ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدە چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسىنىڭ 1989-يىلدىكى فاڭ لىجى ۋەقەسىگە ئوخشاش خىتاي ھەم ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مەسىلىگە ئايلىنىش ئېھتىمالى بولغاچقا، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئېھتىياتچان پوزىتسىيىدە بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقى 1-ماي كۈنىدىكى سانىدا «چېن گۇاڭچېڭنىڭ خىتايدا قېلىشى ياكى ئامېرىكىغا بېرىشى قارار بېرىش تەس بولغان مەسىلىگە ئايلاندى» سەرلەۋھىلىك بىر خەۋەرنى بەردى. خەۋەردە «خىتاي ھەم ئامېرىكا تەرەپ دىپلوماتلىرى چېن گۇاڭچېڭنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇندىن باشقا چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئۆزىمۇ داۋاملىق خىتايدا قېلىپ ياشاش ياكى ئامېرىكىغا كېتىش قارارىنى ئېلىشتا قىينىلىۋاتىدۇ» دېيىلدى.
چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىمۇ چېن گۇاڭچېڭنىڭ خىتايدا قېلىش ياكى ئامېرىكىغا كېلىش يولىنى تاللىشىغا قارىتا ئوخشىمىغان قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى. 89-يىلدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ئاكتىپلىرىدىن سەي لىن، چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتسا، چوقۇم ئامېرىكىغا كېلىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلسا، ئەينى يىللىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر ئاكتىپى ۋاڭ دەن چېن گۇاڭچېڭ خىتايدا قېلىش يولىنى تاللىۋالسا، ئەركىنلىك ھەم كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىدىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئامېرىكىدىكى پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جەنلى ئەپەندى، خىتايدىن ئايرىلىش قارارىغا كەلگەن ھەرقانداق بىر كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى ئۈچۈن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن، يۇرتىدىن ئايرىلىشنىڭ قارار بېرىش تەس بولغان قىيىن مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئاخىرقى قارارنى يەنىلا چېن گۇاڭچېننىڭ ئۆزىنىڭ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.