خىتاي ئەمەلدارلىرى بو شىلەي ۋەقەسىدىن كېيىنكى ۋەزىيەتتىن ئەندىشىلەنمەكتە

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بۈگۈن چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىق قاتارلىق خەلقئارا ئاخباراتلار، ۋېن جياباۋنىڭ بۇ قېتىمقى چاقىرىقىنىڭ ئوخشاش تېمىدىكى يىللاردىن بېرىقى چاقىرىقلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋېن جياباۋ چاقىرىقىدا، «بىز كومپارتىيىمىزگە ئەڭ چوڭ تەھدىتنىڭ چىرىكلىكتىن كېلىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك» دېگەن.

ئۇ بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن، ھاكىمىيەت قاتلىمىدا كۈچ تەقسىماتىغا ۋە خەلقنىڭ نازارىتىگە ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. خەلقئارا خەۋەرلەردە ۋېن جياباۋنىڭ بۇ چاقىرىقى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بو شىلەي ۋەقەسىدىن كېيىنكى ۋەزىيەتتىن ئەندىشىسى دەپ كۆرسىتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بو شىلەي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن، خىتاي ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىدا پارچىلىنىش كېلىپ چىققانلىقى ۋە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلىكى توغرىلىق ئۇچۇر ۋە مۇلاھىزىلەر كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ، نۆۋەتتىكى ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىدىن مەنپەئەتدار بولۇۋاتقان كىشىلەردە جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلغان.

شۇڭا نۆۋەتتە خىتاينىڭ بىر قىسىم ئۆلكە ۋە شەھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلىرى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بو شىلەي ھەققىدىكى قارارىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈشمەكتە.