قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى تارقاتقان «پەرۋاز» تورىدا ئابدۇرېيىم ئەخمەدىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېكستان جۇمھۇرىيىتىدە ئاۋازغا ئالغان بىر يۈرۈش ناخشىلىرى تارقىتىلغان.
مەزكۇر تور بەتكە ئابدۇرېيىم ئەخمەدىنىڭ «يارۇ»،. «زۆھرە جانىم» قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق ناخشىسى قويۇلغان.
ئابدۇرېيىم ئەخمەدىنىڭ بۇ ناخشىلىرى تېزدىن ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى تور بەتلەردىمۇ كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغۇچىلار ئۇنىڭغا يۈكسەك باھا بەرگەن.
ئابدۇرېيىم ئەخمەدى 1927 - يىلى،قشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1950 - يىللاردا ئۈرۈمچىدە ناخشا - ئۇسۇل ئانسامبىلىدا ئىشلىگەن ھەمدە بۇ جەرياندا بىر قانچە قېتىم خەلقئارالىق فېستىۋاللارغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. 1961 - يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر ئانسامبىلىدا ئىشلىگەن ۋە «ئۆزبېكىستان خەلق ئارتىسى» دېگەن يۈكسەك نامغا ئېرىشكەن.
ئابدۇرېيىم ئەھمىدىنىڭ تالانتى سوۋېت ئىتتىپاقىدا تېخىمۇ جارى قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا يۈكسەك ھۆرمەت بىلدۈرۈلگەن، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز ساندىكى جۇمھۇرىيەتلىك خەلق ئارتىستلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئابدۇرېيىم ئەخمەدى 1999 - يىلى ۋاپات بولغان.