىنى ئۈمىدسىز قالدۇرۇشى ئېھتىماللىقى بارلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

مەلۇمكى 1997-يىلى غۇلجا شەھىرىدە «ئىلى مەشرىپىنى» ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مەشرەپ تەشكىللىگەن ياشلار جازالاشقا ۋە ئۇلارنىڭ مەشرەپ پائالىيەتلىرى چەكلەشكە ئۇچرىغانىدى. 1997-يىلىدىكى 5-فېۋرال نامايىشى باستۇرۇلۇش بىلەن بىرگە مەشرەپ تەشكىللىگۈچى ياشلاردىن ئابدۇخېلىل مېجىت قاتارلىقلار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. شۇ تارىخىي ۋەقەلەرگە ئاساسلىنىپ قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئىجرائىيە كومىتېتى ۋە ئاقساقاللار كومىتېتى مەسلىھەتلىشىپ، مەشرەپ ئۆتكۈزۈشنى داۋام قىلىشنى قارار قىلغانىدى.