تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى فۇ چياڭ سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي قانۇن تارماقلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە دىنىي رادىكال ئىدىيىلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىمۇ توختالغان.
خىتاي دائىرىلىرى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون مىقياسىدا ھەر ساھەلەر بويىچە يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى قاتتىق تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىدىكى كۆچمە نوپۇسلارنى تارقاقلاشتۇرۇش، كۆچمە نوپۇسلار يىغىلىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى چېقىش-تۈزلەش خىزمىتىنىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئىشلىمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنىدىمۇ كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇش مەسىلىسى مۇھىم مەسىلىلەر سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى كۆچمە نوپۇسلارنى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى تۇرغۇزۇش، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.
بۇندىن ئىلگىرى رادىئومىز ئىگىلىگەن ئىنكاسلاردىن خىتاي دائىرىلىرى يولغا قويۇۋاتقان كۆچمە نوپۇسلارنى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىغا ئېقىپ كەلگەن مىليونلارچە خىتاي كۆچمىنىنى باشقۇرۇش ئەمەس، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىن ئىش ئىزدەپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. جەنۇبتىن كېلىپ ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار بولسا 5- ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبكارلىرى سۈپىتىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاساسلىق زەربە نىشانى بولغان.