ئارمان شىركىتىنىڭ بەزى دۇكانلىرىنىڭ كۆلىمىنىڭ تارىيىشى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

رادىئومىزغا ئىنكاس قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان ئارمان شىركىتىنىڭ بىر قىسىم سودا دۇكانلىرىنىڭ كۆلىمى ئەسلىدىكىدىن تارىيىپ، دۇكاندا سېتىلىۋاتقان يېمەكلىك تۈرلىرىنىڭ ئازىيىشى، ئارمان شىركىتىنىڭ دۇكانلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقارتىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللار ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.02.05

ئارمان شىركىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى رايونىدىكى سودا دۇكىنىنىڭ ئەسلىدىكى كۆلىمىنىڭ 10 دىن بىرىگە توغرا كېلىدىغان جايدا سودا قىلىۋاتقانلىقىنى، دۇكاننىڭ زور كۆلەمدىكى قالغان قىسمىدا مارى پىرائون نامىدىكى تېز تاماقخانىنىڭ يېمەكلىرى سېتىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان بىرەيلەن، يېقىندىن بۇيان ئارمان شىركىتىنىڭ غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى بىر قىسىم دۇكانلىرىنىڭمۇ كۆلىمىنىڭ ئەسلىدىكىدىن تارايتىلىپ، دۇكاندا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر خىزمەتچىلەرنىڭ قىسقارتىلىشىدەك ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ئارمان شىركىتىنىڭ بىر قىسىم پاي چەكلىرى خىتاي سودىگەرلىرى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەندەك تۈرلۈك قىياسلارغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارمان شىركىتى ئۇيغۇر كارخانىچى رادىل ئابلا تەرىپىدىن قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئەلا سۈپەتلىك مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلىرى بىلەن خەلقئارا بازارلارغىمۇ تونۇلۇپ تېزلىكتە روناق تاپقان. شىركەتتە ئىشلەنگەن مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ماختىلىپلا قالماستىن، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خېرىدارلار ئارىسىدىمۇ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن ئىدى.، خىتايدىكى ئىشەنچلىك يېمەكلىكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.