چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بېمار سانى بۈگۈن 1884 كە يەتتى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا، بۈگۈن دۇنيادا چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان بېمار سانى 1884 كە يەتتى. بۇنىڭدىن مېكىسكىدا ئۆلگەن ئادەم سانى 29، ئامېرىكىدا 2. چوشقا زۇكامى تارقالغان دۆلەت سانى 20 دىن ئاشتى.

ھازىر ئامېرىكىدا چوشقا زۇكامى بىلەن يۇقۇملىنىش بايقالغان شىتات سانى 40 تىن ئاشتى. چوشقا زۇكامىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھازىر مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەرىپىدىن 72 دۆلەتكە 2 مىليون 400 مىڭ كىشىلىك دورا ئەۋەتىلشكە باشلىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ چوشقا زۇكامىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن 5 مىليارد يۇەنلىك مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتتى ۋە بۇ پۇلنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، دەپ جاكارلىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، مېكىسكا شەھىرىدە قەھۋەخانىلار، مۇزىيىلار، كۈتۈپخانىلار، مەكتەپلەر قايتىدىن ئېچىلدى. مېكىسكىدا تۇرۇۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى ئالاھىدە داۋالاش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۆز دۆلىتىگە قايتىشقا باشلىدى. خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، ھازىر خىتايدا كارانتىن قىلىنغان ئامېرىكا ۋە كانادا پۇقرالىرىنىڭ ئەركىن يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىندى دەپ جاكارلىدى.