ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى باھادىر نامازوف ئەركىن ياۋرۇپا رادىئوسىغا ئۆزىنىڭ ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتىپ : مەن تېخى ھازىرلا 5 نەپەر كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدىم. مەن تۈنۈگۈن ئاخشامدىن باشلاپ ئۆيدە نەزەربەنتكە ئېلىندىم. ساقچىلار مېنى ھەممە يەردە تەقىپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ماڭا تەھدىت قىلىپ ئۆيۈمدىن ھېچيەرگە ئايرىلماسلىقىمنى، ئەكسىچە بولغاندا ھەپىسكە ئېلىنىدىغانلىقىمنى بىلدۈردى، دېگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بىر قىسىم ئۆزبېك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئوخشىمايدىغان تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدە ھەپىسكە ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئەنجان ۋەقەسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن نامايىش ئۇيۇشتۇرماقچى بولغاندا قولغا ئېلىنغان ئىكەن.
ئەنجان ۋەقەسى ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسىغا جايلاشقان ئەندىجان شەھىرىدە 23 تىجارەتچىنىڭ "ئەكرەمىلەر" ناملىق بىر تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى دەپ قارىلىنىپ قولغا ئېلىنىشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، 2005 - يىلى 12 - 13 ماي كۈنلىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرمەكچى بولغان نامايىشچى خەلق ھۆكۈمەت كۈچلىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغان ۋە نەتىجىدە 700 دەك كىشىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن قانلىق باستۇرۇلغان ئىدى. ۋەقەنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشى غەرب ئەللىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.