شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئىلىنىڭ كۈنەس، تېكەس، توققۇزتارا، موڭغۇلكۈرە قاتارلىق ناھىيىلىرىدىكى «گېئولوگىيىلىك ئاپەت» يۈز بېرىش يوشۇرۇن خەۋپىگە ئىگە 739 ئورۇن تەكشۈرۈلۈپ چىقىپ تەدبىر ئېلىنغانلىقى، 761 ئائىلىنىڭ كۆچۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بىراق، ئارالتۆپە تۆمۈر كېنىدا 31-ئىيۇل ۋەقە يۈز بېرىپ، تاغ ئاستىدا قالغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئۆتكەن ھەپتە يامغۇر سەۋەبىدىن توختاپ قالغاندىن بۇيان، يەكشەنبە كۈنىگە قەدەر ئەسلىگە كەلمىگەن. دائىرىلەر ئۆتكەن جۈمە كۈنى تاغ ئاستىدا قالغان 28 كىشىدىن 21 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان بولسىمۇ، بىراق قالغان 7 كىشىنى ئىزدەپ تېپىش خىزمىتى يۆل يېغىن سەۋەبلىك توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مەزكۇر ۋەقە ئۇيغۇر تەنقىدچىلەر ۋە مۇھىتنى قوغدىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. ئۇلار دائىرىلەرنىڭ ۋەقەنى «گېئولوگىيىلىك ئاپەت» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭغا تەبىئىي ئاپەت تۈسى بېرىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق مەسئۇلىيەتتىن قاچقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 31-ئىيۇل تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى، كۈنەس قاتارلىق گېئولوگىيىلىك يەر قاتلىمى يۇمشاق جايلاردا كان ئېچىپ، يەرنىڭ گېئولوگىيىلىك قۇرۇلمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان شىركەت ۋە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان «سۈنئىي ئاپەتتۇر.»