سەئۇدى ئەرەبىستان 16 خىتاي ئىشچىسىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقاردى

سەئۇدى ئەرەبىستان 16 خىتاي ئىشچىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىشچىلار سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەككە شەھىرىدە پويىز رېلىسى ياساۋاتقان ئىشچىلار بولۇپ، ئۇلار مائاشىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ نامايىش قىلغان ۋە بىر قىسىم ئاپتوموبىللارنى زەخمىگە ئۇچراتقان. سەئۇدى دائىرىلىرى ئۇلارنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تۆمۈريول شىركىتى نەچچە يۈز ئىشچىنى مەككە بىلەن ئارافات ۋە مۇزدالىفاھ ئارىسىدا قاتنايدىغان تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا ئىشلەش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېلىپ كەلگەن. ئەمما بۇ ئىشچىلار مائاشنىڭ ئازلىقى، پۇلىنى ۋاقتىدا ئالالمايۋاتقانلىقى ۋە ھاۋانىڭ زىيادە ئىسسىقلىقىدىن شىكايەت قىلغان. نەتىجىدە بىر قىسىم ئىشچىلار نامايىش قىلىپ، قالايمىقانچىلىق چىقارغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى 2009 - يىلى ئىمزالانغان بولۇپ، كېلىشىم بويىچە تۆمۈريول قۇرۇلۇشى بۇ يىللىق ھەج مەزگىلىدىن ئىلگىرى تاماملىنىپ بولۇشى كېرەك ئىكەن.