رويتېرس ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، دالاي لامانىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى كەلساڭ گيالتسەن ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشتا تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنى ئۆز تەلەپلىرىنى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئالدىغا قويغان بولسىمۇ، رەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ھەقتە توختالغان كەلساڭ گيالتسەن، " قالدى ئىش خىتاي تەرەپكە باغلىق" دېگەن ۋە دالاي لامانىڭمۇ ئۆتكەن نويابىردىكى خىتاي - تىبەت سۆھبىتىدىن كېيىن تېخى بىر قارارغا كەلمىگەنلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلغان.
گەرچە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىپ " مۆتىدىل يول" تۇتىدىغانلىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئالدىنقى ئايدا يەنە، ئەگەر دالاي لاما مۇستەقىللىق ئىدىيىسىدىن ۋاز كەچسىلا سۆھبەتلىشىشكە يول بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.