قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر تىلى مۇئەللىملىرىنى تەربىيەلەش دەرسى باشلاندى

بىشكەكتىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە تەييارلىدى
2023.09.27
qirghizistan-oqutquchi قىرغىزىستاندىكى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى تەربىيەلەش كۇرسى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەۋاتقان كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 23-سېنتەبىر، بىشكەك
RFA/Feruze

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ تەشەببۇسى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەردىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى كۇرسلىرى ئېچىلماقتا. ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى تەربىيەلەش كۇرسى تەشكىللەپ ئوقۇتقۇچىلارغا ھەم «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئىدارىسىدە ھەم تور ئارقىلىق دەرس ئۇيۇشتۇرماقتا.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف دەرس سۆزلەۋاتىدۇ.، 2023-يىلى 23-سېنتەبىر، بىشكەك
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف دەرس سۆزلەۋاتىدۇ.، 2023-يىلى 23-سېنتەبىر، بىشكەك
RFA/Feruze

1989-يىلى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەسىلىسى ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇشىدۇر. شۇ ساھەدە «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى تەرىپىدىن بىر نەچچە تەدبىر ئېلىنغان: 1994-يىلدىن بۇيان تا بۈگۈنگىچە «ئىتتىپاق» گېزىتى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىدۇ، تۈرلۈك تىل مۇسابىقىلىرى ۋە باشقا تەنتەنىلەر ئۇيۇشتۇرۇلماقتا. ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەردىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرى داۋام قىلغان، لېكىن ئۇ سىنىپلار 2010-يىلى نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن تاقالغان. 1994-يىلى مەرھۇم پروفېسسور ئىسرائىل ئىبراھىموفنىڭ تەشەببۇسىدا قىرغىزىستان مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر فىلولوگىيەسى بۆلۈمى ئېچىلغان، ئەپسۇسكى 2005-يىل ئوقۇغۇچىلار كەمچىل بولغاچقا بۆلۈم تاقىلىشقا مەجبۇر بولدى.

2023-يىلى 12 مارت قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە تۇرسۇنتاي سەلىموف سايلاندى. شۇ پەيتتىن تارتىپ تۇرسۇنتاي سەلىموف ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى تۇرسۇن نازاروف ۋە سەپداشلىرى قىرغىزىستان قانۇنلىرىغا ئاساسلىنىپ قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىغا مۇراجىئەتنامىلەرنى يوللاپ، كۆپلىگەن ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئېسىل ئىرادىسىگە ئېرىشكەن. رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۇرسۇن نازاروف مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئورتاق كېلىشىملەر تۈزۈلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەردىكى 15 مەكتەپتە ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرى ئېچىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف ئۇيغۇر تىلى دەرس پىلانلىرىنى مۇلاھىزە قىلىۋاتىدۇ، 2023-يىلى 23-سېنتەبىر، بىشكەك
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف ئۇيغۇر تىلى دەرس پىلانلىرىنى مۇلاھىزە قىلىۋاتىدۇ، 2023-يىلى 23-سېنتەبىر، بىشكەك
RFA/Feruze

تەربىيەلەش پائالىيىتى داۋامىدا تۇرسۇنتاي سالىموف نۇتۇق سۆزلەپ مۇئەللىملەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىدىن پەخىرلىنىپ، بالىلارغا پەقەتلا ئۇيغۇر تىلى ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، سەنئىتى ۋە ئەنئەنىلىرى ئۆگىتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسلىرى ھەر شەنبە «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئىدارىسىدە داۋام قىلىدىكەن. باشقا كۈنلىرى مۇئەللىملەر تور ئارقىلىق بىلىم ئالىدىكەن. دەرس پىلانى ۋە پروگراممىسى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف تەرىپىدىن يېزىلىپ، مۇئەللىملەرنى تەربىيەلەش كۇرسلىرىغىمۇ ئەكبەرجان ئەپەندى يېتەكچىلىك قىلماقتا. مەزكۇر دەرسلەرگە قاتناشقان بېلوۋودسك يېزىسىدىكى مۇئەللىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تۇيغۇلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئاياللار كومىتېتى رەئىسى پەرىدە نىزامىدىنوۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن بۇ كۇرسلار ئالاھىدە مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارغا باللىرىنى ئۇيغۇر سىنىپلىرىغا بېرىشنى تەۋسىيە قىلدى.

ئوقۇتقۇچىلار دەرس پىلانلىرىنى مۇلاھىزە قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 23-سېنتەبىر، بىشكەك
ئوقۇتقۇچىلار دەرس پىلانلىرىنى مۇلاھىزە قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 23-سېنتەبىر، بىشكەك
RFA/Feruze

قىرغىزىستاننىڭ رەسمىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شۇ دۆلەتتە 60 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى 1959-1963 يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار يەنە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبى ۋىلايەتلىرى ۋە ئىسسىق كۆلدىكى قاراقول شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ تىل، مەدەنىيەت سەنئەت ۋە تارىخىنى ساقلاپ كېلەچەك ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بۇ ساھەدە نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.