ئامېرىكا خىتاي تور بۇزارلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا كەسكىن تەدبىر قوللىنىدۇ
2013.02.01
«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» ۋە «ۋال سترىت ژۇرنال گېزىتى» نىڭ پەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىككى گېزىتنىڭ تورى خىتاي تور بۇزارلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» يېقىندا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئائىلىسىنىڭ 2 مىليارد 700 مىليون دوللارلىق مال-مۈلكى بارلىقىنى خەۋەر قىلغان. «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» خىتاي تور ھۇجۇمىنىڭ ھەربىي تەرەپ بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى سابىق ئامېرىكا ئەمەلدارى ھۆكۈمەتنىڭ ئىستىخبارات دوكلاتى تەييارلاۋاتقانلىقى، دوكلاتتا خىتاينىڭ تور ھۇجۇمى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم مۇخبىرلارنى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،: خىتاي بىزنىڭ تورلىرىمىزنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىردىن-بىر دۆلەر بولسىمۇ، بىراق بىز خىتايغا شۇنى ئېنىق ئېيتىپ قويۇشىمىز كېرەك. ئامېرىكا تەدبىر قوللىنىپ، ھۆكۈمەت تورلىرىنى قوغداپ قالماي، خۇسۇسى كارخانىلارنىمۇ بۇ خىل قانۇنسىز قىلمىشلاردىن قوغدايدۇ دېگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق كەسكىن تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىندا تور مۇداپىئە قىسىملىرىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى تور ھۇجۇمىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ تورىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ھەربىي تەرەپنىڭ قولى بارلىقىنى «ئاساسسىز» دەپ رەت قىلغان.