خىتاي، يەنە بىر قېتىم 'ئەركىنلىك يوق دۆلەت' دەپ باھالاندى

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان "ئەركىنلىك ئۆيى" 13 - يانۋار تەيبېيدا خەلقئارادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەركىنلىك دەرىجىسى ھەققىدىكى 2009 - يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ خىتاينى" ئەركىنلىك يوق دۆلەت" دەپ كۆرسەتتى.

ئەركىنلىك ئۆيى، 1972 - يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ خىل دوكلاتلىرىدا،سىياسىي ھوقۇق ۋە پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 تۈرلۈك ئۆلچەم بويىچە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەركىنلىك ئەھۋالىنى، ئەركىنلىككە ئىگە، ئەركىنلىك يوق ۋە بىر قەدەر ئەركىن دەپ ئۈچ خىل دەرىجىگە بۆلۈپ باھالاپ كەلمەكتە، تەيۋەن بۇ دوكلاتتا ئەركىنلىك بار دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

ئەركىنلىك ئۆيى سەيشەنبە كۈنى دۇنياغا مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىش بىلەن تەڭ، "خىتاي گەرچە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە 2008 - يىلىدا خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەدىلىرىنى بەرگەن بولسىمۇ، ھەتتا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭمۇ خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ياخشىلىشىغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلمىگەنلىكى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ " دەپ جاكارلىدى.

ئەركىنلىك ئۆيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا رايونى تەتقىقاتچىسى ساراخ كوك خانىم، "خىتاي ئۆتكەن بىر يىلدا، ئەكسىچە ئولىمپىكتىن پايدىلىنىپ دىنىي ئەركىنلىكنى، بولۇپمۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي دىنىي كونتروللۇق ھەم بېسىمنى كۈچەيتتى، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى تېخىمۇ تەقىپكە ئېلىندى،" دېدى.

خىتاي ئىلگىرىكى دوكلاتلاردىمۇ ئەركىنلىك يوق دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىدى، بۇ قېتىمقى دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي سىياسىي ھوقۇق ۋە پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىك ھوقۇقلىرى جەھەتتىكى ئۆلچەملەر بويىچە ئەڭ ناچار باھالانغان.