فىلىپپىن 10 دانە يېڭى تىپتىكى تىكئۇچار سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

فىلىپپىن دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كېلەر يىلىدىن باشلاپ 10 دانە يېڭى تىپتىكى تىكئۇچار سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.07.18

فىلىپپىننىڭ بۇ قارارى خىتاي بىلەن بولغان دېڭىز تەۋەلىكى دەتالىشى بىر قەدەر كۈچەيگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.

فىلىپپىن ھاۋا ئارمىيە پودپولكوۋنىكى مىگۇئېل ئوكۇل كەلگۈسىدە سېتىۋالىدىغان تىكئۇچارلارنىڭ تىپى ھەققىدە توختىلىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئىتالىيە، فرانسىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تىكئۇچار سېتىپ بېرىشكە قىزىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوكول مۇنداق دېدى: بىز، نۆۋەتتىكى MG-520 تىپلىق تىكئۇچارلارغا قارىغاندا، قوراللىرى بىر قەدەر كۆپ ھۇجۇمچى تىكئۇچار سېتىۋالماقچى.

مەلۇم بولۇشىچە، MG-520 تىپلىق تىكئۇچارلار يېنىك تىپتىكى ھۇجۇمچى تىكئۇچار بولۇپ، بۇلارنى ئامېرىكا 1990-يىللىرى تەمىنلىگەن ئىكەن.

ئوكۇل يەنە بۇ يېڭى سېتىۋالىدىغان تىكئۇچارلارنىڭ چېگرا مۇداپىئەسى، ياردەم ئەسلىھەلىرىنى يەتكۈزۈش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىنى ئايلاردىن بۇيان فىلىپپىن بىلەن خىتاي ئارىسىدا دېڭىز تەۋەلىكى تالاش-تارتىشى بىر قەدەر كۈچەيگەن. شۇنىڭغا ئەگىشىپ فىلىپپىننىڭ ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن تېخنىكىلىق ياردەم تەلەپ قىلىشىمۇ بىر قەدەر كۆپەيگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.