قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

0:00 / 0:00

24-نويابىر كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ 30-يىللىق خاتىرىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىم بىشكەك شەھىرىنىڭ «ئوپېرا ۋە بالېت» تىياتىرىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. مەزكۇر مۇراسىمغا قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي كېڭىشىنىڭ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى، پرېزىدېنت ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرى، قىرغىزىستان خەلق كېڭىشىنىڭ رەئىسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەركەزلىرىنىڭ رەئىسلىرى، ئۆلىمالار، قىرغىزىستاننىڭ بەش ۋىلايەت ۋەكىللىرى، شۇنداقلا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە رۇسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ، جەمئىي 800 دىن ئوشۇق كىشى قاتناشتى.

1989-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىتىدە دېموكراتىيەنىڭ شامىلى ئىجابىي تەرەپكە يۈزلەنگەن پەيتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىنى قوشىدىغان بىر مىللىي مەركەزنى قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسىنى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مۇزەپپەرخان قۇربانوف قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويغانىدى. نەتىجىدە، 1989-يىلى، 17-دېكابىر، «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ تەسىس قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. 30-يىل جەريانىدا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئۆزىگە لايىق ئىش-چارىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتىنى ۋە تارىخىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تىرىشىپ كەلمەكتە، شۇ جۈملىدىن «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى.

تەنتەنىلىك مۇراسىم قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ مارشى بىلەن رەسمىي ئېچىلىپ، قىرغىز، ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئالدى بىلەن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف جامائەتكە ئىللىق سالام يوللاپ، قاتناشقۇچىلارغا ئۆز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

مۇراسىم داۋامىدا ئۇيغۇر خەلقى ۋە شەخسەن «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى توغرىسىدا نۇرغۇن نۇتۇقلار سۆزلەندى. قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بەكىروف نۇرلان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى.

«قىرغىزىستاننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئىقتىساد، سالامەتلىك ۋە يەنە باشقا ساھەلەردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلمەكتە. فاشىستلارغا قارشى ئۇرۇشتا، ۋە باشقا ئېغىر كۈنلەردىمۇ ئۇيغۇر خەلقى قىرغىز خەلقى بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ مەخسۇس تۆھپىلىرىنى قوشۇپ كەلگەنىدى. ئۇلارنىڭ قاتارىدا ئىبوخان سايپوۋا تراكتورىست خانىم، سوتسىيالىستىك ئەمگەك قەھرىمانى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلىكى، بۇنىڭ يارقىن بىر ئىپادىسى» دېدى.

قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى پەرھات تۇلەندىبايېف ئۆز نۇتىقىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنى ئىتتىپاقلىققا چاقىردى ۋە ئۆزىنىڭ قىرغىز جۇمھۇرىيىتىگە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يارىتىلىپ بەرگەن شارائىتلار ئۈچۈن رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستان خەلق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەركېبايېف ئابدۇغېنى ئۆز نۇتىقىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ راۋجلاندۇرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن سۆيۈڭەنلىكىنى تەكىتلەپ، دىپلوماتىك ھالدا، ئۇيغۇر دىيارىدا قىينىلىۋاتقان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئېچىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى.

«مەن چىن قەلبىمدىن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنى 30-يىللىق تەۋەللۇدى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەيمەن. تارىخىي ۋەقەلەرگە قارىغاندا قىرغىز ۋە ئۇيغۇر خەلقلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتتە ياشاپ كەلمەكتە. بۈگۈن مەن بەك خوشالمەنكى مۇستەقىل قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز، باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرگە، ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ راۋاژلاندۇرۇپ كەلمەكتە، لېكىن بەزى دۆلەتلەردە، بىز ھەممىمىز بىلىمىز، قېرىنداشلىرىمىز ئېغىر كۈلپەتلەرگە ئۇچراپ كەلمەكتە.» دېدى

شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، ھەر بىر نۇتۇق سۆزلىگۈچىگە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر دوپپىسى تەقدىم قىلىندى.

مۇراسىم داۋامىدا يەنە رۇسىيە، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ۋەكىللىرى نۇتۇقلارنى سۆزلەپ سوۋغاتلارنى تاپشۇردى. قازاقىستاندا نەشر قىلىنىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئىرشات ئەسمەتوف ئۆز نۇتقىدا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى بىلەن 30 يىل جەريانىدا دوستلۇق ئالاقىدە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ئۆملۈك ۋە ئىتتىپاقلىقتا تېخىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىرشات ئەسمەتوف، 1989-يىلى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىمۇ سۆيۈندۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، شەخسەن ئۆزى بىر نەچچە ئىش-چارىلەرگە قاتناشقانلىقىنى ئېيتىپ، «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى، مەرھۇم نىغمەت بوساقوفنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئىرشات ئەپەندى يەنە، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ھەر ساھەلەردە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلەپ، لېكىن ئانا-تىل جەھەتتىن چوڭ قىيىنچىلىقلارنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالدى. . . .

مۇراسىم داۋامىدا يەنە «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقى ئۈچۈن ۋاپات بولغان نىغمەت بوساقوف ۋە ئىرشات ئەبباسوفلارنى «ئىتتىپاق» ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلىدى شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ تەشەببۇسكارى مۇزەپپەرخان قۇربانوف ۋە باش كاتىپى ئەكبەرجان باۇدۇنوف، ۋە سابىق رەئىسلەر روزىمۇھەممەد ئابدۇلباقى، دىلمۇرات ئەكباروف ۋە ئارتىق ھاژىيېفلارمۇ «ئىتتىپاق» ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلاندى.

«ئىتتىپاق» جەمئىيىتى تەشكىل قىلىنغاندىن كېيىن ئاياللارمۇ ئاكتىپلىق بىلەن ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، مىللەت ئۈچۈن ئۆز تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلمەكتە. «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ بىرىنچى «ئاياللار كومىتېتىنىڭ» ئەزاسى، ھازىرقى مەزگىلدە «قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىك» ئىنىڭ رەئىسى چەشمەم مۇختاروۋا، رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز ئەسلىمىلىرىنى بىر پارچىسىنى ئېيتىپ، ۋە بەزى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر مۇراسىم ئۈچ سائەتتىن ئوشۇق داۋام قىلدى. «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ياشلار كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان كونسېرت كۆرسىتىلدى. «ئىنتىزار» مىللىي ساز ئانسامبىلى، «يۇلتۇز» ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇل ئانسامبىللىرى ئۆز نومۇرلىرىنى تەقدىم قىلىشتى، شۇنداقلا قازاقىستاندىكى قۇددۇس غوجامىياروف نامىدىكى ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ماھىرلىرىنىڭ «ياشلىق» ناخشا گۇرۇپپىسى ۋە «رۇخسارە» مىللىي ئۇسسۇل ئانسامبىلى سەنئەت نومۇرلارنى ئورۇنداپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرىغا ئېرىشتى.