ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتايغا پۇل قىممىتى مەسىلىسىدە جازا قوللىنىدىغان قانۇن لايىھىسى ماقۇللىدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتايغا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىدىغان قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىدى. قانۇن لايىھىسى پرېزىدېنت ئوباما تەرىپىدىن ئىمزالانغاندىن كېيىن، رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن. قانۇن يولغا قويۇلغان تەقدىردە ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنغان خىتاي ماللىرىغا جازا خاراكتېرلىك چېگرا بېجى قويۇلىدىكەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى قەستەن تۆۋەن تۇتۇش ئارقىلىق ئادالەتسىز سودا مۇھىتى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ئۆز سانائىتىنى قوغداش ئۈچۈن بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىغان.

خىتاي خەلق پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنىڭ تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى، ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئەگەر مەزكۇر قانۇن يولغا قويۇلسا ، بۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.