بۇ كېلىشىم قەشقەرگە تېخىمۇ كۆپ چەتئەل مەبلىغى ۋە چەتئەلنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق، چېگرا ئاتلىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
ئەنگلىيە سابىق ۋەزىرى تونۇي بلەير نەق مەيدانغا سىنئالغۇ ئارقىلىق ئۇلىنىپ، كېلىشىمنى قارشى ئالغان. ئۇ، ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بۇ گۇرۇپپىنىڭ قەشقەرگە چەتئەل مەبلىغى ۋە تېخنىكىسىنىڭ كىرگۈزۈلۈشىدە رول ئوينايدىغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرى قەشقەرنى ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىش رايونى دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تىجارەت مەركىزى قىلىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا. كۆزەتكۈچىلەر ئەنگلىيىنىڭ سابىق ۋەزىرى باشچىلىقىدىكى بۇ گۇرۇپپىنىڭ قەشقەرنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنىڭ قەشقەرنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشىغا ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
تارىختىن مەلۇمكى، 19-ۋە 20-ئەسىرلەردە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى قەشقەر رايونىغا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. قەشقەردە ئۇزۇن يىللار ئەنگلىيىنىڭ كونسۇلخانىسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىدى.