قىرغىزىستان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا

0:00 / 0:00

قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلاردىن لايىھەلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىلزات كەرىموف ۋە رەپىقىسى سەنئەتكار زارىنا ئىبدىمىنوۋا «ئۇيغۇر مېرچ» يەنى ئۇيغۇر تېمىسىدىكى مايكىلارنى لايىھەلەپ چىققان. ئۇلار ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشقا، ياشلار ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا.

دىزاينېر، يەنى لايىھەلىگۈچى ئىلزات كەرىموف ئۇيغۇر تېمىسىدىكى 11 تۈرلۈك مايكىنى لايىھەلەپ چىقتى. شۇ مايكىلارنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغان ئۇيغۇر لەتىپىلىرى ۋە چاق-چاق سۆز- ئىبارىلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىگە خاس بولغان رەسىملەر تەسۋىرلەنگەن. رادىئومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلزات كەرىموف، بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مەسئۇلىيىتى ياشلارنىڭ ئۈستىدە دېدى.

ئىلزات كەرىموف 1994-يىلى بىشكەك شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى «پېتروۋكا» يېزىسىدا تۇغۇلۇپ بىشكەك شەھىرىدە بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئالغان. 2019 – يىلى ئىسپانىيە شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان «مانترا. نۇر» دېگەن لايىھەلىگۈچىلەر مۇسابىقىسىدە ئىلزات كەرىموف ئۆزىنىڭ «كران» چىرىغى لايىھەسى بىلەن 1-ئورۇنغا ئېرىشتى. « architime.ru» تور ئاخباراتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئىلزات كارىموفنىڭ «كران» دەپ ئاتالغان چىرىغى 55 دۆلەتتە ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن.

ئىلزات كارىموف بىلەن زارىنا ئىبدىمىنوۋالار لايىھەلەپ چىققان «ئۇيغۇر مېرچ» دەپ ئاتالغان مايكىلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، تور بەتلىرىدە تارقىتىلىپ ھەم قايىللىق ۋە بەزى تەنقىدلەرنى قوزغىدى. بىرقىسىم كىيىم لايىھەلىگۈچىلىرى ئۆز تەكلىپلىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ، مايكا ئەمەس بىر كۆڭلەك بولسا، يەنە باشقىلار رەسىم ئەمەس بەلكى بىر ئۇيغۇر مىللىي ئەندىزىسى بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى دېگەن پىكىرلىرىنى ئىزھار قىلغان.

ئىلزات كەرىموف ۋە زارىنا ئىبدىمىنوۋا لايىھەلىگەن گرافىك رەسىم.
ئىلزات كەرىموف ۋە زارىنا ئىبدىمىنوۋا لايىھەلىگەن گرافىك رەسىم. (RFA/Feruze)

لايىھىلىگۈچى زارىنا ئىبدىمىنوۋانىڭ دېيىشىچە ئەڭ كۆپ تەنقىدلەر سۆزلەرنىڭ ئىملاسى مەسىلىسىدە بولغانىكەن. شۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇلار كىرىلچە يېزىقىنى تۈزىتىش ئۈچۈن قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى زۇمرەت روزىيېۋاغا، لاتىن يېزىقىنى تۈزىتىش ئۈچۈن قازاقىستاندىكى ئالىملارغا مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى. مايكىلاردىكى ئىپادىلەر ئۇيغۇر تىلىدا كىرىل ۋە لاتىن ھەرپلىرىدە يېزىلغان. زىيارىتىمىزى قوبۇل قىلغان زارىنا خانىم، «مىللىتىم ئۈچۈن نېمە قىلدىم؟» دېگەن سوئالنى ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆز ئالدىغا قويۇش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەركىن زۇنۇن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شۇ مايكىلارنى ياشلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشىدىكى بىر تۆھپە دەپ تەكىتلەپ، ئۇلارغا ئۇتۇق تىلىدى.

قىرغىزىستان ياشلىرى مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، 2013-يىلى «ياشلىق ئاۋازى» گۇرۇپپىسىنى تەشكىللىگەن. ئۇلار 10-يىلدەك ئۇيغۇر ياشلىرىدىن يېتىشىپ چىققانلارغا مۇكاپات بېرىپ، تۈرلۈك تىل، بىلىم ۋە تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنى ئۇيۇشتۇرغانىدى. بۈگۈنكى كۈنلەردە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ياشلار كومىتېتىمۇ ئۇيغۇر مىللىي پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ مىللىي مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا. ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنى تەرغىب قىلىش بۇلارنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنىڭ بىرىدۇر.

سەنئەتكار زارىنا ئىبدىمىنوۋا
سەنئەتكار زارىنا ئىبدىمىنوۋا (RFA/Feruze)