قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن تور ئارقلىق كۆرۈشتى ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى خاتىرلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2021-11-22
Share
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن تور ئارقلىق كۆرۈشتى ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى خاتىرلىدى 2021-يىلى 21-نويابىر كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش چوڭ يىغىنى ئېچىلدى.
RFA/Feruza

21-نويابىر كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش چوڭ يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قىرغىزىستاندىن تور ئارقىلىق قاتناشقان ۋەكىللەر، بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدىكى يېزا-قىشلاقلاردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

2021-SHT-jumhuriyet-bayrimi-qirghizistan.jpeg

مەزكۇر يىغىن ئۈچ مۇھىم كۈنتەرتىپتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن سىن ئارقىلىق ئۇچرىشىش، د ئۇ ق 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە يەتكۈزۈش ۋە ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى بايرىمىنى خاتىرلەشتىن ئىبارەت.

مەزكۇر يىغىن روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېف ۋە ئەكبارجان باۋۇدۇنوفلارنىڭ رىياسەتچىلىكلىرىدە ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىن ئالدى بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مارشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى، ئاندىن ئەركىنلىك يولىدا ۋاپات بولغانلارغا ئاتاپ خەتمە-قۇرئان قىلىندى.

يىغىن داۋامىدا سىنلىق ئېكران ئارقىلىق د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئېلىپ بېرىلدى. د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا، ئەركىن ئەكرەم، زۇبەيرە شەمسىدىن، پەرھات مۇھەممىدى، ئۆمەر قانات، تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، سەمەت ئابلا قاتارلىق كىشىلەر نەق مەيداندىكىلەرگە ئۆز سالاملىرىنى يولىدى. ئاندىن د ئۇ ق نىڭ يېقىنقى پائالىيەتلىرى ۋە 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ نەتىجىلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆز سۆزىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي داۋا ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىغا يوقۇرى باھا بەردى. قىرغىزىستاندا نەشىر قىلىنىدىغان «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ د ئۇ ق نىڭ پائالىيەتلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان بىر مەتبۇئات ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن د ئۇ ق نىڭ پائالىيەتلىرىگە تولۇق قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىرى يار بەرگەن دائىرىدە تۈرلۈك سىنلىق ئۇچرىشىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. بىرنىچى قېتىملىق سىنلىق ئۇچرىشىشتا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى مەركىزىي كېڭەشنىڭ 30 ئەزاسى قاتناشقان بولسا، بۇ قېتىم 300 دىن ئوشۇق كىشى دۇق رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سىنلىق كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

Ittipaq-jemiyiti-reisi-Askar-Qasimi-20211121.jpeg

مەزكۇر يىغىن داۋامىدا يەنە تارىختىكى ئىككى جۇمھۇرىيەت بايرىمى خاتىرلەندى. رىياسەتچى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدە مەخسۇس بىر دوكلاد بەردى. ئىختىيارىي سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان نوۋوپوكروۋكا مەھەللىسىنىڭ يىگىت بېشى غەيرەت جاھانوف 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىنى ئەسلەپ، ئۆز تەسىراتلىرىنى يىغىن ئەھلى بىلەن ئورتاقلاشتى.

مەزكۇر يىغىنغا سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ئابلىمىت بەكرى ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن سىنلىق كۆرۈشكەنلىگىدىن تولىمۇ ھاياجانلانغانلىغىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۈمىدلىرىنى ئىزھار قىلدى.

Ablimit-Bakri-sozde-20211121.jpeg

بۈگۈنكى كۈندە قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا 1940-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قاتناشقان سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىدىن پەقەتلا ئابلىمىت بەكرى ئەپەندى ھايات ياشىماقتا. «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىمى ئۇيغۇر جامائىتى نامىدىن سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ئابلىمىت بەكرىگە ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە ئۇيغۇر تونى سوۋغات قىلدى.

نوۋوپوكروۋكا مەھەللىسى ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەسىيام خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قىرغىزىستاندىن بۇ قېتىملىق د ئۇ ق نىڭ قۇرۇلتىيىغا تور ئارقىلىق قاتناشقان ۋەكىللەرگە ئۆز تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئاياللار كېڭىشىنىڭ نامىدىن سوۋغاتلار تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرگە ۋە ھەر خىل يىغىن-مۇراسىملىرىغا كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ كېلىپ قاتنىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرىگە، جۈملىدىن تارىخىي ۋەتىنى — شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەتكە يېقىندىن دىققەت قىلماقتا.

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن دېگۈدەك پايتەخت بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-شەھەرلەرگە ماكانلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى 1955-1962-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادلىرىدۇر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت