ئوباما بېرما ھۆكۈمىتىنى دېموكراتىك ئىسلاھاتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋال ئېتنىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا چاقىردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما تۈنۈگۈن بېرمىنىڭ رانگون ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان سۆزىدە، بېرمىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىسلاھات قەدەملىرىگە ئاپىرىن ئوقۇش بىلەن بىرلىكتە، بېرمىنىڭ دېموكراتىيە سەپىرىدە يەنە بېسىشقا تېگىشلىك ئۇزۇن بىر مۇساپىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئوباما سۆزىدە دېموكراتىك ئىسلاھاتنى ئوڭۇشلۇق داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم بېرمىدىكى ئېتنىك مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما دەسلەپ تەختكە چىققان چېغىدىلا، دۇنيادىكى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنى زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان ۋە شۇ چاغدىلا ئامېرىكىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئوباما بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى ئەنە شۇ ۋەدىسىنىڭ ئىجراسى دەپ كۆرسەتكەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن بېرما بىلەن ھەر تۈرلۈك ھەمكارلىقنى كۈچەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئوباما سۆزىدە يەنە، رايوندىكى باشقا دېموكراتىك بولمىغان دۆلەتلەرنى، بېرمىدىن ئۈلگە ئېلىشقا چاقىرغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئوباما بېرما زىيارىتى داۋامىدا بېرما خەلقىنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئوبامانى قارشى ئالغىلى چىققان بەزى كىشىلەر «سىز دۇنيامىزنىڭ قەھرىمانى» دېيىلگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن.