ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزمەكچى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.07.16
2010.07.16
باياناتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى شارائىتنى ياخشىلاشقا ۋەدە قىلىپ، رايوننىڭ پارتىيە سېكرىتارىنى ئالماشتۇرغانلىقى تەكىتلەنگەن ھەمدە يىغىننىڭ مۇددىئاسى، يېڭى تەرەققىيات پىلانى شىنجاڭنىڭ كېلەچىكىگە قانداق تۈس بېرىدۇ ؟ ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاپ - ئوقۇبەتلىرىگە ھەقىقىي چارە - تەدبىر تاپامدۇ؟ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇر كونترولى بىزنىڭ رايوندىكى ۋەقەلەرنى چۈشىنىشىمىزگە قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ دېگەن مەسىلىلەرگە جاۋاب تېپىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" دە 200 گە يېقىن ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى، 5 - چىسلا كېچىسى نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ۋە ئۆلگەن ئادەم سانىغا نىسبەتەن چوڭقۇر گۇمانى بار بولۇپ، ئۇلار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى.