ئۆزبېك مىللىتىدىن بولغان ئافغان پارلامېنت ئەزاسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى

ئافغانىستاندا شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمدا ئۆزبېك مىللىتىدىن بولغان ئافغان پارلامېنت ئەزاسى ئەخمەتخان سەمەنگانى قاتارلىق 23 ئادەم قازا قىلغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.07.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


ئەخمەتخان سەمەنگانى، سابىق مۇجاھىدىن كوماندىرى ۋە ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى ئۆزبېك گېنېرال ۋە ئافغانىستاندىكى ئەڭ تەسىرلىك سىياسىيونلاردىن بىرى دوستۇمنىڭ رىقابەتچىسى ئىكەن.

ھۇجۇم ئەخمەتخان سەمەنگان ئۆلكىسىدە قىزىنىڭ تويىنى قىلىۋاتقاندا يۈز بەرگەن.

ئافغان پرېزىدېنتى ھامىد كارزائىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدا 23 ئادەم قازا قىلغان ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 ئادەم يارىلانغان.

ھالبۇكى، بۇ ھۇجۇمنى قايسى تەرەپنىڭ قوزغىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ھەتتا تالىبان دائىرىلىرىمۇ ھۇجۇمدا ئۆزىنىڭ قولى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ئەخمەتخان سەمەنگانى 1980 - يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇرۇشتىكى مۇجاھىد پارتىزانلار ئەترىتىگە كوماندىرلىق قىلغان بولۇپ، ئۇ 2010 - يىلى ئافغانىستان پارلامېنتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.